«قۇرئان كەرىم»دىن بەزى مەلۇماتلار

«قۇرئان كەرىم»دىن بەزى مەلۇماتلار

1. «قۇرئان كەرىم» رەببىمىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ كىتابى.

2. «قۇرئان كەرىم»دىكى سۈرىلەرنىڭ سانى جەمئىي 114.

3. مەككە سۈرىلىرىنىڭ سانى 86، مەدىنە سۈرىلىرىنىڭ سانى 28، ھىجرەتتىن بۇرۇن نازىل بولغان سۈرىلەر «مەككىي سۈرە»، ھىجرەتتىن كېيىن نازىل بولغان سۈرىلەر «مەدەنىي سۈرە» دەپ ئاتىلىدۇ.

4. «قۇرئان كەرىم»دە 6236 ئايەت، 77439 سۆزلۈك، 323670 ھەرپ بار.

5. «قۇرئان كەرىم»دە تۇنجى ئەمىر ۋە تۇنجى بولۇپ نازىل بولغان سۈرە – 96/«ئەلەق»تۇر.

6. «قۇرئان كەرىم»دە 15 ئورۇندا سەجدە ئايەتى بار، بۇلار: 7/«ئەئراف»: 206، 13/«رەئد»: 15، 16/«نەھل»: 49، 17/«ئىسراﺋ»: 107، 19/«مەريەم»: 58، 22/«ھەج»: 18، 77، 25/«فۇرقان»: 60، 27/«نەمل»: 25، 32/««سەجدە»: 15، 38/«ساد»: 24، 41/«فۇسسىلەت»: 37، 53/««نەجم»: 62، 84/««ئىنشىقاق»؛ 21، 96/«ئەلەق»: 19 قاتارلىق ئايەتلەر.

7. «قۇرئان كەرىم»دىكى تۇنجى بولۇپ تولۇق نازىل بولغان سۈرە  74/«مۇددەسسىر»دۇر.

8. «قۇرئان كەرىم»دىكى ئەڭ ئۇزۇن سۈرە: 2/«بەقەرە»، ئەڭ قىسقا سۈرە – 108/«كەۋسەر»دۇر.

9. «قۇرئان كەرىم»دە «بىسمىللاھ» بىلەن باشلانمىغان سۈرە – سۈرە 9/«تەۋبە (بەرائە)»دۇر.

10. «قۇرئان كەرىم»دىكى ئىككى قېتىم «بىسمىللاھ» زىكرى قىلىنغان سۈرە 27/«نەمل»دۇر.

11. «قۇرئان كەرىم»دىكى ھەربىر ئايەتىنىڭ ئاخىرى «ر» ھەرپى بىلەن ئاياغلاشقان سۈرە 108/«كەۋسەر» بىلەن 103/«ئەسر»، ھەربىر ئايەتىنىڭ ئاخىرى «د» ھەرپى بىلەن ئاياغلاشقان سۈرە 112/«ئىخلاس»، ھەربىر ئايەتىنىڭ ئاخىرى «س» ھەرپى بىلەن ئاياغلاشقان سۈرە 114/«ناس»تۇر.

12. «قۇرئان كەرىم»دىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۈرە 1/«فاتىھە»، ئەڭ ئۇلۇغ ئايەت «ئايەت ئەلكۇرسىي»دۇر.

13. «قۇرئان كەرىم»دىكى جەننەت تىلغا ئېلىنمىغان سۈرە 12/«يۈسۈف»تۇر.

14. «قۇرئان كەرىم»دە زىكرى قىلىنغان مالائىكىلەرنىڭ ئىسىملىرى: 2/«بەقەرە»دە زىكرى قىلىنغىنى: جىبرىل، مىكائىل، ھارۇت، مارۇت. 43/«زۇخرۇف»تا زىكرى قىلىنغىنى: مالىك.

15. «قۇرئان كەرىم»دە ئىسمى ئوچۇق تىلغا ئېلىنغان ساھابە – زەيد بىن ھارىسە. ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئايال – ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەم ئەلەيھەسسالام.

16. «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئېلىنغان ساماۋى كىتابلار: «قۇرئان كەرىم»، «ئىنجىل»، «تەۋرات»، «زەبۇر»، «ئىبراھىم ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ سەھىپىلىرى»دۇر.

17. «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئېلىنغان مەدەنلەر: ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر. جەۋھەرلەر: مەرۋايىت، ياقۇت، مارجان.

18. «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسمى جەمئىي 25 بولۇپ، ئۇلار: ئادەم ئەلەيھىسسالام، ئىدرىس ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ھۇد ئەلەيھىسسالام، سالىھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، لۇت ئەلەيھىسسالام، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام، ياقۇب ئەلەيھىسسالام، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام، شۇئەيب ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ھارۇن ئەلەيھىسسالام، زۇلكېفل ئەلەيھىسسالام، داۋۇد ئەلەيھىسسالام، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام، ئىلياس ئەلەيھىسسالام، يەسئى ئەلەيھىسسالام، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام، يەھيا ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم.

19. «قۇرئان كەرىم»دە مىسىر بەش يەردە تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار: 2/«بەقەرە»: 61، 12/«يۈسۈف»: 21 -، 99، 43/«زۇخرۇف»: 51، 10/«يۇنۇس»: 87.

20. «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئېلىنغان تاغلارنىڭ ئىسىملىرى: سافا تېغى، مەرۋە تېغى، تۇرسىنا تېغى، جۇدى تېغى، ئەرەفات تېغى.

21. «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئېلىنغان مېۋىلەر: ئەنجۈر، ئانار، ئۈزۈم، زەيتۇن.

22. «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئېلىنغان مەسجىدلەر: مەسجىدى ھەرەم، مەسجىدى ئەقسا، مەدىنەكى پەيغەمبەر مەسجىدى.

23. «قۇرئان كەرىم»دە بىر يىلدا 12 ئاي بولغاندەك، «ئاي» سۆزى 12 يەردە زىكرى قىلىنغان. «كۈن» سۆزى بىر يىل 365 كۈن بولغىنىدەك 365 قېتىم زىكرى قىلىنغان. «دۇنيا» سۆزى بىلەن «ئاخىرەت» سۆزى تەڭ نىسبەتتە 115 قېتىم زىكرى قىلىنغان.

24. «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئېلىنغان ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالار نامى: قەلب، قول، قورساق، تىل، پۇت، پېشانە، بېلەك، كۆز، لەۋ، دۈمبە، قۇلاق، ئېغىز، باش، سۆڭەك، تېرە، ئوشۇق، كېكىردەك، يۈز، بويۇن، مەڭز، ئۈچەي، كۆكرەك، چىش، تاپان، كاناي، بۇرۇن. ئالىقان، ئومۇرتقا، بارماق.

25. «قۇرئان كەرىم»دە «جەننەت» 66 قېتىم، «دوزاخ» 126 قېتىم تىلغا ئېلىنغان.

26. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھنىڭ لەۋزى جالالە پىش ئوقۇلغان شەكىلدە 980 قېتىم، زەۋەر ئوقۇلغان شەكىلدە 592 قېتىم، زىر ئوقۇلغان شەكىلدە 1125 قېتىم، جەمئىي2697 قېتىم زىكرى قىلىنغان.

27. «قۇرئان كەرىم»دە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سان بىر ۋە يەتتە.

28. «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئېلىنغان سۇ ئاقمايدىغان دەريالار: سۈت ئاقىدىغان دەريالار، شەربەت ئاقىدىغان دەريالار، ھەسەل ئاقىدىغان دەريالار.

29. «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئېلىنغان كۇففارلارنىڭ ئىسىملىرى: جالۇت – 2/«بەقەرە»: 251، ئازەر – 6/«ئەنئام»: 74، ئەلسامىرىي – 20/«تاھا»: 95، قارۇن – 28/««قەسەس»: 76، فىرئەۋن بىلەن ھامان – 40/«غافىر»: 36، ئەبۇلەھەب – 111/«مەسەد»: 1.

30. «قۇرئان كەرىم»دە «يەھۇد» سۆزى 8 قېتىم، «ناسارا» سۆزى 14 قېتىم تىلغا ئېلىنغان.

 

مەنبە: دوكتور تاھە ئابدۇررەئۇف سەئد بىلەن سەئد ھەسەن مۇھەممەد تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ««قۇرئان كەرىم»دىن 175 سوئال – جاۋاب» ناملىق كىتاب.

تەرجىمىدە: مىسكىنئاي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ