ئىسلام ھازارىتىدىن شانلىق نەمۇنىلار

دوكتور مۇستاپا سىبائىي

ھازارەت ھادىسىسى ئىنسانىيەت ئاپىرىدە بولۇشى بىلەن تەڭ باشلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە تاپشۇرۇپ ماڭىدىغان تۇتاش زەنجىر. ئۇ بىر مىللەت ياكى بىر ئورۇنغا خاس بولمايدۇ. ئىسلام ھازارىتى ئىنسانىيەت ھازارىتى زەنجىرىدىكى مۇھىم بىر ھالقا. ئۇنىڭدىن بىر قانچىلىغان ھازارەتلەر ئىلگىرى بولغان بولسا يەنە بىر قانچىلىغان ھازارەتلەر ئۇنىڭغا ئۇلىشىپ كەلگەن. تەتقىقاتچىنىڭ نەزىرىنى ئىسلام ھازارىتىگە ئالاھىدە تارتىدىغىنى، ئۇنىڭ بىر قانچە خۇسۇسىيەتلەر بىلەن ئالاھىدە بولغانلىقىدۇر. بۇ خۇسۇسىيەتلەر تۆۋەندىكىچە:

– ئەقىدىدىكى مۇتلەق يېگانىلىق.

– نىشاننىڭ ئىنسانىيلىققا ئىگە بولۇشى، رىسالەتنىڭ ئالەمشۇمۇللىقى.

– بارلىق قائىدە – تەلىماتلىرىدا ئەخلاقىي پىرىنسىپلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى.

– تۈپ – نېگىزىدىن ئىلىمگە، ئەڭ يارقىن پىرىنسىپلىرىدا ئەقىدىگە بولغان ئىمان.

– باشقىلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسىگە ئادەمنى ئەجەبلەندۈرگىدەك ھالدا ھۆرمەت قىلىش.

تارىختا بىزنىڭ ھازارىتىمىزنىڭ پەقەت بىرلا دىن تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ بارلىق دىنلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىزلا كۇپايە قىلىدۇ. مەن تۆۋەندە ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئادىلى، ئەڭ راست سۆزلىگۈچى بولغان زات: «سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر»([1]) دەپ سۈپەتلىگەن ئۈممەت تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئەبەدىيلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئىسلام ھازارىتىنىڭ شانلىق نەمۇنىلىرىدىن بىر قانچىسىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

ئىسلام ھازارىتىنىڭ تارىختىكى تەسىرلىرى

بىز يۇقىرىقى بايانىمىزدا ئىسلام ھازارىتىنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدۇق: ھازارەتلەر ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا پىكرىي، ئەخلاقىي ۋە ماددىي جەھەتلەردە قالدۇرغان تەسىرلىرىگە قارىتا ئەبەدىيلىككە ئېرىشىدۇ. كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىسلام ھازارىتى ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا ھەل قىلغۇچ روللارنى ئويناپ ئەقىدە، ئىلىم – پەن، پەلسەپە، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ساھەلەردە تەسىرى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چوڭقۇر ئىزنالارنى قالدۇرغان. ئۇنداقتا ئىسلام ھازارىتىنىڭ بۇ ئىزنالىرى قايسىلار؟ ئۇنىڭ قانداق رولى بولغان؟

بىز ئىسلام ھازارىتىنىڭ ئۆچمەس تەسىرلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بەش ئاساسىي ساھەگە يىغىنچاقلاپ بايان قىلىمىز.

بىرىنچى: ئەقىدە ۋە دىن ساھەسىدىكى تەسىرلىرى

ئىسلام ھازارىتى ئوتتۇرىغا قويغان پىرىنسىپلارنىڭ يەتتىنچى ئەسىردىن باشلاپ يېقىنقى گۈللىنىش ئەسرىگىچە ياۋروپادا ئېلىپ بېرىلغان دىنىي ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىگە قارىتا چوڭقۇر تەسىرى بولۇپ كەلگەن.

ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانىلىقى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يالغۇز ھالدا ئۇ زاتنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكى، ئۇ زاتنىڭ جىسىملاشتۇرۇشتىن، زۇلۇم ۋە بارلىق نۇقسانلاردىن پاكلىقىنى جاكارلىغان شۇنداقلا ئىنساننىڭ ئۆز ئىبادەتلىرى، ئۆز پەرۋەردىگارى بىلەن بولغان ئالاقىسى قاتارلىقلاردا مۇستەقىللىقنى، ئاللاھنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى روھانىيلارنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدىن بىھاجەت ھالدا چۈشىنىشىنى جاكارلىغان ئىسلام خەلقلىرىنىڭ زېھنىنىڭ يۈكسەك گۈزەل پىرىنسىپلارغا نىسبەتەن ئېچىلىشىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولغان.

بۇ ۋاقىتلاردا خەلقلەر مەزھەپلەر ئارىسىدا بولۇۋاتقان كۈچلۈك جەڭگى – جېدەللەر، پوپلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرى، مال – دۇنياسى شۇنداقلا شەخسىي ئەركىنلىكىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقلىرىغا بويسۇنۇش قاتارلىق كويزا – كىشەنلەر ئىسكەنجىسىدە ئازاب – ئوقۇبەت چېكىۋاتقان ئىدى. تەبىئىيكى ئىسلامنىڭ غەلىبىسى مەشرىقتىن، مەغرىبكە قەدەر يېتىپ بارغان بولۇپ، ئىسلام خەلقلىرىگە قوشنا بولغان مىللەتلەر تۇنجى بولۇپ، ئىسلامنىڭ ئەقىدە پىرىنسىپلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە مىلادىيە 7 – ئەسىرلەردە غەربلىكلەرنىڭ ئارىسىدا ھەيكەل، سۈرەتلەرگە ئىبادەت قىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار، تەڭرى بىلەن بەندە ئارىسىدىكى ۋاسىتىچىلىكنى ئىنكار قىلىپ، مۇقەددەس كىتابلاردىكى تەلىماتلارنى پوپلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە نەزەربەنتىدىن خالىي ھالدا چۈشىنىشكە چاقىرىق قىلغۇچىلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار مارتىن لۇتىرنى ئەرەب پەلسەپەسى بىلەن مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ دىن، ئەقىدە، ۋەھىي توغرىسىدىكى قاراشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئۇ ياشاۋاتقان ئەسىرلەردە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بۇندىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان مۇسۇلمان پەيلاسوپلارنىڭ كىتابلىرىغا تايىناتتى.

بىز شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ياۋروپاغا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ھۆكۈمرانلىق قىلغان پىكرىي زوراۋانلىقنىڭ نەتىجىسى بولغان فرانسىيە ئىنقىلابىدا جاكارلانغان دىن بىلەن دۆلەتنى ئايرىش ھەرىكىتىنىڭ چوغىنى ئىسلام ھازارىتى ئەھلى سەلىپ ۋە ئەندەلۇس جەڭلىرى ئارقىلىق ياندۇرغان ئىدى.

ئىككىنچى: پەلسەپە، تېبابەت، ماتېماتىكا، خىمىيە، جۇغراپىيە، ئاسترونومىيە قاتارلىق ئىلىملەر ساھەسىدىكى تەسىرلىرى

ياۋروپا ئالىم – پەيلاسوپلىرىمىزنىڭ ئىشبىيلىيە، قۇرتۇبە، غەرناتا قاتارلىق جايلاردىكى مەسجىدلەردە يۇقىرىقى ئىلىملەرنى ئۆگەتكەن ئاۋازىدىن ئېسىگە كەلگەن بولۇپ، غەربلىكلەرنىڭ ئاۋۋالقى يولباشچىلىرى مەسجىدلىرىمىزدە ئۆز ئەللىرىدە يوق بولغان بىر ئازادە مۇھىتتا بۇ ئىلىملەردىن ئاڭلىغانلىقلىرىدىن ھەيران – ھەس بولۇشۇپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بۇ ئىلىملەرگە مەھلىيا بولۇشقان ئىدى. ئۆلىمالىرىمىز ئىلىم سورۇنلىرىدا، ئىلمىي ئەسەرلىرىدە يەر شارىنىڭ ئايلىنىشى، يەر شارىنىڭ يۇمىلاقلىقى، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بەس – مۇنازىرە قىلىشىۋاتقان ۋاقىتلاردا ياۋروپالىقلارنىڭ مېڭىسى بۇ ھەقىقەتلەردىن كۆرە تۈرلۈك – تۈمەن خۇراپاتلىقلار، قۇرۇق سەپسەتىلەر بىلەن تولغان ئىدى.

ئۇندىن كېيىن غەربلىكلەرنىڭ ئەرەب تىلىدىن لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىش ھەرىكىتى باشلىنىپ، ئالىملىرىمىزنىڭ تۈرلۈك كىتابلىرى غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆگىتىلىشكە باشلىدى.

ئىبنى سىنانىڭ «ئەلقانۇن» ناملىق تېبابەت كىتابى 12 – ئەسىردىلا لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. رازىينىڭ «ئەلھاۋىي» ناملىق تېبابەت كىتابىمۇ 13 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىككى كىتاب 16 – ئەسىرگىچە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى تېببىي ئوقۇشلۇقنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلگەن.

پەلسەپە ساھەسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى تېخىمۇ ئۇزۇن دەۋرلەرگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، غەرب دۇنياسى گرېتسىيە پەلسەپىسىنى پەقەت بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىز، تەرجىمىلىرىمىز ئارقىلىقلا تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

مانا مۇشۇ نۇقتىدىن كۆپىنچە ئىنساپلىق غەربلىكلەر بىزنىڭ ياۋروپاغا 600 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئۇستاز بولغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.

مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىم سېدىللود (Sedillot) مۇنداق دەيدۇ: «ئەرەبلەر ئۆزلىرى يالغۇز ھالدا ئوتتۇرا ئەسىر ھازارىتىنىڭ بايراقدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىمالدىكى قەبىلىلەر ھۇجۇملىرى پاراكەندە قىلىۋاتقان ياۋروپانىڭ قالاقلىق، تەربىيەسىزلىكىنى يوقاتقان. ئەرەبلەر ئۆچمەس گرېتسىيە پەلسەپىسىنىڭ مەنبەسىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلىم – مەرىپەت كانىدىن قازغان گۆھەرلىرى مەلۇم چەك بىلەن توختاپ قالمىغان، بەلكى ئۇ كاننى تېخىمۇ كېڭەيتىپ تەبىئەت تەتقىقاتى ئۈچۈن يېڭى ئىشىكلەرنى ئېچىپ بەرگەن». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەرەبلەر ئاسترونومىيە ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغاندا ماتېماتىكا ئىلىملىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن بولۇپ، بۇ ساھەدىكى زور نېسىۋە ئۇلارغا مەنسۇپتۇر. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ بۇ ساھەلەردە بىزلەرگە ئۇستاز بولغان ئىدى».

روگگىرو (Ruggero) سىسلىيە ئارىلىدا ئەرەبلەرنىڭ ئىلىملىرىنى بولۇپمۇ، «ئىدرىسىي»نىڭ كىتابلىرىنى ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلغان. ئىمپېراتور فرېدرىك II (Frederick II) ئەرەبلەرنىڭ ئىلىملىرى بىلەن ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلغان. ئۇنىڭ بۇ چاقىرىقى روگگىرودىن ئېشىپ چۈشكەن بولۇپ، ئىبنى رۇشدنىڭ بالىلىرى بۇ ئىمپېراتورنىڭ قەسرىدە ياشاپ ئۇنىڭغا ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋاناتلار تارىخىنى ئۆگەتكەن ئىدى.

ھومبىلىد ئۆزىنىڭ كائىنات توغرىسىدىكى كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىمىيىۋىي دورىگەرلىكنىڭ ئىجاد قىلغۇچىسى ئەرەبلەردۇر. سالسىرىم ئېقىمى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەن، كېيىنچە، ياۋروپاغا كەڭ تارقالغان «ئاۋۋالقى توغرا ۋەسىيەتلەر»مۇ ئەرەبلەردىن كەلگەن. داۋالاش ئىلمىنىڭ ئاساسى بولغان دورىگەرلىك، تېبابەتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى پەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان ئىككى يول ئارقىلىق بوتانىكا ۋە خىمىيە ئىلمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەرەبلەرنىڭ بۇ رولى بىلەن بۇ ئىككى ئىلىم ئۈچۈن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى».

سېدىللود رازىي ۋە ئىبنى سىنا ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار ئىككىسى ئۆز كىتابلىرى بىلەن غەرب مەدرىسەلىرىگە ئۇزۇن زامان ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئىبنى سىنا ياۋروپادا دوختۇر دەپ تونۇلغان. ئۇنىڭ ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئالتە ئەسىرگە يېقىن مۇتلەق نوپۇزى ساقلىنىپ كەلگەن. بەش قىسىمدىن تۈزۈلگەن «ئەلقانۇن» كىتابى فرانسىيە ۋە ئىتالىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا زور سالمىقى سەۋەبلىك بىر قانچە قېتىملاپ بېسىپ چىقىرىلغان.

ئۈچىنچى: تىلشۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە

غەربلىكلەر، جۈملىدىن ئىسپانىيە شائىرلىرى ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، قەھرىمانلىق، باھادىرلىق ئەدەبىياتى، ئىستىئارە، گۈزەل بەدىئىي تەسەۋۋۇر قاتارلىقلار غەرب ئەدەبىياتىغا ئەندەلۇستىكى ئەرەب ئەدەبىياتى ۋاسىتىسى ئارقىلىق كىرگەن. مەشھۇر ئىسپان يازغۇچى ئىبانىيز بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا چەۋاندازلىقتىن خەۋەرسىز بولۇپ، ئۇنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە – پىرىنسىپلىرى، قەھرىمانلىقى، ئادەمگەرچىلىكلىرىنى ئەرەب ئەلچىلىرى ئەندەلۇسقا كېلىپ، ئۇلارنىڭ چەۋەنداز باھادىرلىرى جەنۇب ئېقىملىرىغا تارقالغىنىغا قەدەر بىلمەي يۈرگەن».

غەربتىكى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تالانتلىقلاردىن ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات قىسسىلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كەسكىن ئېتىراپ قىلغانلار بار. مەسىلەن، ھىجرىيە 1349 – يىلى بوكاشيو ئۆزىنىڭ «ئون نازىنىن» ناملىق ھېكايىسىنى مىڭ بىر كېچە ئۇسلۇبىدا يېزىپ چىققان.

شېكىسپېر ئۆزىنىڭ «ئاقىۋەتتىن ئىبرەت» ناملىق سەھنە ئەسىرىنىڭ تېمىسىنى مىڭ بىر كېچىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن. گېرمانىيەلىك «لىسىڭ»مۇ ئۆزىنىڭ «دانىشمەن خاقان» ناملىق سەھنە ئەسىرىنى مىڭ بىر كېچىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان.

يېقىنقى زامان ئىنگلىز تىلى شېئىرىيىتىنىڭ پېشۋاسى شۇسىر ئۆز زامانىسىدا بوكاشيودىن كۆپ نەقىل ئالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ بوكاشيو بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «كانتىربورى ھېكايىلىرى» ناملىق مەشھۇر ھېكايە توپلىمىنى يېزىپ چىققان.

كۆپىنچە ئەدەبىي تەھلىلچىلەر دانتىنىڭ يەنە بىر ئالەمگە بولغان سەپەر تەسۋىرلەنگەن «ئىلاھىي قىسسىسى»دە «ئەلمەئەررىي»نىڭ «تەۋبە رىسالىسى»، ئىبنى ئەرەبىينىڭ «جەننەت سۈپەتلىرىدىن» دېگەن ئەسەرلىرىدىن ئىلھام ئالغان دەپ قارايدۇ.

ياۋروپا ھېكايىچىلىقى دەسلەپكى باسقۇچىدىلا ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئەرەبلەردە پەيدا بولغان «ماقاماتلار، چەۋەندازلىق خاتىرىلىرى، باھادىرلارنىڭ شان – شەرەپ، ئىشقى – مۇھەببەت يولىدىكى خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى»دىن ئىبارەت قىسسىچىلىك سەنئىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. «مىڭ بىر كېچە» 12 – ئەسىردە ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ساھەگە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىرى بولغان بولۇپ، بۇ كىتاب ئاشۇ دەۋردىن ھازىرغا قەدەر بارلىق ياۋروپا تىللىرىدا 300 قېتىمدىن ئارتۇق بېسىلغان. ھەتتاكى، بەزى ياۋروپا تەھلىلچىلىرى سوۋىفىت يازغان «گىلفىر سەرگۈزەشتىلىرى»، دىۋو يازغان «روبىنزو كىروزونىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى» قاتارلىقلار «مىڭ بىر كېچە»، ئەرەب پەيلاسوپى ئىبنى تۇفەيلنىڭ «ھەي ئىبنى يەقەزان» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مودېلى يەنى، كۆچۈرۈلمىسى دەپ قارايدۇ.

بىزنىڭ تارىختا ئەرەب تىلىدىن ئوخشىمىغان ياۋروپا تىللىرىغا تۇرمۇشنىڭ ھەر ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشىمىزغا ھاجەتسىز. ئۇ سۆزلەر خۇددى ئەرەب تىلىدىكى ئاتىلىشىغا ئوخشاپ قالغان، مەسىلەن، قۇتن (پاختا)، ھەرىر (يىپەك)… دېگەندەك نۇرغۇنلىغان سۆزلەر.

تۆتىنچى: قانۇنچىلىق ساھەسىدىكى تەسىرى

ياۋروپا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەندەلۇس ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئىسلامىي مەدرىسەلەر بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ نۇرغۇنلىغان فىقھى، قانۇنچىلىق ئەھكاملىرىنى ئۆز ئەللىرىگە يۆتكەشتە زور دەرىجىدە تەسىرى بولغان. ئۇ چاغلاردا ياۋروپا تېخىچە پۇختا تۈزۈلمە، ئادىل قانۇنلارغا ئىگە ئەمەس ئىدى. ناپولېئون مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دەۋردە مالىكىي مەزھىپى كىتابلىرىنى فرانسۇز تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ كىتابلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ تەرجىمە قىلىنغانلىرى قاتارىدا تۇرىدىغىنى مالىكىي فىقھىي ئەھكاملىرىغا زور دەرىجىدە ئوخشاش قىلىپ تۈزۈلگەن فرانسىيە ھەق – تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدىغان «كىتابۇ خەلىل»دۇر.

بۇ ھەقتە مەشھۇر شەرقشۇناس سېدىللود مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ئافرىقا ئەرەبلىرى بىلەن بولغان ئالاھىدە ئالاقىمىز سەۋەبلىك ئافرىقا ئەرەبلىرىنىڭ مەزھىپى ھېسابلىنىدىغان مالىكىي مەزھىپىدە ئالاھىدە توختىلىمىز. فرانسىيە ھۆكۈمىتى دوكتور بايرونغا خەلىل ئىبنى ئىسھاقنىڭ (مىلادى 1422 – يىلى ۋاپات بولغان) «فىقھى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» ناملىق ئەسىرىنى فرانسۇز تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى تاپشۇرغان.

بەشىنچى: دۆلەت ئۇقۇمى ۋە خەلقنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جەھەتتە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى

قەدىمىي ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى دۇنيا ۋەزىيىتى خەلقنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، ھۆكۈمران بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قۇل بىلەن قۇلدار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ھۆكۈمران مۇتلەق خوجايىن بولۇپ، خەلق بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشنى خالىسا شۇنداق مۇناسىۋەت قىلاتتى.

دۆلەت پادىشاھلىقى خاس مۈلكى سۈپىتىدە باشقا ماللىرىغا ئوخشاش ۋارىسلىق قىلىناتتى. شۇ سەۋەبلىك دۆلەتلەر ئارا بىردەملىك تەخت ھوقۇقى ياكى كۈيئوغۇللارنىڭ مىراس دەۋاسى سەۋەبلىك جەڭلەر يۈز بېرەتتى.

ئۆزئارا ئۇرۇشۇۋاتقان ئەللەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بولسا غەلىبە قىلغۇچى تەرەپ مەغلۇپ بولغۇچى تەرەپنىڭ ئىلكىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى، ۋەتىنىدىكى مال – دۇنيا، ئابروي، ئىززەت – ھۆرمەت، ئەركىنلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تالان – تاراج قىلاتتى. بۇ خىل ھالەت ئىسلام ھازارىتى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىرىنسىپلىرىنى جاكارلىغانغا قەدەر داۋاملاشتى. بۇ پىرىنسىپ بولسا «خەلق ھۆكۈمرانلىرى ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ھۆكۈمرانلار خەلقنىڭ مەنپەئەتى، ئىززەت – ھۆرمىتى ئۈچۈن ئامانەتدارلىق، پاكلىق بىلەن كېچىلەرنى كىرپىك قاقماي بىدار ئۆتكۈزگۈچى چاكارلاردۇر» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.

مانا مۇشۇ پىرىنسىپلار بىلەن ئاددىي بىر پۇقرانىڭ ئۆز ھۆكۈمرانى كىيگەن كىيىمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئۇنىڭغا ئۆلۈم ھۆكۈم قىلىنماستىن، زىندانلارغا تاشلانماستىن ياكى باشقا يۇرتلارغا پالانماستىن، بەلكى ھۆكۈمران كىشىلەرنى قانائەتلەندۈرگۈدەك دەرىجىدە ھېساب بەرگۈدەك سوتلىيالىشى تارىخ بېتىگە يېزىلدى.

مۇشۇ پىرىنسىپلار بىلەن ئاددىي بىر پۇقرانىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ھۆكۈمرانىغا: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئى چاكار» دەپ سالام قىلىشى ھۆكۈمراننىڭ ئۆزىنىڭ خەلق چاكىرى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ زىممىسىدە چاكارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئىخلاس بىلەن ئامانەتدارلىق، ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلەشتىن ئىبارەت ۋەزىپىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى تۇنجى قېتىم تارىخ بېتىگە يېزىلدى.

مانا مۇشۇلارنى ئىسلام ھازارىتى ئىجرا قىلىدىغان پىرىنسىپلىرى قاتارىدا جاكارلىدى. مانا بۇ ئىسلام خەلقلىرىگە قوشنا ئەللەردىكى، كۆتۈرۈلۈپ بىئارام بولۇپ، ئۇندىن كېيىن ھەرىكەتلىنىپ قوزغالغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن خەلقلەردە كۆتۈرۈلگەن ئەركىنلىك ئاڭ شامىلىدىن ئىبارەتتۇر.

ئىسلام ھازارىتى تۈرلۈك ئۇرۇشلاردا جاكارلىغان توختام، كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىش، ئەقىدىلەرنى قوغداش، ئىبادەتخانىلارنى ئۆز ئەھلىگە قالدۇرۇش، كىشىلەرنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى، ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق پىرىنسىپلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنغان خەلقلەردە ئىززەت – ھۆرمەت روھى قوزغاپ، ئۇلارغا قىممەتلىك بولغان ئىنسانىيلىقنىڭ مەنىلىرىنى بىلدۈرۈپ قويدى.

مەغلۇپ بولغان بىر ھاكىمنىڭ غالىب ھاكىمنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆز ئوغلىنى ئىككى قامچا ئۇرغانلىقى سەۋەبلىك غالىب ھاكىمنىڭ چوڭ ھۆكۈمرانىغا ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ بېرىشى، چوڭ ھۆكۈمراننىڭ بۇ غالىب ھاكىمنىڭ ئىشىدىن غەزەپلىنىپ ئۇنىڭ ئوغلىنى سوراققا تارتىپ دەۋاگەرگە قىساس ئېلىپ بېرىشى ھەمدە بۇ ھاكىمغا: سىلەر قاچاندىن بىرى ئانىلىرى ھۆر تۇغقان كىشىلەرنى قۇل قىلىۋالدىڭلار؟ دەپ كايىشى ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ھادىسە بولۇپ قالدى.

مانا بۇ بىزنىڭ ھازارىتىمىز خەلقلەردە، جۈملىدىن شەخسلەردە ئويغاتقان يېڭى روھتىن ئىبارەتتۇر.

مەنبە: روائع الحضارة الإسلامية – د. مصطفى السباعي – https://islamstory.com

تەرجىمىدە: يانغىن.

——————————
([1]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 110 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ