مۇناسىپ ئۇسۇل قوللىنىڭ (3)

مۇناسىپ ئۇسۇل قوللىنىڭ (3)

خاھلىسىڭىز يەنە مۇئاۋىيە ئىبنى ئەلھەكەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قاراڭ! ئۇ ئادەتتىكى ساھابەلەردىن بولۇپ، مەدىنەدە تۇرمايتتى، رەسۇلۇللاھ بىلەن ئولتۇرۇپ – قوپىدىغان بىرىمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ سەھرادا بىر توپ قويى بار بولۇپ، ئۇلارنى بېقىش ئۈچۈن ئوت – چۆپ قوغلاپ يۈرەتتى.

مۇئاۋىيە بىر كۈنى مەدىنەگە باردى. مەسجىدكە كىرىپ، رەسۇلۇللاھ بىلەن ساھابەلەرنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. رەسۇلۇللاھنىڭ چۈشكۈرۈش توغرىسىدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. رەسۇلۇللاھ سۆز ئارىسىدا ساھابەلىرىگە «مۇسۇلمان كىشى قېرىندىشىنىڭ چۈشكۈرۈپ ‹ئەلھەمدۇ لىللاھ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭغا ‹يەرھەمۇكەللاھ› دەپ جاۋاب قايتۇرسۇن» دېگەنىدى. مۇئاۋىيە بۇنى يادلىۋېلىپ مەدىنەدىن كەتتى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن بىر ئىشى بىلەن مەدىنەگە كېلىپ، مەسجىدكە كىردى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن جامائەتكە قوشۇلۇپ ناماز ئوقۇدى. ئۇلار ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا ناماز ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى چۈشكۈردى. ئۇ ئادەم «ئەلھەمدۇ لىللاھ» دېمەستىنلا مۇئاۋىيە «مۇسۇلمان كىشى چۈشكۈرۈپ ‹ئەلھەمدۇ لىللاھ› دېسە، قېرىندىشى ئۇنىڭغا ‹يەرھەمۇكەللاھ› دەپ جاۋاب بەرسۇن» دېگەن ھەدىس ئېسىگە كېلىپ، دەرھال يۇقىرى ئاۋازدا «يەرھەمۇكەللاھ» دېدى.

ناماز ئۇقۇۋاتقان كىشىلەر ھەيران قېلىشتى ۋە ئۇنى ئەيىبلىگەندەك قىلىپ ئۇنىڭغا قاراشقا باشلىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى كۆرۈپ:

— ۋاي سىلەرگە! ماڭا نېمىشقا بۇنداق قارايسىلەر؟ — دېدى.

ئۇلار ئۇنىڭ گەپ قىلماي جىم تۇرۇشى ئۈچۈن قوللىرى بىلەن يوتىلىرىغا ئۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى جىم تۇرۇشقا ئۈندەۋاتقانلىقىنى بىلىپ جىم تۇردى.

ناماز ئوقۇلۇپ بولغان ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ كىشىلەرگە بۇرۇلۇپ قارىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرى ۋە ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغانىدى. لېكىن گەپ قىلغان كىشىنىڭ ئاۋازى ناتۇنۇش بولغاچقا، ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي:

— بايا گەپ قىلغان كىشى كىم؟ — دەپ سورىدى.

ساھابەلەر مۇئاۋىيەنى كۆرسىتىشتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى يېنىغا كېلىشكە چاقىردى. مۇئاۋىيە ئالاقزادە بولۇپ، ئۆزىگە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدى. چۈنكى، مۇئاۋىيە نامازدا ساھابەلەرنىڭ دىققىتىنى چېچىپ، ئۇلارنىڭ نامازنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئوقۇشىغا دەخل قىلغانىدى.

مۇئاۋىيە مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا – ئانام رەسۇلۇللاھقا پىدا بولسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدىن ياخشىراق تەلىم بېرىدىغان بىرەر ئۇستازنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رەسۇلۇللاھ مېنى دۈشكەللىمىدى، ئۇرمىدى، تىللىمىدى، بەلكى: «(ئى مۇئاۋىيە!) نامازدا گەپ قىلىش توغرا بولمايدۇ، ناماز پەقەت تەسبىھ ئېيتىش، تەكبىر ئېيتىش ۋە قۇرئان ئوقۇشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى. بۇ نەسىھەت قىسقا ئىدى. مۇئاۋىيە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى چۈشىنىپ، كۆڭلى يايراپ، خاتىرجەم بولدى. رەسۇلۇللاھتىن ئۆزىنىڭ شەخسىي سوئاللىرىنى سوراشقا باشلىدى.

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ئادەممەن. ئاللاھ ئىسلام دىنىنى يولغا قويدى، بىزنىڭ ئىچىمىزدىن بەزى كىشىلەر (غەيبنى بىلىمىز دەپ داۋا قىلىدىغان) كاھىنلارنىڭ يېنىغا بارىدۇ (يەنى ئۇلاردىن غەيب توغرۇلۇق سورايدۇ).

— سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بارمىغىن. (چۈنكى، سەن مۇسۇلمانسەن، غەيبنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ).

— يەنە بەزى كىشىلەر شۇم پال ئالىدۇ (يەنى قۇشلارغا قاراپ شۇملۇق ھېس قىلىشىدۇ).

ــ ئۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي – خىيال بولۇپ، ئۇلارنى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدىن توسۇپ قويماسلىقى كېرەك (يەنى ئۇ ئۇلارنى كۆزقاراشلىرىدىن توسۇپ قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئۇ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا – زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ).

مانا بۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ مەسجىدكە كىچىك تەرەت قىلغان ئەئرابىيغا ۋە نامازدا گەپ قىلغان ئادەمگە قىلغان مۇئامىلىلىرى بولۇپ، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا مۇئامىلە قىلغان. چۈنكى، ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەردىن خاتالىق سادىر بولۇشى ھەيران قالىدىغان ئىش ئەمەس.

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھقا ئەڭ يېقىن ۋە ئىلىم ئۆگىنىشكە ئەڭ ھېرىسمەن ساھابەلەردىن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ خاتالىقلىرىغا باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلمايتتى.

مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن خۇپتەننى ئوقۇيتتى. ئاندىن قەۋمىنىڭ مەسجىدىگە قايتىپ ئۇلارغا ئىمام بولۇپ خۇپتەننى ئوقۇپ بېرەتتى. بۇ ناماز ئۇنىڭ ئۈچۈن نەفلە، ئۇلار ئۈچۈن پەرز ئىدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىسى قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتىپ، مەسجىدكە كىردى. ئۇلارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن نامازنى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ باشلىدى. ئۇنىڭ قەۋمىدىن بىر ياش يىگىت كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇدى. مۇئاز فاتىھەنى ئوقۇپ «وَلا الضَّالِّينَ» دېگەن چاغدا، جامائەت «ئامىين» دېدى. ئاندىن مۇئاز «بەقەرە» سۈرىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. كىشىلەر ئۇ كۈنلەردە پۈتۈن كۈن ئېتىزلىرىدا ئىشلەپ، ئۇلاغلىرىنى بېقىپ چارچاپ كېتەتتى. خۇپتەننى ئوقۇپ بولۇپلا ياتاتتى. مۇئاز «بەقەرە» سۈرىسىنى ئوقۇۋەردى. ناماز ئۇزۇن بولۇپ كەتكەچكە، ياش يىگىت نامىزىنى ئۆزى يالغۇزلا تاماملاپ مەسجىدتىن چىقىپ ئۆيىگە قايتتى. مۇئاز نامازنى ئوقۇپ بولغاندا بەزى كىشىلەر:

— ئى مۇئاز! پالانچى بىز بىلەن بىللە ناماز ئوقۇغانىدى، كېيىن سىلى نامازنى ئۇزۇن ئوقۇغانلىقلىرى ئۈچۈن نامازنى ئۆز ئالدىغا تاماملاپ چىقىپ كەتتى، — دېدى.

— ئۇنىڭ قىلغىنى ھەقىقەتەن مۇناپىقلىقتۇر، رەسۇلۇللاھقا ئۇنىڭ قىلغىنىنى چوقۇم دەيمەن، — دېدى مۇئاز ئاچچىقلىنىپ.

ئۇلار مۇئازنىڭ گېپىنى ياش يىگىتكە يەتكۈزدى. ياش يىگىت:

— مەنمۇ رەسۇلۇللاھقا ئۇنىڭ قىلغىنىنى چوقۇم دەيمەن، — دېدى.

ئۇلار ئەتىسى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا باردى. مۇئاز رەسۇلۇللاھقا ياش يىگىتنىڭ قىلغىنىنى دېدى. ياش يىگىتمۇ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ سىلىنىڭ يانلىرىدا ئۇزۇن تۇرىدۇ. ئاندىن قايتىپ كېلىپ، بىزگە ئىمام بولۇپ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇيدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇيدىغانلىقى ئۈچۈن خۇپتەن نامىزىدىن بەك كەچ قايتىمىز، — دېدى.

رەسۇلۇللاھ مۇئازدىن:

— نېمە (سۈرە) ئوقۇيسەن؟ — دەپ سورىدى.

مۇئاز رەسۇلۇللاھقا «بەقەرە» سۈرىسىنى ئوقۇيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، (يەنە مۇنۇ، مۇنۇ سۈرىلەرنى ئوقۇيمەن دەپ) ئۇزۇن سۈرىلەرنى ساناشقا باشلىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇيدىغانلىقى سەۋەبلىك جامائەتنىڭ نامازدىن كەچ قايتىدىغانلىقى ۋە جامائەتكە ئۇنىڭ نامىزىنىڭ نېمىشقا ئېغىر كېلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئاچچىقلاندى. مۇئازغا بۇرۇلۇپ قاراپ:

— ئى مۇئاز! سەن پىتنە تېرىغۇچىمۇسەن؟ (يەنى كىشىلەرنى پىتنىگە چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا دىنىنى ئۆچ كۆرسەتمەكچىمۇسەن؟) «وَالسَّمَاءِ وَالطَّارِقِ»، «وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الْبُرُوجِ»، «وَالشَّمْسِ وَضُحَاهَا»، «وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَى»دەك سۈرىلەرنى ئوقۇغىن، دېدى.

ئاندىن ياش يىگىتكە بۇرۇلۇپ قاراپ، ئۇنىڭغا مۇلايىملىق بىلەن:

— ئى جىيەنىم! سەن نامازدا نېمە ئوقۇيسەن؟ — دېدى. ئۇ:

— فاتىھەنى ئوقۇيمەن، ئاللاھتىن جەننەتنى سورايمەن ۋە دوزاخقا كىرگۈزۈشىدىن پاناھ تىلەيمەن، — دېدى.

ئاندىن ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئا قىلىپ، دۇئانى كۆپ قىلىدىغانلىقىنى، مۇئازنىڭمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكى ئېسىگە كەلدى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا:

— مەن سىلىنىڭ نېمە دەپ پىچىرلايدىغانلىقلىرىنى ۋە مۇئازنىڭمۇ نېمە دەپ پىچىرلايدىغانلىقىنى، يەنى ئىككىڭلارغا ئوخشاش ئۇزۇن دۇئا قىلىشنى بىلمەيمەن، — دېدى. رەسۇلۇللاھ:

— مەنمۇ ۋە مۇئازمۇ ئۇ ئىككىسى توغرىسىدا دۇئا قىلىمىز، يەنى بىزنىڭ دۇئايىمىزمۇ سېنىڭ قىلغان دۇئايىڭغا ئوخشاش جەننەت ۋە دوزاخ توغرىسىدا بولىدۇ، — دېدى.

ياش يىگىت مۇئازنىڭ ئۆزىنى مۇناپىقلىق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىدىن ئاچچىقى كېلىپ مۇنداق دېدى:

— كىشىلەر «دۈشمەن كەلدى» دەپ خەۋەر بەرگىنىدە، مۇئاز مېنىڭ قانداقلىقىمنى بىلىدۇ. يەنى مېنى مۇناپىقلىق بىلەن سۈپەتلىگەن مۇئاز ئاللاھ يولىدىكى جىھادتا ئىمانىمنىڭ قانداقلىقىنى بىلىدۇ.

بىر قانچە كۈن ئۆتە – ئۆتمەي بىر ئۇرۇش بولدى. ياش يىگىت ئۇ ئۇرۇشتا جەڭ قىلىپ، شەھىد بولدى. رەسۇلۇللاھ بۇنى بىلگەندىن كېيىن مۇئازغا:

— سەن ماڭا شىكايەت قىلىپ كەلگەن ھېلىقى ياش يىگىتنىڭ ئىشى قانداق بولدى؟ — دېدى. مۇئاز:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنىڭ راست، مېنىڭ يالغان چىقتى. ئۇ شەھىد بولدى، — دېدى.

كىشىلەرنىڭ مىجەز – خاراكتېرلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى پەرقلەرنى، شۇنداقلا بۇ پەرقلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش بولمىغان شەكلىدە مۇئامىلە قىلىشىغا قانداق سەۋەب بولغانلىقىنى ئويلانغىن. يەنە ئۇنىڭ بەك ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۆيىدە چوڭ بولغان ئۇسامە ئىبنى زەيدكە قىلغان مۇئامىلىسىگىمۇ نەزەر سالغىن.

رەسۇلۇللاھ ساھابەلىرىنى جۇھەينە قەبىلىسىنىڭ ھۇرەقە جەمەتىگە ئەۋەتتى. ئۇسامە ئىبنى زەيد قوشۇندىكى جەڭچىلەر ئارىسىدا بار ئىدى. ئەتىگەندە ئۇرۇش باشلاندى. مۇسۇلمانلار غالىب كېلىپ، دۈشمەن جەڭچىلىرى قېچىشقا باشلىدى. دۈشمەن قوشۇنىدىن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بىرى ھەمراھلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇپ قاچقانلىقىنى كۆرۈپ قورالىنى تاشلاپ قاچتى. ئۇسامە بىر ئەنسارىي بىلەن ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى. ئۇ كىشى يۈگۈردى، ئۇسامەلەرمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. ئۇ كىشى قاتتىق قورققانىدى. ئۇلارغا بىر دەرەخ ئۇچراپ قالدى. ئۇ كىشى شۇ دەرەخ بىلەن ئۆزىنى قوغداپ تۇردى. ئۇسامە بىلەن ئەنسارىي ئۇنى قورشىۋالدى ۋە قىلىچلىرىنى ئۇنى چېپىش ئۈچۈن كۆتۈردى. ئۇ كىشى ئىككى قىلىچنىڭ بېشى ئۈستىدە پارقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆلۈمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تىترىدى ۋە ئاغزىدا قالغان تۈكۈرۈكىنى يۈتۈپ، قورقۇپ تۇرۇپ:

— «أشهد أَن لَا إِلَه إِلَّا الله وَأشْهد أَن مُحَمَّدًا عَبده وَرَسُوله» (گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر)، — دەپ تەكرارلىدى.

ئۇسامە بىلەن ئەنسارىي «بۇ ئادەم راستىنلا مۇسۇلمان بولغانمىدۇ ياكى ئۇنىڭ قىلغىنى بىر ھىيلىمىدۇ» دەپ ئىككىلىنىپ قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئۇرۇش مەيدانىدا بولۇپ، ئىشلار مۇرەككەپ ئىدى. ئۇلار ئەتراپىغا قاراپ، پارچىلانغان جەسەتلەر، كېسىلگەن قوللارنىلا كۆردى، ئۇلار بىر – بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەنىدى، قانلار ئېقىۋاتاتتى، ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلەتتى. ئۇ ئادەم ئۇ ئىككىسىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، ئىككىسى ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. تېز قارار چىقىرىش كېرەك ئىدى. چۈنكى، ھەرقانداق چاغدا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ئېتىلغان يا ئوقلىرى ئۇچۇپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ يەردە ئالدىرىماي ئويلىنىشقا ئىمكان يوق ئىدى. ئەنسارىي قىلىچىنى چۈشۈردى. ئۇسامە بولسا بۇنىڭ بىر ھىيلە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئۇنى قىلىچى بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى. ساھابەلەر زەپەر خۇشاللىقى بىلەن مەدىنەگە قايتتى.

ئۇسامە رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇرۇش ئەھۋالىنى سۆزلىدى ۋە ھېلىقى ئادەمنىڭ ئىشىنى ۋە بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. رەسۇلۇللاھ بولسا خۇرسەن بولۇپ ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇسامە:

— ئاندىن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم، — دېگەن چاغدا رەسۇلۇللاھنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ:

— ئۇنى «لا إِلهَ إِلاَّ اللَّهُ» (بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق) دېگەندىن كېيىنمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتىڭمۇ؟! — دېدى. ئۇسامە:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ ئۇنى كۆڭلىدىن دېمىدى، بەلكى قورالدىن قورقۇپ (جېنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن) دېدى، — دەپ جاۋاب بەردى. رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنى «لا إِلهَ إِلاَّ اللَّهُ» دېگەندىن كېيىنمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتىڭمۇ؟! سەن ئۇنىڭ قەلبىنى يېرىپ، ئۇنىڭ ئۇنى قورالدىن قورقۇپ دېگەنلىكىنى بىلدىڭمۇ؟! — دېدى ۋە ئۇسامە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ:

— ئۇنى «لا إِلهَ إِلاَّ اللَّهُ» دېگەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتتىڭمۇ؟! ئۇنى «لا إِلهَ إِلاَّ اللَّهُ» دېگەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتتىڭمۇ؟! ئۇنى «لا إِلهَ إِلاَّ اللَّهُ» دېگەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتتىڭمۇ؟! قىيامەت كۈنى «لا إِلهَ إِلاَّ اللَّهُ» دېگەن كەلىمە سېنىڭ بىلەن داۋالىشىش ئۈچۈن كەلسە قانداق قىلىسەن؟! — دەپ تەكرارلاۋەردى.

ئۇسامە مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ ئۇنى شۇ قەدەر تەكرارلىدىكى، مەن (كۆڭلۈمدە) شۇ كۈندىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولمىغان بولسام بوپتىكەن دەپ كەتكەنىدىم».

 

بىر قاراش

كىشىلەرنى بىر خىل دەپ قارىماڭ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ساناپ بولغىلى بولمايدىغان خاراكتېرلىرى بار.

دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ