ئىنتېرنېت ئارقىلىق نېفىت سودىسى قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىنتېرنېت ئارقىلىق نېفىت سېتىۋېلىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن باھا ئۆسكەندە ئىنتېرنېتتىلا ساتسا، پايدا قىلىدىكەن. بۇ سودىنىڭ شەرئىي جەھەتتىن چەكلىنىدىغان تەرىپى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن

بۇ سودا ھازىرقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇسۇللاردا توغرا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ سودا ئاخىرى بېرىپ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى (بورسا) ئاكسىيە بازارلىرىغا ياكى لوندوندىكى ئاكسىيە بازىرىغا تاقىلىدۇ. ئۇ يەردە ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي نېفىت يوق، لېكىن نېفىت بار دېگەن ئاساستا سودا – سېتىق قىلىنىدۇ. نەتىجىدە، بۇ سودىنى قىلغۇچىلار بىرىنچىدىن، ناتوغرا سودا قىلسا، ئىككىنچىدىن، بۇ سودا ئارقىلىق لوندوندىكى بېدىكلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ پۇلى بىلەن بوردايدۇ. ئەسلىدە ھەقىقىي نېفىت بولسا، ئۇنى تور ئارقىلىق ئادەتتىكى سودىلاردەك شەرىئەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئۇسۇلدا سېتىۋېلىپ، تاپشۇرۇپ ئېلىپ ساقلاپ ساتسا جائىز بولاتتى.

ئىنتېرنېت ئارقىلىق نېفىت (شېكەر، ئاليومىن، مىس ۋە قوغۇشۇن قاتارلىق تاۋارلارمۇ ئوخشاش) سودىسى قىلىشتىكى مەۋھۇملۇق، ئاكسىيە بازارلىرىدىكى ھەقىقىي تاۋار ياكى ھەقىقىي ئېلىم – سېتىم يوق توختاملاردىن شەكىللىنىدۇ. چۈنكى بۇ توختاملاردا ئادەتتە نورمال توختاملاردا قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرت قىلىنىدىغان تاۋار بىلەن پۇلنى ياكى ئۇنىڭ بىرىنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرتى تېپىلمايدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇ شەرت تېپىلمايدۇ دېگەندە، ئۇ تاۋارلارنى ساتقۇچىلارنىڭ قولىدا ئەمەلىيەتتە ئۇ تاۋارلار مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇلار ئۆز ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان تاۋارلارنى ساتىدۇ. ئۇ تاۋارنى سېتىۋالغۇچىمۇ ئۇنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپلا باشقىلارغا سېتىۋېتىدۇ. سودىلار مۇشۇ تەرىقىدە مېڭىۋېرىدۇ. بۇ ئىلكىدە بولمىغان نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت.

ئىلكىدە يوق نەرسىنى ياكى تاپشۇرۇپ بېرەلمەيدىغان نەرسىنى سېتىش قاتارلىق نەتىجىسى مەۋھۇم بولغان توختاملار شەرىئەتتە ھارام توختاملاردۇر.

خەلقئارا ئاكسىيە بازارلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان نېفىت ۋە باشقا تاۋار سودىلىرى يەنە، كېلەچەكتە قىلىشقا پۈتۈشكەن (Futures contracts) سودىلىرى ۋە ئىختىيارلىقلار بىلەن تولغان  ئوبشىن (Option contracts) توختاملىرى، لايبور (LIBOR) كۆرسەتكۈچى بويىچە سودىلىشىش ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغاننى سېتىش قاتارلىق بىرمۇنچە ھارام ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسىلەن، ئوبشىن توختامى بويىچە، كىشى مەلۇم تاۋار ياكى پايچېكىنى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ،مەلۇم باھادا سېتىۋېلىش ھەققىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقنى سېتىۋالغان كىشى بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تۆلەيدۇ. ئەگەر خالىسا شۇ مۇددەت ئىچىدە شۇ باھادا شۇ تاۋارنى سېتىۋالىدۇ. سېتىۋالمىسا تۆلىگەن پۇلنى زىيان تارتىدۇ.

يەنە بۇ تۈرلۈك سودىلار جازانە ۋە چەكلەنگەن باشقا ئىشلاردىن خالىي بولالمايدۇ.

بەلكى تېخى، ئۇ بازارلار ئادەتلەنگەن قائىدىدە تاۋارنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىش دېگەن نەرسە بولمايدۇ. دېمەك، نېفىت سېتىۋالغۇچى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، تاپشۇرۇپ ئالمايلا سېتىۋېتىش ئۈچۈن سېتىۋالىدۇ. مانا بۇ، ئۇ تاۋارنىڭ ئەسلىدە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تاۋار بار دېگەن تەقدىردىمۇ، ئادەتتە بىر مىليون تۇڭ نېفىت بولسا، بۇنىڭ سودىسىنى بىرلا ۋاقىتتا نەچچە مىڭ ئادەم قىلىشى مۇمكىن.

بۇ تۈرلۈك سودىلار ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاكسىيە بازارلىرىنىڭ يەنە بىر خەتەرلىك تەرىپى شۇكى، بۇ ئاكسىيە بازارلىرى ھەقىقىي ئېلىم – سېتىم ئىشىنى قىلمىغاچقا، ئۆسەك سۆز ياكى غەرەزلىك تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇمۇ شەرئىي جەھەتتىن باھانى ئۆرلىتىش ياكى چۈشۈرۈش ئۈچۈن يالغان – ياۋىداق، مىش – مىش گەپلەرنى تارقاتماسلىق ياكى ساختا خېرىدار بولماسلىق تەلەپ قىلىنغان ھەدىسلەرگە زىت كېلىدىغان ساختىلىق.

بۇ سودىلار يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ پۇللىرىنى لوندون خەلقئارا ئاكسىيە بازىرىدىكى بېدىكلەرنىڭ، ئاكسىيە ۋاستىچىلىرىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ بېرىدۇ. بۇ ئومۇم مۇسۇلمانلارغا زىيانلىق تەرىپىدۇر.

بۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ سودىلار ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ.

«ئىسلام فىقھى كومىتېتى»نىڭ بۇ ھەقتە ئالغان قارارىدا مۇنداق كەلگەن:

«پايچەك ۋە ئاكسىيە بازارلىرىدا تاۋارلار تۆۋەندىكى تۆت ئۇسۇلنىڭ بىرى ئارقىلىق ئېلىپ -سېتىلىدۇ:

بىرىنچى ئۇسۇل: توختام تاۋار بىلەن پۇلنى نەق تاپشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاۋارمۇ بار بولىدۇ ياكى ساتقۇچىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەت بار بولىدۇ. بۇ ئادەتتىكى توغرا ئېلىم – سېتىم بولۇپ، شەرئىي شەرتلىرى تولۇق بولغاچقا، بۇ توختام جائىزدۇر.

ئىككىنچى ئۇسۇل: توختام تاۋار بىلەن پۇلنى نەق تاپشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سودىدا تاۋار بىلەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا بازار ئىدارە ھەيئىتى كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇمۇ ئادەتتىكى توغرا ئېلىم – سېتىم بولۇپ، شەرئىي شەرتى تولۇق بولغاچقا، بۇ توختام جائىزدۇر.

ئۈچىنچى ئۇسۇل: سۈپىتى ئېنىق بولغان بىر تاۋارنى كېلەچەكتە مەلۇم بىر ۋاقىتتا تاپشۇرۇشقا، پۇلنىمۇ تاۋارنى تاپشۇرغاندا بېرىشكە توختاملىشىش. بۇ توختام تاۋار بىلەن پۇلنى تاپشۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىق شەرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ توختام تاۋار بىلەن پۇلنى نېسى قىلغانلىقتىن جائىز بولمايدۇ. ئەگەر سەلەم (تاۋارغا ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش) سودىسى قائىدىسىگە چۈشىدىغان شەكىلدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلسە ۋە سەلەم سودىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلسا، ئاندىن جائىز بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ تەرىقىدە يەنى ئالدىن پۇل ئۆتكۈزۈپ قويۇش تەرىقىسىدە سېتىۋېلىنغان تاۋارنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ سېتىشقا بولمايدۇ.

تۆتىنچى ئۇسۇل: سۈپىتى ئېنىق بولغان بىر تاۋارنى كېلەچەكتە مەلۇم بىر ۋاقىتتا تاپشۇرۇشقا، پۇلنىمۇ تاۋارنى تاپشۇرغاندا بېرىشكە توختاملىشىش. بۇ توختام تاۋار بىلەن پۇلنى تاپشۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىق شەرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بەلكى بۇنى تەتۈر توختام قىلىش بىلەن تۈگىتىش مۇمكىن.

مانا بۇ تۆتىنچى ئۇسۇل ئاكسىيە بازارلىرىدا كەڭ ئومۇملاشقان ئۇسۇل بولۇپ، بۇ تېگىدىن جائىز ئەمەس»(1).

بۇ يەردىكى «تەتۈر ياكى ياندۇرما توختام» ئەرەبچە: «العقد المعاكس»، ئىنگىلىزچە: «Backwardation» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن: ئاكسىيە بازىرىدا نېفىت ياكى شېكەر قاتارلىق تاۋارلارنى ئىگە بولۇش ياكى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىشنى مەقسەت قىلماستىن، ئېلىپ – ساتقان بولۇپ پايدا ئالماقچى بولغانلار باھا ئۆرلەپ قالارمىكىن، دەپ پەرەز قىلغاندا، كېلەچەك توختامى قىلىپ سېتىۋالىدۇ. باھا چۈشۈپ قالارمىكىن، دەپ پەرەز قىلغاندا كېلەچەك توختامى قىلىپ ساتىدۇ. دېمەك مەقسىتى، پەرىزى توغرا چىقىپ قالسا، پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت. ئاندىن بۇرۇنقى توختام شەرتى بويىچە، كونا ھېسابنى بوغۇۋەتمەستىن، بۇرۇن قىلغان توختامىنىڭ تەتۈرىچە بىر توختام قىلىپ، ئاندىن بۇرۇنقى ھېسابنى بوغالايدۇ. كۆپىنچە بۇ توختاملار پۈتۈن توختام سوممىسىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى تۆلەش بىلەن بولىدۇ(2).

مەسىلەن، بىر كىشى نېفىت باھاسى 6 – ئاي بىلەن 9 – ئاي ئارىلىقىدا ئۆرلەپ قالىدۇ دېگەن پەرەز بويىچە، بىر تۇڭىنى 25 دوللاردىن، 9 – ئايدا تاپشۇرۇپ ئالىدىغانغا ئون مىڭ تۇڭ نېفىت سېتىۋېلىش توختامى قىلدى دېسەك، پەرىزى توغرا چىقىپ، 7- ئايدا باھا 30 دوللارغا ئۆرلەپ قالسا، مەبلەغ سالغۇچى كونا سودىنى بوغۇش ئۈچۈن كېلەچەكتە پۈتتۈرىدىغان يەنە بىر سېتىش توختامى قىلىپ 30 دوللاردىن ساتقان بولىدۇ ۋە بىر توڭدا 5 دوللاردىن پايدىغا ئېرىشكەن بولىدۇ(3).

ئەگەر ئىنتېرنېتتىكى نېفىت سودىسى يۇقىرىدىكى ئىككى خىل جائىز ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلسا توغرا بولاتتى. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئومۇملاشقىنى جائىز بولمايدىغان ئۇسۇل. شۇڭا ئىنتېرنېتتا ئاكسىيە بازارلىردا ئومۇملاشقان ئۇسۇلدا نېفىت (شېكەر، ئاليومىن، مىس ۋە قوغۇشۇن قاتارلىق تاۋارلارمۇ ئوخشاش) سودىسىنى قىلىش ھارام بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 4. 19

——————————–
1. «مجلة مجمع الفقه»، العدد 6، 2/1664.
2. «أحكام التعامل في الأسواق المالية المعاصرة»، مبارك بن سليمان بن محمد أل سليمان‎، 938 – بەتكە قارالسۇن.
3. «الأسواق المالية المعاصرة – دراسة فقهية»، دكتور أحمد محمد السعد‎، 127 – بەتكە قارالسۇن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ