رامازان ئېيى بىلەن ۋىدالاشماڭلار!

رامازان ئېيى بىلەن ۋىدالاشماڭلار!

دوكتور مۇھەممەد ئەيياش ئەلكۇبەيسىي

 

رامازان ئېيى بىلەن ۋىدالىشىش ۋاقىتلىرى يېقىنلاشقان چاغدا، بەزى رامازان تۇتقۇچىلارنىڭ چىرايلىرىدا غەم – قايغۇ ئىپادىلىرى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. بۇ (رامازاننىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان) ھىلال ئايدىن (رامازاننىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان) ھىلال ئايغىچە، تۇنجى سوھۇرلۇقدىن ئەڭ ئاخىرقى ئىپتارغىچە بولغان بۇ مۇبارەك ئايدىكى ھېس – تۇيغۇ جەھەتتىكى چوڭقۇر تەسىرلىنىشتىن كېلىپ چىققان تەبىئىي تۇيغۇ ھېسابلىنىدۇ.

رامازان ئېيىدا ھەممە نەرسە ئۆزگىرەيدۇ، ئائىلە، مەسجىد، مەكتەپ، بازارلاردىن تارتىپ يېمەك – ئىچمەك، ئۇيقۇ، ئۇچرىشىش، زىيارەت ۋاقىتلىرىغىچە، بالىلارنىڭ روھى ھالەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاچلىقنى ۋە نەپسىنى ئۆگىنىپ قالغان بەزى ئادەتلەردىن چەكلەشنى سىناپ بېقىش ھازىرلىقلىرىغىچە، رامازان مۇناسىۋىتى بىلەن رەڭدارلىققا تولغان بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقىلىشىش سەھىپىلىرىگىچە، پۈتۈن ھايات (تۇرمۇش) پەقەت رامازان ئېيىدىلا بولىدىغان يېڭى بىر تۈزۈم ئىچىگە كىرىدۇ. بۇ ھاياتنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدىن تارتىپ ھەتتا ئاشخانا، يېمەك – ئىچمەك تۈرلىرىگىچە، رامازان سىڭىپ كىرگەن بولىدۇ. يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن كېيىن كىشىلەر (رامازاننىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن) ئۇلارغا: توختاڭلار، رامازان ئېيى ئاخىرلاشتى، بۇرۇنقى ھالىتىڭلارغا قايتىڭلار، دېيىلگەندەك بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىشىدۇ.

يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار رامازان ئېيىدا يۇقىرىقى ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى ئاللاھ بىلەن بولغان تىجارەتنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىگە پۈتۈن ۋاقتىنى ئاجرىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار بۇ مەزگىلدە تائەت – ئىبادەتلەردە جانلىق بولىدۇ، كۆپلەپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ، رامازاندىن ئىلگىرى ئاسانغا چۈشمەيدىغان تەھەججۇد نامازلىرىنى ئوقۇيدۇ، ئاللاھنى زىكرى قىلىدۇ ۋە «قۇرئان»غا ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ قەلبلىرى رامازان ئېيىدا ئاللاھ بىلەن بولغان ئۈنس – ئۈلپەت، خاتىرجەملىك ۋە ساپلىق ھالەتلىرىدىن رامازاننىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى ئېغىر – يۈكلەر، تۈرلۈك مەشغۇلاتلار، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر بىلەن تولغان بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىدۇ.

بۇ ئىككى تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ رامازان ئېيىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن كۆز – ياش تۆكۈشى لايىقتۇر. لېكىن، ھەممە ئەھۋال يۇقىرىقىدەك بولمايدۇ. چۈنكى، رامازان ئېيى كېلىپ – كېتىدىغان مېھمان ياكى توختاپ قالىدىغان بىرەر قېتىملىق سەپەر بولۇشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى داۋاملىق قېلىشى ياكى داۋاملىق بولۇشى ئۈچۈن كەلگەن.

شەك – شۈبھىسىزكى، رامازان ئېيى ئىنسانلارغا «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش، ئۇنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى ئەسلىتىش ئۈچۈن كەلگەن. ھالبۇكى، «قۇرئان» ئارىمىزدا (قىيامەتكە قەدەر) داۋاملىق مەۋجۇدتۇر، شۇڭا سىز داۋاملىق «قۇرئان» بىلەن ياشىسىڭىز داۋاملىق رامازان بىلەن ياشىغان بولىسىز.

رامازان ئېيى ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىنى (مەسجىدلىرىنى) ئەسلىتىش ئۈچۈن كەلگەن. ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ ئۆيلىرى ئارىمىزدا داۋاملىق مەۋجۇدتۇر. شۇڭا، سىز ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدە بولسىڭىز رامازاندا ۋە رامازاننىڭ مۇھىتلىرى ئىچىدە بولغان بولىسىز.

رامازان ئېيى مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبلىرىنى مىھرى – شەپقەت قىلىش، ئۆزئارا ياخشى كۆرۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا ئالاقىلىشىشلار بىلەن بىر – بىرىگە باغلاش ئۈچۈن كەلگەن. ھالبۇكى، مۇسۇلمانلار ئارىمىزدا مەۋجۇدتۇر. شۇڭا، سىز مۇسۇلمانلار بىلەن داۋاملىق مېھرى – شەپقەت قىلىش، ئۆزئارا ياخشى كۆرۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا ئالاقىلىشىشلار بىلەن بولسىڭىز رامازان بىلەن بىرگە بولغان بولىسىز، رامازانمۇ سىزدىن ئايرىلمىغان بولىدۇ.

رامازان ئېيى سىزنى ئاڭلىق بولۇش، ئەمەل قىلىش، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشلار ئارقىلىق شەيتانلارنى كىشەنلەشكە ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن. ھالبۇكى، شەيتانلار مەۋجۇدتۇر، سىز ئۇلارغا ھەربىر ئېكران، ھەربىر مۇنبەر، ھەربىر يولدا يولۇقۇپ تۇرىسىز. شۇڭا، سىز شەيتانلارنى كىشەنلەپ، قەلبىڭىز ۋە كۆزىڭىزنى شەيتانلاردىن ھىمايە قىلالىسىڭىز رامازانغا ئەڭ يېقىن بولغان بولىسىز.

رامازان كۈنلىرى ھەقىقەتەن باشقا كۈنلەردىن پەرقلەنمەيدۇ. رامازاننىڭ ھەربىر كۈنىمۇ يىگىرمە تۆت سائەت بولۇپ، قۇياش چىقىدۇ ۋە پاتىدۇ، كېچە ۋە كۈندۈز بولىدۇ، پەرقلىق بولىدىغىنى پەقەتلا سىز. رامازان دەۋىتىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز، ﴿ئى مۇئمىنلەر! تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامازان روزىسى) پەرز قىلىندى﴾(2/«بەقەرە»: 183) دېگەن رامازان دەۋىتى ئارىمىزدا (قىيامەتكە قەدەر) داۋاملىق بولغۇچىدۇر. دېمەك، سىز رامازان ئېيىدىن ئىلگىرىمۇ ھەم كېيىنمۇ تەقۋادار بولسىڭىز رامازان پۈتۈن ھاياتىڭىزدا سىز بىلەن بىرگە بولغان بولۇپ، سىزدىن ئايرىلمىغان بولىدۇ.

رامازان ئېيى سىزنى ھاياتتىن ئايرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھاياتقا ھازىرلاش ئۈچۈن كەلگەن. ئەي ئىنسان! ئاللاھ تائالا سىز توغۇرلۇق: ﴿مەن يەر يۈزىدە خەلىفە (يەنى، ئورۇنباسار) يارىتىمەن﴾(2/«بەقەرە»: 30) دېگەن. شۇڭا، سىز زېمىننى گۈللەندۈرۈش، زېمىننىڭ يۈكلىرىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىڭىزگە ئېلىش ئۈچۈن يارىتىلدىڭىز. ئاسمانغا ئىنتىزار بولۇش گۈزەل بىر ئىش، ئەمما سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز زېمىندا، ئاسماندا ئەمەس.

كىمكى رامازان ئېيىنى ساناقلىق كۈنلەر ۋە ساناقلىق سائەتلەر دەپ قارىسا، رامازان ئېيى بىلەن ۋىدالاشسۇن، چۈنكى رامازان ئېيى چوقۇم كېتىدۇ. كىمكى رامازان ئېيىنى ئىلاھىي دەۋەت دەپ قارىسا، رامازان ئېيىنى تەبرىكلىسۇن، چۈنكى رامازان ئېيى كېچە ۋە كۈندۈز مەۋجۇدلا بولىدىكەن، قىيامەتكىچە داۋاملىق بار بولىدۇ.

رامازىنىڭلار قۇتلۇق بولسۇن، ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، تائەت – ئىبادەتتە ئۆتكۈزگەن ھەربىر ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

 

مەنبە: لا تودعوا رمضان https: //www. alarab. qa

تەرجىمىدە: ئابدۇرراززاق رەجەب

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ