پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى

دوكتور راغىب سەرجانىي

ئىسلام مەدەنىيىتى سايىسىدىكى پىكىر ئەركىنلىكى دېگىنىمىزدە، ھەربىر شەخسنىڭ مەيلى ئومۇمنىڭ ئىشىدا بولسۇن ۋەياكى خۇسۇسىي ئىشلاردا بولسۇن، ئۆزى توغرا دەپ قارىغان قاراشنى ئىختىيار قىلىپ تاللىشى، تاللىغان قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئۇنى باشقىلارغىمۇ ئاڭلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى دېگەنلىك مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ھوقۇق ناۋادا باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئېلىپ بارمىسىلا، ھەربىر شەخسنىڭ ئۆز پىكىرى ۋە تۇيغۇلىرىنى ئۆز ئىختىيارىچە بىمالال ئىپادىلىشى شەخستە بولۇشقا تېگىشلىك ئىنسانىي ھەق – ھوقۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر ئەركىنلىكى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ھوقۇقىدۇر

پىكىر ئەركىنلىكى بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام مەدەنىيىتىدە كاپالەتلەنگەن ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھوقۇقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئىسلام شەرىئىتى ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇ خىل ھوقۇقنى بېكىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتى شەخس ئۈچۈن قانداقلا بىر ھەقنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسا، ھەركىمنىڭ ئۇ ھوقۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى خىلاپلىق قىلىش ۋە ياكى ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

شۇنداقلا پىكىر ئەركىنلىكى ئىسلام شەرىئىتىدە ھەربىر مۇسۇلمان ئۈستىگە ۋاجىپتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئۆزئارا نەسىھەت قىلىش ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنى مەجبۇرىيەت قىلىپ بېكىتكەن، شۇنداق ئىكەن مۇسۇلمانلار پىكىر ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھوقۇقتىن بەھرىلىنەلمىگەن ئەھۋالدا، ئاللاھ بۇيرۇغان يۇقىرىقى مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇنداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ، دېمەك بۇ نۇقتىدىن پىكىر ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلنىڭ، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى ئىكەنلىكى ئېنىق بولۇپ، شەرئى قائىدىدە كەلگىنىدەك: «ۋاجىپ ئەمەلنى ئورۇنداش ئۈچۈن كېتەرلىك ۋاسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشمۇ ئوخشاشلا ۋاجىپتۇر».

ئىسلام دىنى دۇنيالىققا ئائىت بولغان ئومۇمىيلىق ۋە ئىجتىمائىيلىققا ئوخشىغان ھەرقانداق ئىشلاردا پىكىر ئەركىنلىكى بولۇشىنى يولغا قويغان بولۇپ، بىز تەكىتلىمەكچى بولغان بۈ چۈشەنچىلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھزاب ئۇرۇشى بولۇۋاتقان كۈندە، غەتافان قەبىلىسى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇشرىكلار بىلەن قىلغان ئىتتىپاقداشلىقىدىن ۋاز كېچىشلىرى ئۈچۈن مەدىنە خورمىلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى بۆلۈپ بېرىش خۇسۇسىدا سۈلھى تۈزۈش توغرۇلۇق سەئد ئىبنى مۇئاز ۋە سەئد ئىبنى ئۇبادەلەر بىلەن مەسلىھەت قىلغان ۋاقتىدىكى جەريانلاردا ئەمىلى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: غەتافانلىق ھارىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: ئى مۇھەممەد، بىزگە مەدىنە خورمىلىرىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈپ بەرسەڭ، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەئدىلىكلەر بىلەن مەسلىھەت قىلىپ كۆرەي» دېدى ۋە سەئد ئىبنى مۇئاز، سەئد ئىبنى ئۇبادە، سەئد ئىبنى رەبىيي، سەئد ئىبنى خەيسەمە ۋە سەئد ئىبنى مەسئۇد قاتارلىقلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلارغا: «كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردەك پۈتۈن ئەرەبلەر بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ سىلەرگە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ئاچتى، ھارىس سىلەردىن مەدىنە خورمىلىرىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈپ بېرىشىڭلارنى سوراۋاتىدۇ، ناۋادا سىلەر بۇ يىل بېرىپ تۇرۇشقا ماقۇل بولۇپ ئۇلارنى ئۇرۇشتىن چېكىندۈرۈپ تۇرساڭلار، كېيىنچىرەك قايتا قاراپ بىر ئىش قىلساڭلارمۇ بولىدۇ» دېدى، ئۇلار ئېيتتىكى، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ناۋادا ئېيتقانلىرى ئاسماندىن كەلگەن ۋەھىي بولغىنىدا، بىز ئاللاھنىڭ ئەمرىگە شەكسىز بويسۇنىمىز، ئەگەر ئېيتقانلىرى سىلىنىڭ ئۆز پىكىرلىرى ياكى كۆڭۈللىرىگە كەچكىنى بولسا، بىز سىلىنىڭ ئويلىغانلىرىغا ۋە پىكىرلىرىگە قوشۇلىمىز، ناۋادا سىلى بۇ ئىشنى بىزنىڭ مەيلىمىزگە قويۇپ بېرىپ قالسىلا، ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇنكى، بىز ۋە ئۇلار ئىسلام كېلىشتىن ئاۋۋال ئوخشاش شېرىك ئەقىدىدە بىرگە ياشىغان، ئۇلار بىزدىن ئېلىم – سېتىم قىلماستىن بىر تال خورمىنى ئالىمەن دەپ خام – خىيال ئەيلىمىسۇن([1]).

ئۆزئارا نەسىھەت قىلىش ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش ۋاجىپتۇر

ئۆزئارا نەسىھەت قىلىش ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش خۇسۇسىدا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە تۆۋەندىكىدەك ئىبارىلەر كەلگەن: «مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللار بىر – بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ»([2]) «دىن(نىڭ ئاساسى) ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ كىتابىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە، مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچىلىرىغا ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا سەمىمىي سادىق بولۇشتىن ئىبارەتتۇر»([3]).

ئىمام نەۋەۋىي يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دەيدۇ: ھەدىستىكى «مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچىلىرىغا سەمىمىي سادىق بولۇش» دېگەنلىك ئۇلارنىڭ ھەقىقەت يولىدا ئۆزئارا بىرى – بىرىگە ياردەملىشىشى، دىن يولىدا ئىتائەتمەن بولۇشى، ئۆزئارا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشى، بىر – بىرىگە چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشى ۋە ئۆزئارا بىر – بىرىنىڭ دىققەت قىلىنماي قالغان تەرەپلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا دەخلى – تەرز قىلمىغان ئاساستا كۆرسىتىپ قويۇشى لازىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەمنىڭ ئۆزى بىلگەن ھەقىقەتنى سۆزلىشىگە، ئىنسانلارنىڭ ھەيۋىسى توسالغۇ بولۇپ قالمىسۇن»([4]). «جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى زالىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھەق گەپ قىلىشتۇر»([5]).

دېمەك، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ۋاجىپ ئەمەل قىلىپ بېكىتىلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا ئۇشبۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنىڭ ئۆزى، ئەمەلىيەتتە، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياخشى دەپ قارىغان ياكى يامان دەپ قارىغان ۋەياكى بىر – بىرىنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىغان ئەھۋاللاردا ئۆز قارىشىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقىنى بەرگەنلىكى بولۇپ، بۇ خۇددى مۇسۇلمانلارغا رەھبەر بولغان كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزئارا كېڭەش ئېلىپ بېرىشنىڭ ۋاجىپ قىلىنىشى، ئاشۇ رەھبەرلەرگە مەسلىھەتچى بولغانلارنىڭمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقىنىڭ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىغا ئوخشايدۇ.

پۈتۈن ئىسلام تارىخى مابەينىدە ھەقىقەتەنمۇ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھوقۇق ناھايىتى ئەلا دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ كەلگەن بولۇپ، مىسال قىلىدىغان بولساق بۈيۈك ساھابىلەردىن ھەبباب ئىبنى مۇنزىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەدر غازىتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ بارگاھ قۇرۇشى خۇسۇسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قارىشىنىڭ ئەكسىچە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ پىكرىنى ماقۇل كۆرۈپ قوبۇل قىلغان.

شۇنىڭدەك ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۆھمەتكە ئۇچراش ھادىسىسىدىمۇ بىر قىسىم ساھابىلەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىن ھەتتا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى تالاق قىلىۋېتىش خۇسۇسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەسلىھەت بەرگەنلەرمۇ بولغان، ئەمما قۇرئان كەرىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا تۆھمەت قىلىنغانلىقىنى جاكارلاپ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئاقلىغان… ئۇندىن باشقا يەنە ساھابىلەر ۋە ساھابىلەردىن كېيىنكىلەرنىڭمۇ ئۆزلىرى توغرا دەپ قارىغان ئىشلاردا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئەمىلى جەريانلار بار.

ئېيتقىنىمىزدەك پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىش ھەمدە ئۇنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلار ئىسلام شەرىئىتىدە بېكىتىلگەن ھەقلەر قاتارىدىن بولغان ئىكەن، ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ بۇ ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرغانلارغا ئازار بېرىشى توغرا بولمىغان بولىدۇ، چۈنكى شەرىئەت ئۇنىڭ ئاشۇنداق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، مەسىلەن ئەينى دەۋردە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايال كىشىنىڭ مېھىر ھەققى مەسىلىسى توغرۇلۇق مەسجىدتە سۆز قىلىۋاتقاندا، بىر ئايال چىقىپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا رەددىيە بەرگەن بولۇپ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئايالنىڭ رەددىيەسىنى رەت قىلىۋەتمىگەن، بەلكى ئۇ ئايالنىڭ بەرگەن رەددىيەسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئايال توغرا ئېيتتى، ئۆمەر بولسا خاتالاشتى»([6]).

كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا سەمىمىي ۋە راستچىل بولۇش زۆرۈردۇر

مۇسۇلمان كىشى ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقىنى قوللانغان ۋاقتىدا، سەمىمىيلىك ۋە راستچىللىقنى دوست تۇتمىقى لازىم، ئاشۇنداق بولالىسىلا، ناۋادا بىرەر ئىشتا ھەقىقەتنى سۆزلەش ئۆز زىممىسىگە ئارتىلسىمۇ، ئۇ ئۆزى ھەق دەپ قارىغاننى سۆزلىيەلەيدىغان بولىدۇ، چۈنكى پىكىر بېرىش ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەقنى جاكارلاش، توغرىنى بايان قىلىش ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا پايدا يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان بولۇشى كېرەك، مەقسەت ھەرگىزمۇ كۆز بويامچىلىق قىلىش ۋە ھەقىقەتنى يوشۇرۇش بولماسلىقى لازىم.

شۇنىڭدەك يەنە مۇسۇلمان كىشى ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدا، ئۆزىنىڭ ياخشى نىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلىشى، بەرگەن پىكىرىدە بولسۇن ياكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا بولسۇن رىياخورلۇق ۋە ئابرويپەرەسلىك قىلماسلىقى، ھەقىقەتكە داغ چۈشۈرۈش، ھەقنى ناھەق بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ئادەملەرنى ئۆز ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قويۇش، ئىش ئىگىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەسكىلىك قىلىشىغا سەۋەبچى بولۇش، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئاز ساناپ ئۇلارنى پەس كۆرۈش، ئۇلار توغرىسىدا پىتنە تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى مەشھۇر قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ئارىدىن پايدا كۆرۈش ئۈچۈن كىشىلەرنى ئۇلارغا قارشى كۈشكۈرتۈش قاتارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى لازىم.

مانا مۇشۇ بويىچە بولغاندا ئاندىن ئىسلام شەرىئىتى بېكىتكەن پىكىر ئەركىنلىكى جارى بولغان بولىدۇ ھەمدە شۇنداق بولغاندىلا پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھوقۇق، خۇددى ئۆزلۈكنى نامايان قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى بولالىغىنىدەك مەدەنىي تەرەققىيات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرىگىمۇ ئايلىنالايدۇ.

 

(حرية الرأي في الحضارة الإسلامية – د. راغب السرجاني https://islamstory.com)

تەرجىمىدە: رىدا.

—————————————————————-
([1]) ئىمام تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان ۋە ھەيسەمىي بۇ ھەدىسنى «ھەسەن» ھەدىس دەپ باھالىغان.
([2]) «تەۋبە» سۈرىسى، 71 – ئايەت.
([3]) «سەھىھۇ مۇسلىم».
([4]) تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان ۋە ئالبانى «سەھىھ» دېگەن
([5]) تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان ۋە ئالبانى «سەھىھ» دېگەن
([6]) ئىمام قۇرتۇبىينىڭ «ئەھكامۇل قۇرئان» ناملىق تەپسىرى، 5 – توم، 95 – بەتگە قاراڭ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ