ئەلھەزەر! ئاتالمىش ھەرەم مەسجىدنىڭ ئىمامى شەيخ ئەھمەدنىڭ چۈشى

 

ھازىرمۇ ئېسىمدە، 83 – يىلى ئاكام قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىدىن نامازدىن يېنىپ قايتىشىدا جامە ئالدىدا تارقىتىلغان بىر ۋاراقچىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كېلىپ بىزگە ھەرەم مەسجىدىنىڭ مۇئەززىنى شەيخ ئەھمەدنىڭ چۈشى ياكى ۋەسىيىتى توغرىسىدىكى بىر خەتنى ئوقۇپ بەرگەن ئىدى. ئۇ ۋاراقچىدا «شەيخ ئەھمەد مۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ. قىيامەت يېقىنلاپ قاپتۇ… بۇنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشى ئۇنى چوقۇم يەتتە كىشىگە يەتكۈزۈشى كېرەك… » دېگەندەك گەپلەر بار ئىدى. ئۇ تەشۋىقاتمۇ قەشقەردىكى ئۆلىمالارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆز جايىنى تاپقان ئىدى.

كېيىن 2001 – يىلى قاھىرەدىكى بىز تۇرغان بىنانىڭ دەرۋازىۋېنى نامازدىن قايتىشىمدا بىر ۋاراقچىنى بەردى. قارىسام بۇرۇن قەشقەردە ھېيتگاھتا تارقىتىلغان ھەرەم مەسجىدىنىڭ مۇئەززىنى شەيخ ئەھمەدنىڭ چۈشىنىڭ ئەرەبچىسى ئىكەن. كۈلۈپ كېتىپتىمەن.

تېخى ئۆتكەن ئايلاردا باشاقشېھىردىكى قۇلۇم – قوشنىلار بىلەن ئولتۇرۇپ بىرەيلەن مۇشۇ توغرىسىدا سوراپ قالغاندا قانائىتىمنى مۇنداق ئىپادىلىگەن ئىدىم: مەن بۇ مەسىلىدە چوقۇم بىرەر ئىشخانىنىڭ قولى بار. يەنى ھەر يىلى، ھەر خىل تىلدا مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان شەيخ ئەھمەدنىڭ چۈشىنى مۇسۇلمانلارغا پىلانلىق تارقىتىپ تۇرىدىغان بىر ئىشخانا ياكى خىزمەت گۇرۇپپىسى چوقۇم بار. بولمىسا، بۇ گەپ پات – پات مۇشۇنداق چىقىپ تۇرارمۇ؟ تەكرارلىنىپ تۇرارمۇ … ئەلۋەتتە دىن دۈشمەنلىرى يىراقنى كۆزلەپ تۇرۇپ ئەقىدىمىزنى بۇلغاشقا تىرىشىدۇ. بۇنىڭغا نادانلىرىمىز بىلمەي دەسسەپ سالىدۇ.

ئەمدى بۈگۈن جىمى دۇنيا خىتتاي ۋىرۇسى دەۋپىنى ياشاۋاتقان بىر پەيتتە يەنە شەيخ ئەھمەدنىڭ چۈشى توغرىسىدىكى تەشۋىقات تەرغىبات يازمىسى قايتا قولۇمغا تەگدى. لېكىن بۇ قېتىم 20 كىشىگە تارقىتىش تاپشۇرۇلۇپتۇ.

تېخى بىر ھەپتە بۇرۇن تۈركچە سىنلىق بىر تەشۋىقاتتا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر تۈركنىڭ چۈشىگە كىرىپ خىتتاي ۋىرۇسىنىڭ دورىسىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ…

ياخشى بىز ئۇيغۇرلاردىن بىرەرسى كۆرمەپتۇ ئۇ چۈشنى. ئەلھەمدۇلىللاھ، دېدىم. يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكەن ئۆلىمالىرىمىزغا دۇئا قىلدىم. كۇچادا كېرەم قارىم، ئۈرۈمچىدە مۇھەممەد سالىھ قاراجىم، قارغىلىقتا ئابلىكىمخان مەخسۇماجىم، قەشقەردە ئابدۇلھەمىد داموللاجىم، خوتەندە ئابدۇلئەھەد مەخسۇماجىم قاتارلىق شېھىد ئۇستازلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ سةصداشلعرعنعث، ئۇستازلىرىنىڭ سىمالىرى بىر – بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. ئۇلارغا رەھمەت تىلىدىم جاپاكەش ئۇستازلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئاللاھ تائالا بىزگە دىنىمىزنى خېلى ساغلام يەتكۈزۈپتىكەن. ئەقىدىمىز ئانچە بۇلغانماپتىكەن. ئاللاھ ئۆلىما ئۇستازلىرىمىزدىن رازى بولسۇن! ياتقان يېرىنى جەننەتنىڭ فىردەۋسى قىلسۇن!

مەيلى بۇ ۋە بۇ تۈرلۈك تەشۋىقاتلار دۈشمەنلىرىمىزنىڭ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولسۇن ياكى نادان كىشىلەرنىڭ شەيتانغا ئەل بولۇشىدىن بولسۇن! بۇمۇ خىتتاي ۋىرۇسىدىن قېلىشمايدىغان بىر خىل خەتەرلىك ۋىرۇس. بەدەننى تالاپەتكە ئۇچرىتىدىغان ۋىرۇس ئەمەس، دىننى، ساغلام ئەقىدىنى يوقىتىدىغان ۋىرۇس.

بۇ توغرىدا، ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ سەمىگە سېلىپ قويىدىغان بىر قانچە مەسىلە بار:

1. بۇ تۈرلۈك تەشۋىقاتلار ئويدۇرما، يالغان خەۋەرلەر. چۈنكى بۇنداق گەپ- سۆزلەر دەلىل -پاكىتقا تايانمىغاندىن، ئەمەلىيەتكە زىت بولغاندىن كېيىن ئويدۇرمىلىقى ئېنىق بولىدۇ.

2. بۇ چۈش ياكى ۋەسىيەت، غەيبتىن خەۋەر بېرىش، ئۇ خەتنى تارقاتقانلارغا ساۋاب ۋەدە قىلىش، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە غەزىپىنى ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغان سۆزلەپ تەقسىم قىلىش قاتارلىق شېرىك ۋە چوڭ گۇناھلار بىلەن تولغان

3. بۇ تۈرلۈك ئويدۇرمىلارنى تارقىتىش ئېغىر گۇناھ. ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە يالغاننى توقۇپ، ئۇيدۇرما گەپلەرنى پەيغەمبىرىگە مەنسۇپ قىلىش ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەيدۇ: «كىمكى ماڭا يالغاننى چاپلىسا ئۆزىگە دوزاختىن ئورۇن تەييارلسۇن».(بۇخارى: 3471)

4. چۈش پۈتۈن بىر ئ‍ۈممەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئ‍ۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئ‍ۇنىڭدىن خېلى كىچىك ئىشلاردىمۇ ھۆكۈم ئاساسى بولالمايدۇ. ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالاقىدا ئىلىم بولغان «ئۇسۇلى فىقھ» ئىلمى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋەتكەن. يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن مەيلى ئەۋلىيا بولۇپ كەتسۇن، ھېچكىمنىڭ چۈشى شەرئىي ھۆكۈم مەنبەسى بولالمايدۇ. چۈشتىن ھۆكۈم ئېلىش ياكى بىرەر ئىشنى قىلىشنى تەشۋىق قىلىش ئۇچىغا چىققان نادانلىقتۇر. بىر ناداننىڭ چۈشىنى قانداقمۇ ئاللاھ ۋەھىي قىلىدىغان پەيغەمبەرنىڭ چۈشىگە ئوخشاتقىلى بولسۇن؟!

ئەگەر ياخشى چۈش كۆرسىڭىز ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتىپ چۈشىڭىزدىن خۇش بېشارەت ئېلىڭ، يامان چۈش كۆرۈپ قالغىنىڭىزدا ئاللاھقا سىغىنىپ چۈشىڭىزنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەڭ، بۇنداق قىلغاندا، يامان چۈش سىزگە ھېچقانداق زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ. بىرسىنىڭ مۇنداق چۈش كۆرۈپتىمەن دېگىنىنى كۆرسىڭىز، پەرۋا قىلماي ھە، دەپ قويۇپ كېتىۋەرسىڭىز بولىدۇ.

5. دىنىي ئىلىم ئېلىشقا سەل قارىماسلىق كېرەك. ئاللاھ تائالا تۇنجى ۋەھىيسىدە «سېنى ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ» دەپ بۇيرۇغان. ئوقۇش ۋاجىب بولغان ئىلىملەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا دىنىي ئىلىملەر تۇرىدۇ. دىنىي ئىلىملەرنى بىلمىگەن تەقدىردە، ساغلام ئەقىدىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ. ساغلام ئەقىدە بولمىسا، شەيتانغا ئەل بولىدىغان گەپ. سۇفى ئاللاھ يار ھەقىقەتەن توغرا ئېيتقان: «ئەقىدە بىلمىگەن شەيتانغا ئەلدۇر، ئەگەر مىڭ يىل ئىبادەت قىلسا يەلدۇر».

شەيخ ئابدۇلقادىر جىيلانىي ھەزرەتلىرى كاتتا ئالىملارنىڭ بىرى ئىدى. گەرچە تەسەۋۋۇف ئىگىلىرى ئۇنى پىر ئۇستاز تۇتۇۋالغان بولسىمۇ، ئۇ ئالىمدا ھازىرقى سوپىلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرى يوق ئىدى. بىر كۈنى ئابدۇلقادىر جىيلانىي ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىلىقىدا بىر تەختتە ئولتۇرغان بىرىنىڭ ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ رەببىڭ. باشقىلارغا ھارام قىلغاننى ساڭا ھالال قىلدىم» دېگىنىدە، شەيخ ئابدۇلقادىر: يوقىلە ئى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى، دېگەن. باشقىلار ئۇنىڭدىن: ئۇنىڭ شەيتان ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىۋالدىلا دېگەندە، ئۇ: مەن ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ قىيامەتكە قەدەر ئازگەرمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە، دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ مەشھۇر ۋەقەلىكنى ئىمام ئىبنى تەيمىيە پەتىۋاسىدا بايان قىلغان.

دېمەك، شەيتانمۇ بەزى نادان كىشىلەرنىڭ چۈشىگە كىرىپ ئازدۇرۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشۈمدە كۆردۈم دېگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن تەق- تۇرقى سۈپەتلىرىنى بىلىپ كەتمەيدۇ.

شۇڭا ئىلىم ئېلىشقا ئاتلىنايلى! دىنىمىزنى توغرا ئۆگىنەيلى.

6. تاراتقۇلاردا ئۇچراتقانلىكى نەرسىنى تارقىتىپ يۈرمەيلى. توغرىسىنى تارقىتايلى. بىلمىگەننى تارقاتمايلى. ئىشەنچلىك ئۆلىمالارنىڭكىنى تارقىتايلى. نامەلۇم ياكى ئىشەنچسىزلەرنىڭكىنى، نائەھلى، كاززاپلارنىڭكىنى تارقاتمايلى. سەلەفلىرىمىز: «دىنىڭنى كىمدىن ئېلىۋاتقىنىڭغا ئوبدان قارىغىن» دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىكى سۆزنى دەپ يۈرۈشى يالغانچىلىقى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر».(مۇسلىم: 5)

خۇلاسە: بۇ تۈرلۈك تەشۋىقاتلار يالغان ۋە ئويدۇرما بولۇش بىلەن بىرگە، مۇسۇلمانلارنى ئەخمەق قىلىدىغان، ئەقىدىسىنى بۇزىدىغان ساختىلىق ۋە زەھەر. ئۇنداق سۆزلەرگە پەرۋا قىلماسلىق ۋە تارقاتماسلىق لازىم. ئوقۇش، ئېلىم ئېلىش لازىم. بولمىسا، ئۆزىمىز ئېزىپلا قالماي، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرۇمىز. ئاللاھ ھەممىمىزنى ساختىلىقتىن، كاززاپلىقتىن، ئېزىشتىن ۋە ئازدۇرۇشتىن ساقلىسۇن!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 3. 28

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ