رامازاندىكى دۈشمەنلىرىڭىز

رامازاندىكى دۈشمەنلىرىڭىز

سىزنىڭ قېرىنداش، دوست – بۇرادەرلىرىڭىز بولغىنىدەك، دۈشمەنلىرىڭىزمۇ بولۇشى ئېنىق. بىر يىل ئىچىدىكى رامازان ئېيىدىن باشقا چاغدا دۈشمىنىڭىزگە قارشى رامازاندىكىدەك ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىز. سىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك دۈشمىنىڭىز رامازاندا زەنجىر – كىشەن سېلىنىدىغان قارغىش تەگكۈر شەيتان ۋە ئۇنىڭ لەنەتگەردى ئەۋلادلىرىدۇر. مۇئمىن بۇ مۇبارەك ئايدا ــ يىلىنىڭ قېپقالغان ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتا ياخشى بىر ھازىرلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن ــ ئۇنى مەغلۇپ قىلىشقا قادىر بولالايدۇ. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «رامازان ئېيى كەلگەندە، جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ ۋە شەيتانلار (زەنجىرلەر بىلەن) كىشەنلىنىدۇ»([1]).

شەيتانلارنىڭ كىشەنلىنىشى ياكى زەنجىرلىنىشى بىلەن ئۇلار ئىنسانلارغا دارىيالمايدۇ، يەنى ئىنسانلارنىڭ دىللىرىغا كىرىدىغان شەھۋەت ۋە ھاۋايى – ھەۋەس يوللىرى تاقىلىدۇ. ئىمام ئىبنى كەسىر([2]) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «روزا تۇتۇشتا بەدەننى تازىلاش ۋە شەيتاننىڭ يوللىرىنى تارايتىش باردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ‹سەھىھەين›دە: ‹ئى ياشلار! سىلەردىن ئۆيلىنىشكە كۈچى يەتكەنلەر بولسا (دەرھال) ئۆيلەنسۇن، كىمنىڭكى ئۆيلىنىشكە كۈچى يەتمىسە روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى شەھۋەت كەسكۈچىدۇر›»([3]) دەپ كەلگەن».

رامازاندا ۋە رامازاندىن باشقا ۋاقىتلاردا روزا تۇتۇشنىڭ شەيتاننىڭ يوللىرىنى تارايتىشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكى باردۇر. ئەمما، رامازاندا شەيتاننىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىرىغىلا يول تارايتىلماستىن، بەلكى كاتتىباشلىرى ھەقىقىي بىر شەكلىدە ئىنسانلاردىن چەكلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ چەكلىنىشى بىلەن مۇئمىن بۇ ئايدا ئەڭ چوڭ دۈشمىنىدىن قۇتۇلغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ياردەمگە ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، باغلانمايدىغان ۋە زەنجىرلەنمەيدىغان ھاۋايى – ھەۋەس ۋە نەپسىگە قارشى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراشقا موھتاجدۇر.

ئىنسان بىلەن شەيتان ئوتتۇرىسىدىكى بۈيۈك جەڭ ھېچقاچان توختاپ قالمايدۇ. رامازاندىكى بۇ تىنچلىقتا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا شەيتاننىڭ مەغلۇپ قىلىنىشى، شۇنداقلا نەپسىنىڭ شەيتاننىڭ پىتنە – پاساتلىرى، ۋەسۋەسە ۋە ئازدۇرۇشلىرىغا قارشى ياردەمگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئىمانىي كۈچ – قۇۋۋەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇرسەت باردۇر.

 رامازاننىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلغان كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە ئۈچ ئىشقا ناھايىتى بەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بايقايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچ ئىش ھەرقانداق زامان ياكى ماكاندا شەيتانغا قارشى ئەڭ ياخشى قورالدۇر. بۇلار:

بىرىنچىسى، غەپلەتكە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن زىكىرنى كۆپ ئېيتىش؛

ئىككىنچىسى، ئىسراپقا قارشى ئىقتىسادچىل بولۇش؛

ئۈچىنچىسى، ۋاقىتنى بىھۇدە زايە قىلىدىغان، تائەت – ئىبادەت پۇرسەتلىرىنى قاچۇرۇۋېتىدىغان پايدىسى يوق ئىش – ھەرىكەتلەرگە بېرىلمەي، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا يۈزلىنىش.

ئىنسان كۆپ زىكىر – تەسبىھ ئېيتىش، ئىقتىسادچانلىق قىلىش ۋە پايدىسى يوق ئىشلارنى تەرك ئېتىش قاتارلىق بۇ ئۈچ قورال بىلەن شەيتانغا قارشى ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ.

1. زىكىر: يەنى رامازان ئېيىدىكى «قۇرئان» ئوقۇش ۋە كېچىلىك قىيام. بۇنىڭ بىلەن شەيتاننىڭ ئەڭ چوڭ ھىيلە – مىكىرلىرىدىن بىرى بولغان «غەپلەتتە قالدۇرۇش»نى پاچاقلاپ تاشلىغىلى بولىدۇ. چۈنكى، بەندە ئاللاھنى ئەسلىگەن ۋاقتىدا شەيتان يوشۇرۇنىدۇ، غەپلەتتە قالغان ۋاقتىدا ۋەسۋەسە قىلىدۇ.

2. ئىقتىسادچانلىق: بۇ رامازان روزىسىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى، ئۇ شەيتاننىڭ ئىنساننى ئارتۇق گەپ قىلىش، ئارتۇق تاماق يېيىش، ئارتۇقچە ئۇخلاش، بىھۇدە قاراش، ئۆزىگە پايدىسىز سۆزلەرنى ئاڭلاشتىن ئىبارەت ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ ئازدۇرۇشىنى چەكلىيەلەيدۇ. بۇ يەردىكى «ئارتۇق»تىن مەقسەت «مۇباھ»تىن زىيادە بولغان مىقدار ياكى مۇباھتا ئىسراپچىلىق قىلىشتۇر. مۇباھتا ئىقتىسادچان ياكى ئوتتۇراھال بولماسلىق شەيتاننىڭ ئەڭ چوڭ كىرىش ئىشىكلىرىنىڭ بىرىدۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ﴾(ئەئراف: 31).

3. پايدىسى يوق ئىشلارنى تەرك ئېتىش: بۇنىڭدىن رامازاندا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا ئىشارە قىلىنىدۇ. يەنى مەيلى رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا مەسجىدلەردە قىلىنىدىغان ئېتىكاپ بولسۇن ياكى ئىنسانلارنىڭ ئەيىبلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەيىبى بىلەن مەشغۇل بولۇش، ئىنسانلارنى ھېسابقا تارتىشتىن ئۇزاق تۇرۇپ، ئۆز نەپسىنى ھېسابقا تارتىش دېگەندەك ئومۇمىي شەكىلدە ئىنسانلاردىن ئۆزىنى تارتىش بولسۇن، ھەممىسى مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى شەيتاننىڭ ئۈچ تەرەپتىن كېلەلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ:

بىرى، ئېھتىياج مىقداردىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىسراپخورلۇق؛ بۇ شەيتاننىڭ نېسىۋىسى ۋە ئۇنىڭ قەلبكە كىرىش ئېغىزىدۇر. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ــ يېمەك – ئىچمەك، ئۇيقۇ – ئارام ۋە راھەت – پاراغەت قاتارلىق نەرسىلەرنى نەپسىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئارتۇق بېرىشتىن ساقلىنىشتۇر. بۇ ئىشىك قاچان تاقالسا، شۇ چاغدا دۈشمەننىڭ كىرىشىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ.

يەنە بىرى، غەپلەتتە قېلىش؛ ھەقىقەتەن زىكىر ئېيتقۇچى زىكىر قورغىنىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. قاچانكى غەپلەتتە قالسا، قورغاننىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، دۈشمەن كىرىۋالىدۇ. ئۇ دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىش بەسى مۈشكۈلدۇر.

ئۈچىنچى بىرى، ھەرقانداق جەھەتتە پايدىسى يوق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش»([4]).

شەيتانلارنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ باغلىنىشى بىلەن مۇئمىنلەرگە ــ ئىنسانلاردىن بولسۇن ياكى جىنلاردىن بولسۇن كىچىك شەيتانلارغا قارشى تۇرۇشلىرى ئۈچۈن ــ شەيتانلارنىڭ چوڭلىرىدىن كېلىدىغان كۆپلىگەن يامانلىقلاردىن ساقلىنىشتا ئاسانچىلىق باردۇر. بۇ بىر يىل ئىچىدە پەقەت بىر ئايلا بولىدىغان پۇرسەتتۇر. ئىمام ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ: «ئەي مۇسۇلمانلار، سۆيۈنچە! سەككىز جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى سىلەر ئۈچۈن بۇ ئايدا ئېچىلدى. جەننەتنىڭ مەيىن شاماللىرى مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىگە ئۇرۇلغۇسى. جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى سىلەر ئۈچۈن تاقالدى. شەيتاننىڭ كاتتىباشلىرى ۋە ئەۋلادلىرى سىلەر ئۈچۈن باغلاندى. شەيتاننىڭ شان – شەۋكىتىنى تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن پاچاقلاپ تاشلاڭلار. شەيتان پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردىن ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا پاچاقلاپ تاشلىنىشنىڭ ئەلەم ئازابىدىن ئىڭرايدۇ. بۇ ئايدا گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىپ، رەھمەت ياغقانلىقىدىن رەھمان تائالانىڭ قوشۇنى غەلىبە قىلىپ، شەيتان گۇرۇھى مەغلۇپ بولغانلىقىغا چىدىيالماي چىرقىراپ كېتىدۇ»([5]).

گەرچە بۇ ئايدا ئىنسانلارنىڭ چوڭ دۈشمەنلىرىدىن شەيتانلار باغلانسىمۇ، يامانلىققا بۇيرۇغۇچى نەپس ۋە توغرا يولدىن ئازدۇرغۇچى ھاۋايى – ھەۋەستىن ئىبارەت ئىككى دۈشمىنى ئىنسانغا يەنىلا ھەمراھتۇر. كىشى ئۈچۈن ئۇ ئىككى دۈشمەنگە قارشى ياردەمچىمۇ تەيياردۇر.

ناچار ئىشلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ، نەپسىنى پىتنە – پاساتلاردىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇنى يۈكسەك ماقاملارغا يۈزلەندۈرىدىغان ساغلام قەلب يامانلىققا بۇيرۇغۇچى نەپسىگە قارشى ياردەم بېرىدۇ.

نەپسنىڭ دۈشمەنلىكىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە نەپسنىڭ يېقىن ۋە يامانلىقىنىڭ يوشۇرۇن ئىكەنلىكى ۋەجىدىن، شەيتاندىن پاناھ تىلەشتىن ئىلگىرى نەپسنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەشنى ئۆگىتىپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى ئاللاھ! سەندىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. سەن ھەر نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئىگىسىسەن. ساڭا سىغىنىپ نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن، شەيتاننىڭ ۋە شېرىكلىرىنىڭ يامانلىقىدىن، ئۆز نەپسىمگە ياكى بىر مۇسۇلمانغا يامان ئىش قىلىپ قېلىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن»([6]).

شەيتان ئىنساننى نەپسى ئىشتىھا قىلىدىغان نەرسە بىلەن تەدرىجىي مەغلۇپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، روزا تۇتۇشتا نەپسنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن بىر تەربىيەلىنىش باردۇر.

ھاۋايى – ھەۋەس ئەقىل بىلەن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئەقىلنى نېئمەت قىلىپ بېرىشى ھاۋايى – ھەۋەسنى كونترول قىلىشى ئۈچۈندۇر. توغرا ئەقىل ئىنساننى تەگسىز ھاڭلارغا ئېلىپ بارىدىغان يەڭگىلتەكلىكتىن قوغدايدۇ.

ھاۋايى – ھەۋەسنىڭ ھاۋا «هوى (يەنى چۈشمەك، دومىلىماق، غۇلاپ كەتمەك)» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئەقىللەرگە ھۆكۈمران بولۇۋالغان، ھەتتا ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ قىلىنغان چاغدا، ئىگىسىنى ھاڭغا تاشلايدىغانلىقى ۋە مۇسىبەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

﴿ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپس – خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە (نەپس – خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئۇنى ساقلاپ قېلىش) ئۈچۈن ھامىي بولالامسەن؟ ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گېپىڭنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر، دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار (چۈشەنمەسلىكتە) پەقەت چاھارپايلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر﴾(فۇرقان: 43 – 44).

ئىنسان شەيتىنىغا، ھاۋايى – ھەۋىسىگە ۋە نەپسىگە قارشى ئاللاھتىن ياردەم سوراشتا زىكىر قورغىنى بىلەن قوغدىنىش، داۋاملىق ئاللاھقا سىغىنىش، يالۋۇرۇش، موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ۋە چىن كۆڭلىدىن ﴿ئى رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز﴾(فاتىھە: 5) دېيىش بىلەن بىرلىكتە، ئەقىل بىلەن زىننەتلىنىش ۋە دىن – دىيانەتنى يېڭىلاشتىن ئىبارەت شەرىئەتتە بۇيرۇلغان سەۋەبلەرنى تۇتۇپ مېڭىشى زۆرۈردۇر. ئەقىللىق كىشى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا بەرگەن سەۋەبلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇ زاتتىن ياردەم سوراپ، ئەڭ كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى ئەڭ كۈچلۈك قورالنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ.

ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا شەيتان بىلەن پەرىشتىنى، ئەقىل بىلەن ھاۋايى – ھەۋەسنى، يامانلىققا بۇيرۇغۇچى نەپس بىلەن پاك قەلبنى بىر – بىرىگە دۈشمەن قىلدى. بەندىنى شۇنىڭ بىلەن سىناپ بۇلارنىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ ھەربىر تەرەپكە قوشۇن ۋە ياردەمچىلەرنى ياراتتى. ئىككى پىرقىنىڭ ئارىسىدىكى ئۇرۇش، بىرسى يەنە بىرسىنى مەغلۇپ قىلغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئەگەر قەلب، ئەقىل ۋە پەرىشتە غەلىبە قىلسا، خۇشاللىق، نېئمەت، لەززەت، سۆيۈنۈش، ياخشى ھايات، كۆڭۈل راھەتلىكى ۋە غەنىيمەتلەر بىلەن نىجاتلىققا ئېرىشىش بولىدۇ. ئەگەر نەپس، ھاۋايى – ھەۋەس ۋە شەيتان غەلىبە قىلسا، غەم – قايغۇ، دېلىغۇللۇق، خىلمۇخىل يامان كۆرۈلگەن ئىشلار ۋە كۆڭۈل راھەتسىزلىكى بولىدۇ»([7]).

بىز رامازاندا، رامازاندىن كېيىنكى ھايات ئۈچۈن بۇ ئۇرۇشقا كىرىشكە مەجبۇرمىز. ئاللاھ بۇ ئۇرۇشتا بىزگە ياردەم بېرىشكە كېپىل بولدى. رامازاننى بىزگە ئەڭ كۈچلۈك قالقان ۋە ئەڭ كۈچلۈك قورال قىلىپ بەردى. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك: «روزا سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۇرۇشتىكى قالقىنىغا ئوخشاش بىر قالقاندۇر»([8]) ياكى: «روزا مەزمۇت قالقاندۇر»([9]).

ئى ئاللاھ! بىزنى روزا ۋە تەقۋالىق بىلەن قوغدىغىن. دۈشمىنىمىزگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن. بىزنى نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىغىن… ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

———————————————————————
([1]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1766 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1793 – ھەدىس.
([2]) ئىمام ئەبۇلفىدا ئىمادۇددىن ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى كەسىر ئەلقۇرەشىي ئەلبەسرىي ئەددىمەشقىي (أبُو الفِداءِ إِسْمَاعِيلُ بنُ عُمَرَ بنِ كَثِيرٍ القُرَشِيُّ البَصْرِيُّ الدِّمَشْقِيُّ، ھ. 701 – 774 / م. 1301 – 1373) ــ ئاتاقلىق مۇفەسسىر، تارىخچى، ھەدىسشۇناس ۋە شافىئىي فەقىھ. ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ شاگىرتى. مەشھۇر «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر (تفسير القرآن العظيم)»، «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، «شافىئىي فۇقاھالار تەرجىمىھاللىرى»، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» ۋە «سەھىھۇل بۇخارىي شەرھى»(بىزگە يېتىپ كەلمىگەن) قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى. ــ ت.
([3]) ئىبنى كەسىر: سۈرە «بەقەرە» 183 – ئايەتنىڭ تەپسىرى. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5066 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1400 – ھەدىس.
([4]) ئىبنۇلقەييىم: «فەۋائىد»، 119 – بەت.
([5]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 53 – بەت.
([6]) «تىرمىزىي»، 3452 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([7]) ئىبنۇلقەييىم: «فەۋائىد»، 60 – بەت.
([8]) «نەسائىي»، 2230 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن
([9]) «تىرمىزىي»، 614 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ