رامازان ئېيىدا «قۇرئان»نى قانداق ئوقۇيمىز

رامازان ئېيىدا «قۇرئان»نى قانداق ئوقۇيمىز

دوكتور مۇھەممەد ئەيياش ئەلكۇبەيسىي

 

رامازان ئېيى «قۇرئان» ئېيىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامازان ئېيىدا «قۇرئان»نى باشقا ھەرقانداق ئايدىكىدىن كۆپرەك ئوقۇيتتى. شۇڭا، بۇ سۈننەتكە ئاساسەن مۇسۇلمانلار كېچە – كۈندۈز ئۆيلەردە ۋە مەسجىدلەردە، ئايرىم – ئايرىم ياكى جامائەت بولۇپ «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىشقا ئالدىرايتتى. بەزى كىشىلەر «قۇرئان»نى بىرقانچە قېتىم خەتمە قىلىشنى (تاماملاشنى) ئۆزلىرىگە ۋەزىپە قىلىۋالاتتى. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەربىرى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا لايىق مەدھىيىلىنىدىغان ئىشلاردىن ئىدى. ئەمما، كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە ئەرزىيدىغان مۇنداق بىر سوئال كاللىمىزغا كېلىشى مۇمكىن.

مۇسۇلمان كىشىنىڭ «قۇرئان»نى قايتا – قايتا ئوقۇپ، تەكرارلاپ تۇرۇشنىڭ نېمە ھېكمىتى بار؟ ھاياتىدا (تۇرمۇشىدا) بۇنىڭىدىن نېمىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ؟ باشقىلارغا نېمىلەرنى تەقدىم قىلالايدۇ؟

بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلارنىڭ دىيانەتلىك بولۇش (دىنىي ئىشلاردا ئىخلاسمەن بولۇش) مەسىلىسىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ ئىبادەتلەر بىلەن ئىبادەتلەردىن كۆزلىنىدىغان غايە – مەقسەتلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋىتىش (يەنى بىرلەشتۈرۈپ مۇئامىلە قىلالماسلىق) مەسىلىسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، بىز مۇسۇلمانلاردا ئىبادەتلەر (شەكىل جەھەتتىن) زورىيىپ، تۇرمۇشىمىزدا ئۇلاردىن كۆزلىنىدىغان غايە – مەقسەتلەر ۋە ئۇلاردىن كۆرىلىدىغان تەسىرلەر يوقاپ كېتىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بىز ئالدى بىلەن جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە ئويلانساق ئاندىن كىشىلەرنىڭ مەسجىدلەردە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىدىن بىر – بىرىنى قىستاشلىرى بىلەن ھەر كۈنى مەھەللە مەسجىدىدە بىللە ناماز ئوقۇيدىغان قېرىندىشىنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان دەرىجىدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا جامائەتچىلىك روھىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئالدىمىزدىكى بۇ مەسىلىنىڭ ئىجتىمائىي ياكى ئىنسانىي مەسىلە بولۇشتىن بۇرۇن بىر دىنىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

«قۇرئان»نى بۇنچىلىك كۆپ ۋە بۇنچىلىك ھېرىسمەنلىك بىلەن ئوقۇيدىغان مۇسۇلمانلاردا، ھېچ بولمىغاندا، ئومۇمىي چۈشەنچە، ئومۇمىي تەسەۋۋۇر ۋە ئاساسلار جەھەتتىن، «قۇرئان»نىڭ تەسىرى كۆرۈلىشى كېرەك. دىيانەتلىك مۇسۇلمانلار مۇشۇ ئاساسلار ئۈستىدىمۇ بىرلىككە كېلەلمىسە، «قۇرئان»نىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى نەدە تۇرۇپتۇ؟!

(باشقىلارنى قويۇپ تۇرايلى) بۈگۈنكى كۈندىكى دىيانەتلىك مۇسۇلمانلار ھەق – ناھەق، پەزىلەت – رەزىللىك، ئامانەت – خىيانەت توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىدىمۇ بىرلىككە كېلەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلارغا قاراپ بېقىڭ، ئۇلار يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ئىش توغرىسىدا قانداق ئىختىلاپلىشىۋاتىدۇ؟ ئىختىلاپ قىلىشقاندىن كېيىن ئۆزئارا قانداق مۇئامىلە قىلىشىۋاتىدۇ؟ ئۇلار بىر ئاز ئىلگىرى مەسجىدلەردە بىللە ئوقۇغان ئايەتلەرنى (دەلىل سۈپىتىدە) قانداق كەلتۈرۈشۈۋاتىدۇ؟

سىز دىن توغرىسىدا جېدەللەشكەن ئىككى ئادەمنىڭ رامازان ئېيىدا «قۇرئان»نى تولۇق ئوقۇغاندىن كېيىن جىدەل – ماجىرالىرىنى ھەل قىلالىغانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بىز دۇنيا ئەھلىگە ئىسلام پۈتۈن ئىشلارنى ھەل قىلالايدۇ دەپ ۋەدە قىلغان چېغىمىزدا، ئۇلارنىڭ بىزگە ئىشىنىشىنى قانداقمۇ تەلەپ قىلالايمىز؟

بىزنىڭ كۆپىنچە چاغلاردا «قۇرئان»نى چۈشەنمەي ئوقۇيدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىزنىڭ ئۆزى بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكى دەرھەقىقەتتۇر. چۈنكى، «قۇرئان»نى چۈشەنمەي ئوقۇشىمىز بىزنى «قۇرئان»نىڭ ئاۋازى چىقىدىغان، نە «قۇرئان»دىن، نە باشقىسىدىن مەنپەئەت ئالالمايدىغان جانسىز ئۈسكۈنىلەرگە ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ.

ئاللاھ تائالا بىزنى تىلاۋەت قىلىشقا بۇيرىغان «قۇرئان كەرىم»دە يەنە بىزنى (ئۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ) پىكىر يۈرگۈزۈشكىمۇ، تەپەككۇر قىلىشقىمۇ، چۈشىنىشكىمۇ بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:

﴿ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟﴾(4/«نىساﺋ»: 82)

﴿بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ) دەلىللەر بار﴾(13/«رەئد»: 3).

﴿بۇلاردا چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار﴾(13/«رەئد»: 4).

نېمە ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلاردا «قۇرئان»نى تىلاۋەت قىلىش تەرىپى پىكىر يۈرگۈزۈش، تەپەككۇر قىلىش ۋە چۈشىنىش تەرەپلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؟ «قۇرئان»نى چۈشەنمەي ئوقۇيدىغان ئادەم چۈشەنمەيدىغان سۆزلەردىن قانداقمۇ مەنپەئەت ئالالىسۇن؟

ئەمەلىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، مۇسۇلمان كىشى رامازان ئېيىدا «قۇرئان»نى چۈشۈنۈپ بىر قېتىم خەتمە قىلىش (تاماملاش) قا ھېرىسمەن بولسا، ھەقىقەتەن، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى چۈشەنمەي بىرقانچە قېتىم تەكرار خەتمە قىلىشلىرىدىن ياخشىراق ۋە ساۋابى كۆپرەك بولىدۇ. «قۇرئان»نى ھەم تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن، ھەم ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن ئىككى خەتمىنى بىللە باشلىسىمۇ بولىدۇ، ئەلبەتتە.

بۇنىڭغا بىر مىسال ئالساق، ناۋادا بىر كىشى مەلۇم بىر مەسجىدتە تەراۋىھ نامىزىنى داۋاملىق ئوقۇماقچى بولسا، شۇ مەسجىدتىكى ئىمام ھەر كۈنى تەراۋىھ نامىزىدا ئوقۇيدۇ دەپ ئويلىغان جايلارنىڭ تەفسىرىنى ئالدىنئالا ئاسانراق بىرەر تەفسىردىن كۆرۈپ ماڭسا، ئەلبەتتە، نامىزىنى مەلۇم دەرىجىدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. چۈنكى، نامازنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئوقۇش كىشىنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. ئۇلار نامازلىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئوقۇغۇچىلاردۇر﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 1، 2)

كىشى نامىزىدا ئوقۇلىدىغان ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىسە، نامىزىنى قانداقمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئوقۇيالىسۇن؟!

 

تەرجىمىدە: ئابدۇرراززاق رەجەب

مەنبە: https: //www. alarab. qa

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ