رامازاندىكى ئۆيىڭىز

رامازاندىكى ئۆيىڭىز

سەلەفلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرى رامازاندا مېھر – شەپقەت نۇرلىرى بىلەن يورۇپ كېتەتتى، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۈزۈلمەس «قۇرئان» تىلاۋىتىدىن خۇددى غوڭۇلدىغان ھەسەل ھەرە ئۇۋىلىرىغا ئوخشاپ قالاتتى.

رامازاندىن ئىبارەت ئۇشبۇ ساناقلىق كۈنلەرنىڭ كارامەتلىرى كۆپ بولۇپ، يالغۇز بىرلا ئىنساننى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىمۇ ئىسلاھ قىلىپ ياخشىلىيالايدۇ. ئەگەر ھەربىرىمىز رامازان ئېيىدا ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىشقا بەل باغلىساق، ئۇنداقتا ئائىلىمىزنى ئىسلاھ قىلىشنىمۇ بىرگە ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم. چۈنكى، بىز مەسئۇلىيەت ئىگىسىمىز، ھەربىر مەسئۇلىيەت ئىگىسى ئەلبەتتە ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن سورىلىدۇ.

جىن – شەيتانلارنىڭ كاتتىباشلىرى رامازاندا باغلىنىدىغان بولسىمۇ، باغلانمىغانلىرى ئادىمىي شەيتانلارنى ياللاپ، كىشىلەرنى بۇ ئايدا ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىدۇ. ھەتتا ئۇلار رامازان باشلىنىشتىن ئايلار بۇرۇنلا رامازان ئېيىنىڭ كۈندۈز ۋە تۈنلىرىدە كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى قاساۋەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن پىلان تۈزۈشىدۇ. ياخشى خىسلەتلەرنى كۆپەيتىشتە مۇسابىقىلىشىش ئورنىغا تەسىرى زېمىننىلا ئەمەس ھاۋا بوشلۇقىنىمۇ بۇلغاپ، جەمئىيەتنى ناچار خۇلققا توشقۇزۇۋېتىدىغان ھەرخىل ناچار كىنو – تىياتىر، پەسكەش كومېدىيە، تېتىقسىز مۇسابىقە… قاتارلىق ياخشىلىقتىن تولىمۇ يىراق رەزىل نەرسىلەرنى تەشۋىق قىلىدۇ.

ئەي مۇسۇلمان قېرىندىشىم! «قۇرئان» تىلاۋىتى ۋە روزا ئارقىلىق يۈكسىلەلمەيدىغان، ئۇزۇن ئوقۇلغان كېچە نامىزى ۋە زىكىرلەرگە سەبر قىلالمايدىغان، كۆز، قۇلاق ۋە قەلبلەرنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۇشبۇ ساناقلىق تائەت – ئىبادەت كۈنلىرىدە قەلب ساپلىقىنى ئوغرىلاشنى ئاساسىي نىشان قىلغان، روھىيەتنى كىرلەتكۈچى ھۇجۇملارغا قارشى تۇرۇش دەل سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىزدۇر.

ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ: ﴿(ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال – سوراق قىلىنىدۇ﴾(ئىسرا: 36).

بىلىشىڭىز كېرەككى، ھەربىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ قۇلاق، كۆز ۋە قەلبلىرىمىزنىڭ ئەمەللىرىدىن سورىلىپلا قالماي، مەسئۇلىيەت دائىرىمىزدىكىلەرنىڭكىدىنمۇ، بىزگە ئامانەت قىلىنغانلارنىڭكىدىنمۇ سورىلىمىز.

ئاللاھ تائالا بىزگە ﴿ئى مۇئمىنلەر!﴾ ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار!﴾ دەپ نىدا قىلىپ تۇرۇپ، بىزنى ــ رامازاندا ۋە باشقا چاغلاردا ــ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىمىزنى پىتنىدىن ساقلاپ، ئازابتىن ساقلاشقا چاقىرىدۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا – چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ﴾(تەھرىم: 6).

بۇ مۇبارەك ئايدا بالا – چاقىلىرى بىلەن كارى بولماي، بۇ مۇبارەك ئايدا ئۇلارنى كېچە – كۈندۈز پاساتچىلىق ۋە ناشايان ئىشلارنى قىلىشقا تاشلاپ قويغانلارنى كۆرمەيۋاتامسىز؟! ئەجەبا بۇ بالىلىرىغا كۆيۈنگەنلىكمۇ؟! ئۇلار ئۆزىنى ۋە ئەھلىنى جەھەننەم ئوتىدىن قانداقمۇ ساقلاپ قالار؟! رامازاندىمۇ باشقا ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش ئىبادەتكە سەل قاراۋاتقانلار قانداقمۇ تەقۋادار ھېسابلانسۇن؟!

ئائىلە ئەزالىرىڭىزنىڭ روزا تۇتۇشىغا باشلامچى بولۇڭ! ئۇلارنى تەراۋىھ ئوقۇشقا يېتەكلەڭ، تەھەججۇدقا ئويغىتىڭ، «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش جەريانىدىكى ھال – ئەھۋاللىرىغا زەن سېلىڭ، ئىمان ۋە ئىتائەت بارىدىكى تەرەققىياتلىرىنى، بولۇپمۇ نامازدىكى ئىلگىرىلەشلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭ: ﴿ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر﴾(تاھا: 132).

ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ماختاپ، ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ دىنىنى (يەنى ئاخىرەتلىكىنى) دۇنيالىقىدىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكى، بولۇپمۇ نامازغا سەل قارىمىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىسمائىل (نىڭ قىسسىسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، رەسۇل ھەم پەيغەمبەر ئىدى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى﴾(مەريەم: 54 – 55).

ئەي روزىدار قېرىندىشىم ۋە روزىدار ھەمشىرەم! رامازان ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى بەرپا قىلىدىغان مەزگىل بولغاچقا، ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش بىلەن ۋاقتى ھۆرمەتلىكتۇر، بىز مۇسۇلمانلار شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە رەببىمىزنىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىلىرىنى ئۇلۇغلاشقا بۇيرۇلدۇق: ﴿كىمكى دىنىي ئىشلارنى (جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى، قۇربانلىقلارنى) ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر﴾(ھەج: 32) ۋە ﴿كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا (يەنى ھەج جەريانىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلەنسە)، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى) ئۈچۈن ياخشىدۇر﴾(ھەج: 30).

¯ رامازانغىلا خاس شۇ پاك – پاكىز ۋاقىتلارنى بۇلغايدىغان بەتبەشرە، ئەخلاقسىز، ناشايان رەسىملەر ۋە كىشىلەرگە «قۇرئان»نى ئۇنتۇلدۇرىدىغان ھەرخىل ناخشا – مۇزىكىلارنى ئائىلىمىزگە يېقىن يولاتماسلىقىمىز ئاللاھ تائالانىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلاش جۈملىسىدىندۇر. ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ: ﴿بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ﴾(لوقمان: 6).

¯ بالىلىرىمىز جامائەت نامىزىغا چىقمىسا كارىمىز بولماي تاشلاپ قويماسلىقىمىزمۇ ئۇشبۇ مۇبارەك رامازان ئېيىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش ۋە ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلاشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، جامائەت نامىزىغا سەل قاراش چوڭ يوقىتىش ۋە ھالاكەتكە قەدەم ئالغانلىقتۇر. ﴿ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارلا جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن) ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ﴾(مەريەم: 59 – 60). ھالبۇكى رامازان نامازلارنى زايە قىلىۋېتىشكە تەۋبە قىلىۋېلىش ۋە بالىلارنى جامائەت ۋە مەسجىد بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ياخشىلاشقا كۆندۈرۈشتىكى ياخشى بىر پۇرسەتتۇر.

¯ پەرزەنتلەرنى نومۇسچان، ھايالىق يېتىشتۈرۈشمۇ بۇ مۇبارەك ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھتىن ھايا قىلىش ئەخلاقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغاچ روزىنىڭ جەۋھىرى ۋە روزىدارلارنىڭ زىننىتى ھېسابلىنىدۇ.

بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ــ ئەي خالايىق! ئاللاھتىن ھەقىقىي رەۋىشتە ھايا قىلىڭلار! ــ دېگەندە، ساھابەلەر:

ــ ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئەلھەمدۇلىللاھ، بىز ھايا قىلىمىز، ــ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋابەن:

ــ ئاللاھتىن ھەقىقىي رەۋىشتە ھايا قىلىش ــ باشنى ۋە باشتىكى ئەزالارنى، قورساق ۋە قورساق ئىچىدىكى ئەزالارنىمۇ ھارامدىن ساقلاش، شۇنداقلا ئۆلۈمنى ۋە (ئۆلۈمدىن كېيىنكى) چىرىشنى ئەسلەشتۇر، كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن، دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى تاشلايدۇ، كىمكى شۇنداق قىلسا، ئاللاھتىن ھەقىقىي ھايا قىلغان بولىدۇ، ــ دېدى([1]).

¯ رامازان ئېيىنى بۇزۇپ – چېچىشتىن يىراق، تۈرلۈك ھەۋەسلەردىن خالىي، زىكىر – تەسبىھ، دۇرۇد – نامازلارغا بېرىلگەن ھالدا ئۆتكۈزۈشمۇ رامازاننى ئۇلۇغلاشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇنداق قىلغاندىلا كېلەچەك ئەۋلادلارغا «رامازان دېگەن كېچىنى نوقۇل يەپ – ئىچىدىغان، كۈندۈزنى بىھۇدە دۇنيا ئىشلىرى بىلەنلا ئۆتكۈزىدىغان نادان – ئەخمەقلەرنىڭ كەيپ – ساپا، كۆڭۈل ئېچىشقا تولغان، تائەت – ئىبادەتسىز غەپلەت ئېيى ئىكەن» دېگەن خاتا ئىدىيەنىڭ سىڭىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇشى مۇمكىن.

ئەي ئائىلە بالا – چاقىلىرىدىن مەسئۇل قېرىندىشىم! سىز رامازاندا 30 كۈنلۈك پروگرامما تۈزۈڭ! ئائىلىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، ئەزالارغا قارىتا يېپىق شەكىللىك كۇرۇس ئورۇنلاشتۇرۇڭ. چوڭ – كىچىك ھەممەيلەننى «قۇرئان» بىلەن ھەمسۆھبەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ «قۇرئان» يادلىشىغا ياردەملىشىڭ، ئۇنتۇپ قالغانلىرىنى تەكرار قىلىشىپ بېرىڭ، ئۆگەنگەن ۋە چۈشەنگەنلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇڭ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىلەردۇر»([2]) دەپ تەلىم بەرگىنىدەك، كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى «قۇرئان» ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشى تۇرسا، ئەلبەتتە «قۇرئان» ئۆگىنىشكە ئەڭ ھەقلىق كىشى دەل سىز، ئۆگىتىشىڭىزگە ئەڭ ھەقلىقى ئەلبەتتە سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەر بولىدۇ – دە! دېمەك، رامازاندا ئائىلىنىڭ «قۇرئان» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىغان ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت بار.

رامازانلىق ئائىلە پروگراممىڭىزدا ئائىلىڭىزدىكىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىدايىتىنى چىڭ تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەسسە قوشالايسىز.

تۇنجى قەدەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ۋە روزىدىكى تۇتقان يولى بولسۇن. بۇ پروگراممىدا يەنە قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى باشقۇرۇشقا قىزىقتۇرىدىغان، مەردلىك ۋە ئەپۇچانلىققا، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا ھېرىسمەن ۋە مۇلايىم بولۇشقا چاقىرىدىغان رامازان ئەخلاقلىرى بىلەن ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئىسلام ئەخلاقىغا يېتەكلىيەلەيسىز.

بالا – چاقىلىرىڭىزنى رامازان ھۆرمىتىنى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق دىنىي ئەھكاملارنى ئۇلۇغلاشقا ئادەتلەندۈرەلەيسىز. رامازاننى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ھىمايە قىلغان كىشى ئۇنىڭ ئالدى – كەينىدىكى كۈنلەرنىمۇ ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ھىمايە قىلىدۇ، ئەلبەتتە. چۈنكى، ئاللاھقا يېقىنلىشىش مۇئەييەن ۋاقىت بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ.

ئاتىلارنىڭ بالىلىرىغا قارىتا رامازان ئېيىدىكى مەسئۇلىيىتى دۇنيالىق ئىشلارنى تەلىم بېرىش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بالا – چاقىلىرىنى ئاللاھنىڭ تەقۋادارلىقتا بەسلەشكەن ئىتائەتمەن بەندىلىرىگە بېرىدىغان ئالىي مۇكاپاتى ۋە يۈكسەك رەھمىتىگە ئالدىرىتىشى بىلەن ئادا تاپىدۇ.

بالىلىرىچۈن پۇل ۋە مال، دەپن – دۇنيا يىغقانلار،

ھەسەت، تارلىق، غىيبەتنىڭ پۇراغىدىن قورقۇرلار.

بولسا بايلىق بەس ئېرۇر، قىلماس پەرۋا ھەر نەگە،

قايتار ئۇڭا ئالدىنىپ ئاخىرەتكە، مەھشەرگە.

ئاڭلا سۆزۈم، ئەي دوستۇم، نەسىھەتىم قۇلاق سال،

توپلاپ يۈرمە بالاڭغا دۇنيا مالى ــــ پۈچەك مال.

بالىلىرىچۈن «قۇرئان»، «سۈننەت» توغرا يول،

ساقلانسۇنلار مال دۇنيادىن قىز – ئوغۇل.

كۇپايىدۇر رەببىڭ ئاڭا ھەم قوغدار،

بىل ھەر زامان ۋەدىسىدە ھەق تۇرار.

چەتنەپ كەتسە ھىدايەتتىن گەر ئۇلار،

بۇزغۇنچىلىق قەرزگىمۇ ھەم بوغار.

ھەق يولىدىن قايغان كۈنى زالالەتكە پۇت باسار،

 چۈمۈلىدەك تەرگەن مالىڭ ئىشرەتخورغا يار بولار.

ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىغىن، بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلغىن، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ ئىمامى قىلغىن!… ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

————————————
([1]) «تىرمىزىي»، 2458 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 3662 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
([2]) «بۇخارىي»، 5027 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ