«تاۋاپ قۇدۇم»نى قانداق قىلىشى كېرەك؟

«تاۋاپ قۇدۇم»نى قانداق قىلىشى كېرەك؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مەن بۇ يىل ھەجگە بارماقچى. ھەج قوللانمىلىرىنى كۆرۈپ چىققان بولساممۇ، ئايدىڭ بولمىغان بىرقانچە مەسىلە بارىسىدا سوئالىمغا ياردەم قىلسىڭىز. مەن زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 20 – كۈنلىرىدىن بۇرۇن بارغاندىن كېيىن «ھەج تەمەتتۇﺋ» ياكى «ھەج قىران» قىلسام بولامدۇ؟ بەزىلەر: «ئۆمرەنى پەقەت رامازاننىڭ ئالدىدا بارغاندا قىلىدۇ» دەيدۇ. زادى قانداق؟ ئەگەر «ھەج تەمەتتۇﺋ» ياكى «ھەج قىران» قىلسام «تاۋاپ قۇدۇم»نى قانداق قىلىمەن؟ «ھەج تەمەتتۇﺋ» قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭدىن يولغا چىقسام، نەدە ئېھرام باغلايمەن؟ نېمە ئىشلارنى قىلىپ ئاندىن ئېھرامدىن چىقىمەن؟ ھەج ۋاقتىغىچە قايسى پائالىيەتلەر بىلەن بولۇش ياخشى؟ چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. رەھمەت!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەجگە بارماقچى بولغان كىشى ھەجنىڭ «ھەج تەمەتتۇﺋ»، «ھەج قىران» ۋە «ھەج ئىفراد»تىن ئىبارەت ئۈچ تۈرىدىن بىرىنى تاللاپ نىيەت قىلسا بولىدۇ.

1. «ھەج تەمەتتۇ» دېگىنىمىز: ھەج ئايلىرى بولغان «شەۋۋال»، «زۇلقەئدە» ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى 9 كۈنى ئىچىدە ئۆمرەگە نىيەت قىلىپ ئېھرام باغلاپ تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىپ ئۆمرەنى تولۇق قىلغاندىن كېيىن چاچ چۈشۈرتۈپ ئېھرامدىن چىقىپ يۇرتىغا قايتماستىن مەككەدە كۈتۈپ تۇرۇپ زۇلھەججە ئېيىنىڭ 8 – كۈنى تۇرغان ياتىقىدىن ھەجگە نىيەت قىلىپ ئېھرام باغلاپ مىنا، ئەرەفاتلارغا چىقىپ ھەج قىلىشتىن ئىبارەت. ئېھرامدىن چىقىپ تۇرغان ئارىلىقتا ئېھرام باغلىمىغان بولغاچقا، كىيىم – كېچەك، ئەتىر، جىما قاتارلىق ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار ئۇ كىشىگە چەكلەنمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مىنادا بىر ھەدىيە قۇربانلىق ۋاجىب بولىدۇ.

2. «ھەج قىران» دېگىنىمىز، ھەج بىلەن ئۆمرەگە بىرلا نىيەت قىلىپ، ئۆمرەنى قىلىپ ئېھرامدىن چىقماستىن ھەجنىمۇ قىلىۋېتىپ، ئاندىن بىراقلا ئېھرامدىن چىقىشتىن ئىبارەت. ياكى ئۆمرەنىلا نىيەت قىلىپ ئېھرام باغلاپ، تاۋاپ قىلماي تۇرۇپ ھەجنى ئۆمرەگە قوشۇپ نىيەت قىلىۋېتىپ، ئۆمرەنى قىلىپ ئېھرامدىن چىقماستىن ھەجنىمۇ قىلىۋېتىپ، ئاندىن بىراقلا ئېھرامدىن چىقىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مىنادا بىر ھەدىيە قۇربانلىق ۋاجىب.

3. «ھەج ئىفراد» دېگىنىمىز: ئۆمرەنى نىيەت قىلماستىن، پەقەت ھەج نىيىتى بىلەن ئېھرام باغلاپ ھەج قىلىش. بۇنىڭدا مەككەگە كېلىپ «تاۋاپ قۇدۇم» قىلىدۇ. چاچ چۈشۈرمەيدۇ. ئاندىن سافا – مەرۋە ئارىلىقىدا ھەجگە سەئيى قىلىدۇ. خاھلىسا بۇ سەئيىنى ھەج تاۋىپىدىن كېيىنگە كېچىكتۈرسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەدىيە قۇربانلىق ۋاجىب بولمايدۇ.

مەزكۇر سورىغۇچى «ھەج تەمەتتۇﺋ» قىلغىنى ئەۋزەل. چۈنكى، ھاجىلار ئادەتتە يۇرتلىرىدىن ھەدىيە قۇربانلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. ھەدىيە قۇربانلىق ئېلىپ كەلمىگەنلەر ئۈچۈن «تەمەتتۇﺋ» ئەۋزەل. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ھەدىيە قۇربانلىق ئېلىپ كەلمىگەن ساھابەلىرىنى «تەمەتتۇﺋ»  قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە: «مەندە ھەرەمگە ئەكەلگەن قۇربانلىق بولمىسا ئىدى، ئىھرامدىن چىقاتتىم» دېگەن.(1)

يەنە كېلىپ، ئۆمرە قىلىپ ھەجگە قەدەر بولغان ئارىلىق خېلى ئۇزۇن ھەمدە بۇ مۇددەتتە ئېھرامدىن چىقماي تۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولغاچقا، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىپ سېلىپ كۆپ مىقداردا فىديە تۆلىشى تۇرغانلا گەپ.

«ئۆمرەنى پەقەت رامازاندا بارغاندا قىلىدۇ» دەيدىغان گەپ يوق. ھەج ئۈچۈن بارغاندا بولسۇن، ئۆمرەگە بارغاندا بولسۇن يىلبويى قىلسا بولىدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆت قېتىم ئۆمرە قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەجى بىلەن بىللە قىلغان ئۆمرەسىدىن باشقا ئۆمرەلەرنىڭ ھەممىسىنى زۇلقەئدە ئېيىدا قىلغان. بۇلار: ھۇدەيبىيەدىن زۇلقەئدە ئېيىدا قىلغان ئۆمرە، كېيىنكى يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا قىلغان ئۆمرە، ھۈنەين ئولجىلىرىنى تەقسىم قىلغاندا جىئىرانەدىن زۇلقەئدە ئېيىدا قىلغان ئۆمرە ۋە ئۆزىنىڭ ھەجى بىلەن بىللە قىلغان ئۆمرەدۇر.(2)

مەلۇمكى، ئۇلۇغ كەئبە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەئبەنى كۆزلەپ كېلىدىغان ھاجىلارنىڭ بارىدىغان نىشانى بولغاچقا، ھەج ياكى ئۆمرە قىلغۇچى ئۇلۇغ كەئبەگە يېتىپ كەلگىنىدە ھەر ئىشتىن ئاۋۋال كەئبەنى تاۋاپ قىلىدۇ. بۇ تاۋاپ «قۇدۇم» تاۋىپى، «سالام تاۋىپى»، «ئۇچرىشىش تاۋىپى» ۋە «تەھىييە تاۋىپى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خۇددى مەسجىدكە كىرگەن كىشى كىرىپلا ئىككى رەكئەت «تەھىييەتۇل مەسجىد» نامىزى ئوقۇغانغا ئوخشايدۇ.

«تاۋاپ قۇدۇم» ھۆكمى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا مەككە سىرتىدىن كەلگەنلەر ئۈچۈن سۈننەت بولۇپ، تەرك قىلىنسا گۇناھ بولمايدۇ ياكى قان كەلمەيدۇ.(3)

«ھەج تەمەتتۇﺋ» قىلغان تەقدىردە، ئۆمرەگە تەۋە بولغان بىر تاۋاپ «تاۋاپ قۇدۇم»غا ھېساب بولىدۇ. ئايرىم ئۆمرەگە بارغان كىشىنىڭ تاۋىپىمۇ شۇنداق. بۇ ئەھۋالدا ئايرىم «تاۋاپ قۇدۇم» قىلمايدۇ. ئەمما، «ھەج قىران» ياكى «ھەج ئىفراد» قىلغان ئەھۋالدا مەككەگە كېلىپ قىلغان تۇنجى تاۋىپى «تاۋاپ قۇدۇم» بولىدۇ.

«ھەج تەمەتتۇﺋ» ياكى باشقا تۈرلۈك ھەج قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭدىن يولغا چىققان تەقدىردە، بېيجىڭ ئايرودرومدا ئېھرام باغلاپ نىيەت قىلسىمۇ ياكى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىسىگە كىرىپ ئايروپىلان خادىمى ئېھرام باغلاش چېگرىسى «مىيقات»قا كەلدۇق دەپ جاكارلىغاندا ئېھرام باغلاپ نىيەت قىلسىمۇ بولىدۇ. پۇرسەت تاپالماي ياكى بىلمەي قالغان پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا جىددە ئايرودرومغا چۈشكەندە باغلاپ نىيەت قىلىۋالسىمۇ بولىدۇ.

ئېھرام باغلاش دېگىنىمىز، ئېھرام كىيىمىنى كىيىشلا بولماستىن، بەلكى ھەج ياكى ئۆمرەگە نىيەت قىلىپ، بەزى ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. نىيەت قىلمىسا ئېھرام كىيىمىنى كىيىۋالسىمۇ ئېھراملىق ھالەتكە ئۆتمەيدۇ.

ئېھرامغا كىرمەكچى بولغاندا تىرناق ۋە چاچ ئېلىشتەك بەدەن تازىلىقى قىلىپ، تاھارەت ئېلىپ ياكى يۇيۇنۇپ، تىكىلگەن كىيىم – كېچەكلەرنى تولۇق سېلىۋېتىپ، ئېھرام كىيىمى بولغان ئىككى پارچە ئاق رەختكە ئورىنىپ ئۆمرە ياكى ھەجگە نىيەت قىلىمىز. بۇ نىيەت بىلەن ئېھرامغا كىرگەن بولىمىز. ئاندىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيمىز ۋە تەلبىيە توۋلايمىز. ئېھرامغا كىرگەن ھالەتتە چاچ – تىرناق ئېلىش، ئەتىر ئىشلىتىش، جېدەل ماجىرا قىلىش ۋە جىماغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار چەكلىنىدۇ. شۇنداقلا ئېھرام ھالىتىدە دوپپا دېگەندەك بىر نەرسە كىيىپ بېشىنى يۆگىۋالمايدۇ. كۆينەك، چاپان ۋە قونچلۇق ئاياغ قاتارلىق كىيىم – كېچەكلەرنى كىيمەيدۇ. كەمەر ياكى بەلباغ تاقىۋالسا بولىدۇ. ئوۋ ئوۋلىمايدۇ. پىت ياكى شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى ئۆلتۈرمەيدۇ. يۇيۇنسا، مۇنچىغا كىرسە بولىدۇ.

«ھەج تەمەتتۇﺋ»دا تاۋاپ، سەئيىدىن كېيىن چاچ چۈشۈرتۈپ ئۆمرەنى تامام قىلىپ ئاندىن ئېھرامدىن چىقىدۇ. «ھەج قىران» ياكى «ھەج ئىفراد»تا ھەجنى تاماملاپ ئاندىن ئېھرامدىن چىقىدۇ.

ئاياللارمۇ ئەرلەردەك قىلىدۇ. لېكىن، ئېھراملىق كىيىمى ئاياللار ئادەتتە كىيگەندەك شەرىئەتكە مۇۋاپىق كىيىملا كىيسە، ئېھراملىق كىيىمى كىيگەن بولىدۇ. يات ئەرلەر يوق يەردە ئېھراملىق ھالىتىدە يۈزىنى يۆگىۋالمايدۇ. شۇنداقلا ھەيزدار ھالەتتە ھەرقانداق تاۋاپنى قىلمايدۇ. باشقا ئىشلارنى ئەرلەرگە ئوخشاش قىلىدۇ.

ھەج قىلىش پەرز ھەجنى ئادا قىلمىغان ھەربىر مۇسۇلمان ئارزۇ قىلىدىغان ئىمان يېڭىلاش ۋە ئۆمۈرلۈك سەپەر بولغاچقا، بۇ ئۇلۇغ سەپەرگە ئالدىن مەخسۇس تەييارلىق قىلىش لازىم. ئالدى بىلەن بەندىلەرنىڭ ھەقلىرىنى قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش كېرەك. ئاندىن ھەج ئەھكاملىرىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە «ھاجىم» دېگەن نامغا ئېرىشىش قاتارلىق رىياغا ياتىدىغان قىلمىشلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ، ھەجدىن مەقسەت قىلىنغان ئىمانىي تەربىيەنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم. بولۇپمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، بۈۋى ھاجەر ۋە ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىدە ئۆرنەك قىلىنغان ئاللاھقا پۈتۈنلەي يۈزلىنىش، تولۇق بويسۇنۇش، بارلىقىنى قۇربان قىلىش، ھەقىقىي تەۋەككۇل قىلىش ۋە شەيتانغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق بىر ئۆمۈر توغرا يولغا مېڭىشقا ئاساس بولىدىغان ساغلام تەۋھىد ئەقىدىسىنى، ئاشۇ ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى بويلاپ ئەمەلىي ياشاپ بېقىش ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرىۋېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

ھەج ۋاقتىغىچە كۆپىنچە ئەخمەق كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، توختىماي دۇكان ئايلىنىپ ئاۋارە بولماي ياكى ھەمسەپەرلەر بىلەن ياتاقتا ياكى ھەرەم مەسجىدتە ئولتۇرۇپ غەيۋەت قىلىشماي، كەئبەنى تاۋاپ قىلىش، ھەرەم مەسجىدتە ناماز ئوقۇش، دۇئا – تىلاۋەت، زىكىر، دىن ئۆگىنىش، ئىماننى يېڭىلاش ۋە ئاشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان پايدىلىق ئىشلار بىلەن بولۇش كېرەك. ھەجدىن قايتقاندىن كېيىنمۇ تۇرمۇشىدا يېڭى سەھىپە ئېچىپ كافىرلاردىن سىڭدۈرۈۋالغان خاتا ئىدىيە ۋە ناچار ئەخلاقلاردىن قۇتۇلۇپ، ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق ۋە مۇئامىلىدە مۇسۇلمان دېگەن ئىسىمغا لايىق بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 28 – مۇھەررەم / م. 2016، 29 – ئۆكتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 48 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1651)؛ «مۇسلىم»، (1211).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4148)؛ «مۇسلىم»، (1253).
3. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 2\146؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/12؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/228.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ