ساقال قويۇش ھەققىدە

ساقال قويۇش ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن مەلۇم ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، مەن ئادەتتە ساقال قويمايمەن، لېكىن ناتونۇشلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالغاندا ئۇلار مەندىن: نېمە ئىش قىلىدىغىنىمنى سورىسا، مەن ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىمنى دېگەندە، ئۇلار «نېمىشقا ساقال قويمايسەن؟ بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى تۇرسا؟» دەيدۇ. مۇشۇ توغرۇلۇق پىكىر بەرگەن بولسىلا! ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساقال قويغان، تولۇق چۈشۈرىۋەتمىگەن. ساھابەلەرمۇ شۇنداق قىلغان. ئالىملار ساقال قويۇشنىڭ ئىسلام تەلەپ قىلغان پەزىلەتلىك ئىش ئىكەنلىكىدە ئىتتىپاق. لېكىن، ساقالنى قويۇش ياكى چۈشۈرىۋېتىش ھۆكمىدە تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە قاراشتا بولغان:

بىرىنچى قاراش: ساقال قويۇش ۋاجىب، چۈشۈرىۋېتىش ھارام.

بۇلار مۇنداق دەلىل كەلتۈرگەن: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇشرىكلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار! ساقاللارنى قويۇۋېتىپ، بۇرۇتلارنى چۈشۈرىۋېتىڭلار» دېگەن.(1)

يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇرۇتلارنى چۈشۈرىۋېتىپ، ساقاللارنى قويۇۋېتىڭلار» دېگەن.(2)

يەنە بىر ھەدىستە: «بۇرۇتلارنى قىرقىپ، ساقاللارنى قويۇپ، ئاتەشپەرەسلەرگە خىلاپ ئىش قىلىڭلار!» دېگەن(3).

بۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەدىسلەردىكى «ساقاللارنى قويۇۋېتىڭلار» دېگەن بۇيرۇق ۋاجىبلىقنى كۆرسىتىدۇ.

ئومۇم ھەدىسلەرگە كۆزيۈگۈرتىدىغان بولساق، ۋاجىب دېگەن قاراشتىكىلەر دەلىل قىلغان ھەدىستىكى «مۇشرىكلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇق ۋاجىبلىقنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يەھۇدىي – ناسارالار (چاچ – ساقاللىرىنى) بويىمايدۇ، سىلەر ئۇلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار» دېگەن.(4) يەنە: «بۇ ئاق چاچلارنى ئۆزگەرتىۋېتىڭلار! يەھۇد – ناسارالارغا ئوخشىۋالماڭلار!» دېگەن(5).

بۇ ھەدىسلەردىمۇ يەنە: «يەھۇدىي – ناسارالارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار!»، «يەھۇدىي – ناسارالارغا ئوخشىۋالماڭلار!» دېگەن بۇيرۇق تۇرۇقلۇق، سەلەفلەر چاچ – ساقالنى بوياشنىڭ ۋاجىب ئەمەسلىكىدە بىرلىككە كەلگەن، بەزى ساھابەلەر بويىغان، يەنە بەزىلەر بويىمىغان. بۇيرۇق دېگەن بەزىدە ۋاجىبلىقنى، بەزىدە مۇستەھەبلىكنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ساقال قويۇش ھەققىدىكى بۇيرۇقمۇ، ۋاجىبلىقنى بىلدۈرمەيدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «يەھۇدىيلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار! ئۇلار كەش – ئۆتۈكلىرى بىلەن ناماز ئوقۇمايدۇ» دېگەن(6).

بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە كەش – ئۆتۈكلەر بىلەن ناماز ئوقۇش ۋاجىب ئەمەس.

يەنە: «بىزنىڭ روزىمىز بىلەن ئەھلى كىتابنىڭ روزىسىنى سوھۇرلۇق يېيىش ئايرىيدۇ» دېگەن(7). ئالىملار ئەھلى كىتابقا خىلاپ ئىش قىلىش ئۈچۈن، سوھۇرلۇق يېيىشنى ۋاجىب دەپ قارىمايدۇ. سوھۇرلۇق يېمىگەن كىشى ئەھلى كىتابقا خىلاپ ئىش قىلمىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكارمۇ بولمايدۇ، روزىسىمۇ توغرا بولىۋېرىدۇ.

يۇقىرىقى ھەدىسلەردىكى بۇيرۇقلارنىڭ ھەممىسى «مۇشرىكلارغا خىلاپ ئىش قىلىش»تىن ئىبارەت بىرلا سەۋەبنى كۆرسەتكەن بولغاچقا، باشقىلىرىدا مۇستەھەب بولۇپ قېلىپ، ساقالدىلا ۋاجىب بولۇپ، قالمايدۇ. ھەدىسلەردە بۇ تۈرلۈك مىساللار نۇرغۇن.

بۇنى تېخىمۇ تەكىتلەيدىغىنى شۇكى، ساقالنى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى بۇيرۇق، داۋاملىق بۇرۇتنى چۈشۈرۈش (بەزى رىۋايەتلەردە قىسقارتىش) بۇيرۇقى بىلەن بىللە كەلگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇرۇتنى چۈشۈرۈش (ياكى قىسقارتىش) بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا ۋاجىب ئەمەس، سۈننەت ۋە مۇستەھەب.

بۇ قاراشتىكىلەر دەللىللىرىنىڭ ۋاجىبلىققا پۈت تېرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ساقالنى چۈشۈرۈشنىڭ ھاراملىقىنى «ئەر كىشىنىڭ سۈرىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش» دېگەن بىر سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن، ساقال چۈشۈرمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بېكىتىۋەتكەن بولغاچقا، بۇنىڭغا باشقىچە سەۋەب كۆرسىتىشمۇ ئورۇنسىز.

يەنە بەزىلەر «ساقالنى چۈشۈرىۋېتىش ئاياللارغا ئوخشىۋالغانلىق» دەپمۇ سەۋەب كۆرسىتىپ باققان. لېكىن، بۇ سەۋەبمۇ يۇقىرىقىدەك ھەدىستە بېكىتىلگەن سەۋەب ئورنىغا سەۋەب كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ناۋادا ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ئاياللارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ چاچنى چۈشۈرىۋېتىشى ۋاجىب بولۇپ قالغان بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللارغا ئەرلەردەك ساقال چىقىپ ئۇلار ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ تۇرىدىغان بولسا ئىدى، ئاندىن ئوخشىۋېلىش دېگەن نەرسە مەۋجۇد بولاتتى.

ئىككىنچى قاراش: ساقال قويۇش سۈننەت، مۇستەھەب، چۈشۈرىۋېتىش مەكرۇھ. بۇ قازى ئىياز، ئىمام نەۋەۋىي، ئىمام غەززالىي، ئىمام ئىبنى قۇدامە ۋە ئىمام شەۋكانىي قاتارلىق ئالىملار تۇتقان قاراش.

بۇلار: «(مۇنۇ) ئون ئىش قەدىمىي سۈننەتتىندۇر: بۇرۇتنى قىرقىش، ساقالنى قويۇۋېتىش…»(8) دېگەن ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرگەن.

بۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەدىستە ساقال قويۇش، تەرغىب قىلىنغان سۈننەت ئەمەللەر قاتارىدا سانالغان.

بۇ ھەدىسنىڭ ئۆزىنى ساقال قويۇش ۋاجىب دېگەن ئالىملارمۇ دەلىل قىلغان. لېكىن، بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىگە مۇھەددىسلەر بىرلىككە كەلمىگەن. چوڭقۇرلاپ تەكشۈرگىنىمىزدە سەنەدى «زەئىف» ۋە ئىللەتلىك چىقىدۇ(9). ئۇنى «سەھىھ» دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشىنى ھېساب قىلغان تەقدىردىمۇ ياكى «زەئىف» ھەدىسلەرنى پەزىلەرتلىك ئەمەللەردە ئېلىشقا بولىدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن ساقال قۇويۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ، ۋاجىبلىقى چىقمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئون ئىشنىڭ كۆپىنىڭ سۈننەتلىكىدە ئالىملار بىردەك قاراشتا. قالغىنىنىڭ ۋاجىبلىقىدا بىردەكلىك يوق.

مەزكۇر ھەدىسنى دەلىل قىلىش زەئىف بولسىمۇ، لېكىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساقال قويغانلىقى ۋە ساقال قويۇشقا بۇيرۇغانلىقى ساقال قويۇشنىڭ سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۈچىنچى قاراش: ساقال قويۇش – قويماسلىق ئادەت ۋە مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك ئىش. بۇيرۇق دېگەن بەزىدە ۋاجىبلىقنى كۆرسەتسە، يەنە بەزىدە ياخشىراقىغا يېتەكلەش ئۈچۈنمۇ بولىدۇ. غەيرى دىندىكىلەرگە ئوخشاپ قېلىش دىنىي مەسىلىلەردە بولسا ئاندىن ھارام بولىدۇ. ئەمما، ئۆرپ – ئادەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ھارام ياكى مەكرۇھ بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئوخشىۋېلىش نىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا پەقەتلا ئوخشاپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىقىلار ساقال قويۇش مەسىلىسىدىكى ئۈچ خىل قاراش بولۇپ، ساقال قويۇش سۈننەت ۋە مۇستەھەب دېگەن قاراش دەلىل جەھەتتىن ئەڭ مۇۋاپىق.

بۇ يەردە ئىككى نوقتىنى تەكىتلەش مۇۋاپىق:

بىرى: ساقال قويۇشتىن ئىبارەت سۈننەت، مۇستەھەب ئىشنى ئىمكانىيەت تېپىلىپ، ساقال سەۋەبىدىن تۈرلۈك بېسىملارغا ئۇچرىمايدىغان ئازادە شارائىتتا ۋە جەمئىيەتلەردە قىلسا بولىدۇ. ساقال قويغانلىق سەۋەبىدىن ئىشىدىن، مەكتىپىدىن قۇغلىنىدىغان ياكى دەۋەت پائالىيەتلىرىنى ياكى باشقا مۇھىمراق ئىشلىرىنى قىلىشتا تۈرلۈك ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرايدىغان بولسا، قويمىسىمۇ بولىدۇ.

«قۇرئان كەرىم»دىمۇ قىيىن شارائىتتا ئىمانىنى يوشۇرغان كىشىنى ئالاھىدە ماختىغان، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى يوشۇرۇشقا بۇيرۇغان. ئىسلام بىلەن ئىماننى يوشۇرۇش، ئۇنىڭ شەكلى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشىنى يوشۇرغاندىن ئېغىر. شۇڭا، قاراشلار ئوخشاش بولمىغان بۇنداق مەسىلىلەردە باشقىچە قاراش ۋە شارائىتتىكىلەرنى ئازغۇن، پاسىق دەپ ھاقارەتلەشنىڭ ئۆزى، مۇسۇلمانلار سېپىنى پارچىلاشنى كۆزلەۋاتقان دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئىشىنى قولايلاشتۇرۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس.

يەنە بىرى: ساقالنى قويۇشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىدىغان تۆۋەن چېكى. ئالىملار ساقالنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىۋەتسە بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، قانچىلىك ئېلىۋەتسە ساقال قويغان بولىدىغانلىقىدا قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. سەلەفلەردىن بەزىلەر: سىقىمدىن ئاشقىنىنى ئېلىۋەتسە ساقال قويغانلىق بولىدۇ دېسە، يەنە بەزىلەر ھەج – ئۆمرەدىن باشقا چاغدا ساقىلىدىن ئالسا بولمايدۇ دېگەن. يەنە بەزىلەر بۇ ھەقتە مەلۇم چەك قويماستىن، قىسقا بولسىمۇ قويۇلسا، ساقال قويغانلىق بولىدۇ دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر سىقىمغا يەتمىگەن بولسىمۇ ئالاھىدە ئۇزىراپ كەتكەن جايلىرىنى، يان تەرەپلىرىنى ئېلىۋېتىشكە رۇخسەت قىلغان.

«ھەج – ئۆمرەدىن باشقا چاغدا ساقىلىدىن ئالسا بولمايدۇ» دېگەن قاراش ئىنتايىن زەئىف قاراشتۇر. چۈنكى، ئىھراملىق ھالەتتە چاچ ئېلىش چەكلەنگەن بولۇپ، ساقالمۇ بۇ ھەقتە چاچ قاتارىدا. يەنە سەلەفلەردىن، ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ ساقالدىن ئالغانلىقى كەلگەن. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، مۇشرىكلارغا خىلاپ ئىش قىلىش، ئۇلاردەك پاكىز چۈشۈرىۋەتمىسە، بىرەر سانتا قويۇش بىلەن بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

ئەلبەتتە بىر سىقىم بىلەن بەلگىلەش بەزى سەلەفلەرنىڭ ئىجتىھادى بولۇپ، بۇ دېگەنلىك بىر سىقىمدىنمۇ ئاز قويۇش، ساقالنى چۈشۈرىۋەتكەنلىك بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بەزى سەلەفلەر بىر سىقىم دەپ بېكىتمەستىن مەلۇم مىقداردا ساقال قويسا جائىز دېگەن.

﴿ئاندىن ئۇلار كىرلىرىنى تازىلىسۇن﴾(22/«ھەج»: 29) دېگەن ئايەتتىكى كىرلارنى تازىلاشنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «شەيتانغا تاش ئېتىش، قان قىلىش، چاچ چۈشۈرۈش ۋە قىسقارتىش، بۇرۇت، تىرناق ۋە ساقالدىن ئېلىش» دەپ تەفسىرلىگەن(10).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەج ياكى ئۆمرە قىلغاندا ساقىلىنى سىقىمداپ، ئارتۇقىنى ئېلىۋېتەتتى(11). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ساقىلىنى سىقىمداپ، ئارتۇقىنى ئېلىۋېتەتتى(12). ئەلقاسىم ئىبنى مۇھەممەد چېچىنى ئالدۇرغاندا ساقال – بۇرۇتلىرىنىمۇ ياسىتاتتى(13). ئىبراھىم نەخەئىي: «ئۇلار (ساھابە كىراملار) ساقالنىڭ ئەتراپىدىن ئېلىپ ياسىتاتتى» دېگەن(14).

دېمەك، سەلەفلەر ساقالنى قويغاندىن كېيىن بىر قىسمىنى ئېلىشنىڭ جائىزلىقىدا بىردەك قاراشتا. قانچىلىك ئېلىشتا قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. ئۇلاردىن ساقالنى ئېلىۋېتىش مەكرۇھ دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنمىغان. كېيىنكى ئالىملارمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. ئۇلارمۇ ساقالدىن ئېلىۋېتىش جائىز ئەمەس دەپ باقمىغان. بەزىلىرى بەك ئۇزىرىغان قىسمىنى ئېلىۋېتىدۇ دېسە، يەنە بەزىلىرى ئېلىشنىڭ مەلۇم چېكى يوق دەپ قارايدۇ. يەنە ئىمام تەبەرىيدەك بەزى ئالىملار سەلەفلەر ئارىسىدىكى ساقالنىڭ مىقدارى توغرىسىدىكى قاراش ئوخشاشماسلىقنى بايان قىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتتىكى ئۆرپ – ئادەتتە ئەيىبلەنمەيدىغان دەرىجىدە ئالسا بولىدۇ دەپ ئۆلچەم بېكىتكەن(15).

ساقال قويۇشقا بۇيرۇغان ھەدىسلەردىكى خىلاپلىق قىلىشتىن كۆزدە تۇتۇلغان مۇشرىكلار ئاتەشپەرەسلەر بولۇپ، ئۇلار ساقاللىرىنى پاكىز چۈشۈرىۋېتەتتى. ساقالنى قىسقا بولسىمۇ قويۇش بىلەنمۇ ئۇرلاغا خىلاپلىق قىلىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

شۇڭا ئالىملاردىن بەزىلەر: «چەكلەنگىنى ئەجەملەردەك پاكىز چۈشۈرىۋېتىش» دېگەن(16).

ئىخچاملىساق، ساقال قويۇش سۈننەت، مۇستەھەب دېگەن ئىككىنچى قاراشنى تاللىغىنىمىزدا، ساقالنى بىر قىسمىنى ئېلىپ قىسقارتىپ چىرايلىق تەڭشەپ ياساپ تۇرسا بولىدۇ. پۈتۈنلەي چۈشۈرىۋېتىش مەكرۇھ. بوينى بىلەن مەڭزىگە ئۆسكىنى ساقال دائىرىسىگە كىرمەيدىغان بولغاچقا، ئۇنى تىغدا چۈشۈرىۋەتسە بولىدۇ.

جەمئىيەت شارائىتى يار بەرسە، بېسىمغا ئۇچرىمايدىغان بولسا، ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان تالىبلار، ئەھلى ئىلىملەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى قولدىن بەرمەسلىكى، تەقى – تۇرقىدا، يۈرۈش – تۇرۇشىدا مۇستەھەب بولغاننى تۇتۇشتا ئاۋامۇنناسقا ئۈلگە بولۇشى لايىقتۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 24 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 28 – ئاپرېل

——————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5892)؛ «مۇسلىم»، (259). بۇ ھەدىستىكى (أَحْفُوا) دېگەن سۆز (الإحفاء) دېگەن سۆزدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ، ئۇ پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىش، تېگىدىن ئېلىۋېتىش، تېرىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرۇشى دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا يالىڭاياق كىشىنى (حاف) دەيمىز. «سەھىھۇلبۇخارىي»، «بۇرۇتنى قىسقارتىش» بابىدا كېلىشىچە «ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇرۇتىنى تېرىسىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنگىدەك قىلىپ چۈشۈرىۋېتىپ، ماۋۇ ئىككىنىمۇ ئالاتتى». يەنى: بۇرۇت بىلەن ساقال ئارىلىقىنى، دېمەكچى. تاھاۋىينىڭ بىر رىۋايتى («شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 6570) دە: «بۇرۇتىنى يۇلۇۋەتكەندەك پاك – پاكىز ئالاتتى» دەپ كەلگەن. ئىمام شەۋكانىي: «(الإحفاء) تېگىدىن ئېلىۋېتىشنى بىلدۈرىدۇ. ‹ئەسسىھاھ›، ‹ئەلقامۇس›، ‹ئەلكەششاف› ۋە بارلىق لۇغەت كىتابلىرىدا شۇنداق» دېگەن. «سەھىھۇلبۇخارىي»دىكى مۇشۇ (أَحْفُوا) ۋە (انْهَكُوا) دېگەن بۇيرۇقلارمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. يەنە ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي، جابىر، راﻓﯩﺌ ئىبنى خەدىج، ئەبۇ ئۇسەيد، سەلەمە ئىبنى ئەكۋەﺋ ۋە ئەبۇ راﻓﯩﺌ قاتارلىق نۇرغۇن ساھابە كىراملارنىڭمۇ بۇرۇتلىرىنى پاك – پاكىز ئېلىۋەتكەنلىكى ئىمام تاھاۋىي ۋە باشقىلار سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە شاگىرتلىرى، ئىمام شافىئىي ۋە شاگىرتلىرى، شۇنداقلا ئىمام ئەھمەد قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملار پاكىز ئېلىۋېتىش قىسقارتقاندىن ئەۋزەل دەپ قارىغان. يەنە قىسقارتىش ۋە قىرقىش ھەققىدە باشقا «سەھىھ» ھەدىسلەرمۇ كەلگەن. دېمەك، بىر قىسمىنى ئېلىۋېتىش بىلەن تېگىدىن ئېلىۋېتىشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى خىل ئۇسۇل سەھىھ يول بىلەن كەلگەندۇر. بىر قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، قىرقىش ئەۋزەل دېگەن قاراشنى تۇتۇپ، «سەھىھەين»دىكى ئوي ئېلىۋېتىش ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى ئۆز قارىشىغا بويسۇندۇرۇپ تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە يەنە قاراڭ: جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 1/84؛ ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 1/181؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10/335؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 22/26 – 43؛ «مىرقات» 8/272؛ «نەيلۇل ئەۋتار» 1/142؛ مۇسا شاھىن لاشىن: «فەتھۇلمۇنئىم»، 2/176.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5893)؛ «مۇسلىم»، (259).
3. «مۇسلىم»، (260).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3462)؛ «مۇسلىم»، (2103).
5. «تىرمىزىي»، (1752). «سەھىھ».
6. «ئەبۇ داۋۇد»، (652). «سەھىھ».
7. «ئەبۇ داۋۇد»، (652). «سەھىھ».
8. «مۇسلىم»، (261).
9. بۇ ھەدىس «سەھىھۇ مۇسلىم»دە كەلگەن بولسىمۇ، ئىمام ئەھمەد قاتارلىق كۆپچىلىك مۇھەددىسلەر بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن مۇسئەب ئىبنى شەيبەنى «مۇنكەرۇل ھەدىس» دەپ قارىغان. ئىمام دارەقۇتنىيمۇ ئىمام مۇسلىمنىڭ بۇ ھەدىسنى «سەھىھ» دەپ قارىغىنىنى توغرا تاپمىغان. قاراڭ: ئەلئۇقەيلىي: «ئەززۇئەفاﺋ»، 4/196؛ مىززىي: «تەھزىبۇل كامال» 28/32؛ دارەقۇتنىي: «ئەلئىلزامات» 340 – بەت.
10. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (15673).
11. «بۇخارىي»، (5892).
12. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، )25992).
13. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (25996).
14. بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (6438).
15. قازى ئىياز: «ئىكمالۇل مۇئلىم»، 2/36؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 22/46.
16. زۇرقانىي: «شەرھۇززۇرقانىي»، 4/426.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ