باتۇر ئەمىر ۋە ئادىل ھۆكۈمدار مۇزەففەرىددىن كۆكبۆرە

(ھىجرىيە 549 – 630 / مىلادىيە 1153 – 1232)

 

ھىجرىيە ئالتىنچى ئەسىر ئاسمىنىدا سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ يۇلتۇزى پارلاپ، كۆزلەرنى قاماشتۇردى ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ھۆكۈمدارلار، سۇلتانلار، ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلاردىن ئىبارەت شۇ دەۋرنىڭ نۇرغۇنلىغان مەشھۇرلىرى كۆزگە كۆرۈنمەي قالدى.

ھىتتىندا ئەھلىسەلىپلەر سالاھىددىنىڭ قولى ئارقىلىق مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىقىنى تېتىدى. ئۇلارنىڭ قولى ئاستىدا بەيتۇلمۇقەددەس ئۇزۇن مەزگىل ئىڭراپ كەلگەندىن كېيىن، سالاھىددىن ئۆزىنىڭ قىلىچى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن ئۇلارنى بەيتۇلمۇقەددەسنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇنىڭ دانالىقى ۋە زېرەكلىكى بىلەن ئىسلام كۈچلىرى ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشتى.

سالاھىددىن بۇنچىۋالا ئۇتۇقلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ياكى ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئۆزىنىڭ يالغۇز ئىقتىدارى ۋە ماھارىتى بىلەن ياكى سىياسەت ۋە جەڭ تالانتى بىلەن ئېرىشىشكە قادىر ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ لاياقەتلىك ۋە تەجرىبىلىك ئادەملەردىن پايدىلانغانىدى، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالماي بىر ئىش قىلمايتتى. ئۇنىڭ كۈچىگە ئۇلارنىڭ كۈچى، ئۇنىڭ ئەقلىگە ئۇلارنىڭ ئەقلى قوشۇلغانىدى. مۇزەففەرىددىن كۆكبۆرە سالاھىددىن بىلەن ھەمكارلاشقان ئەنە شۇ ئىقتىدارلىق ئەركەكلەردىن بىرى بولۇپ، سالاھىددىن ئۆزىنىڭ قالتىس ھەرىكەتلىرىدە ئۇلارغا تايىنىپ، شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.

سالاھىددىن شۇنچە شان – شەرەپ، نام – ئاتاقلارنى ۋە تارىخچىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزى يالغۇز ئىگىلىۋالغان بولسا، سالاھىددىننىڭ ئەتراپىغا ئولاشقان قەھرىمان ئوغلانلارغىمۇ تارىخنىڭ ئېتىبار بېرىشى، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنىمۇ خاتىرىلىشى، ئۇتۇقلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇشى ئۇلارنىڭ ھەققىدۇر.

كۆكبۆرە ھىجرىيە 549 – يىلى مۇھەررەمنىڭ 27 – كۈنى ئىربىلدا تۇغۇلغان. ئالاھىدە باتۇرلۇقى ۋە ئالدىن يۈرەرلىكى، ئاجايىپ جۈرئەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆكبۆرە دېگەن لەقەم بىلەن مەشھۇر بولغان. ئىربىل ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، مۇسۇلدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چوڭ بىر شەھەردۇر.

كۆكبۆرە ئىربىلنىڭ ھۆكۈمدارى بولغان ئاتىسى بەگتېكىن ئوغلى زەينىددىن ئەلى تۈركمەنىينىڭ قوينىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. ئاتىسى ئوغلىنى پەرۋىش قىلىپ تەربىيەلەيدىغان، ئۇنىڭغا چەۋەندازلىق ۋە جەڭ سەنئەتلىرىنى ئۆگىتىدىغان كىشىگە تاپشۇرۇپ، ھىجرىيە 663 – يىلى، مىلادىيە 1167 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ چاغدا كۆكبۆرە 14 ياشتا ئىدى. ئىربىلنىڭ ھۆكۈمدارلىقىدا كۆكبۆرە ئاتىسىغا ئىزباسار بولغان. لېكىن، يېشى كىچىك بولغاچقا، ھاكىمىيەتنى ئۆزى يالغۇز ئىدارە قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاتابەگ مۇجاھىدىددىن قايماز ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرغان. كۆكبۆرە ئاتاقتا پادىشاھ بولۇپ، ھېچبىر ھوقۇقى قالمىغان.

كۆكبۆرە گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل خاراكتېرگە ئىگە چوڭ بولغان. ئۇ ناھايىتى كەمتەر، ئەقىدىسى ياخشى ۋە ئەھلى سۈننەتكە قاتتىق مايىل ئىدى. شۇنداقلا، ياسىداق كىيىملەرنى كىيىش، ئالاھىدە تائاملارنى يېيىش، ئېسىل تۇرالغۇ ۋە ھەشەمەتلىك قاتناش قوراللىرىنى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئەمىرلەرچە، پادىشاھلارچە كۆرۈنۈشلەردىن يىراق ئىدى. ئۇنىڭ مەئىشىتى زاھىتلار ۋە سوپىلارغا يېقىن ئىدى. ئالىملارغا، فەقىھلەرگە، مۇھەددىسلەرگە، توغرا يولدىكى سوپىلارغا كۆڭۈل بۆلەتتى، فىقھى ۋە ھەدىس دېگەنەدەك دىنىي ئىلىملەرگە ئەھمىيەت بېرەتتى.

كۆكبۆرە قورامىغا يەتكەندە، ئۇنىڭ بىلەن ۋەلىئەھدى مۇجاھىدىددىن قايماز ئارىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلۇپ، بۇ ئىختىلاپ كۆكبۆرىنىڭ (ھىجرىيە 569 – مىلادىيە 1173) ئىربىلنىڭ ئەمىرلىكىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قېرىندىشى زەينىددىن يۈسۈفنىڭ تەيىنلىنىشى بىلەن ئاياغلاشقان.

سالاھىددىن بىلەن ئالاقە قىلىشى

كۆكبۆرە مۇسۇل ھۆكۈمدارى سەيفىددىن غازى ئىككىنچىدىن ئۆزىنىڭ ئەمىرلىكىنى قايتۇرۇپ ئالالىغىدەك سەمىمىي ياردەم ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭ تەرىپىگە يۈزلەندى. لېكىن، سەيفىددىن ئۇنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدى. بەلكى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئىربىلنىڭ ئورنىغا ھەرران شەھىرىنى ئۇنىڭغا بۆلۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن كۆكبۆرە ھەررانغا يۆتكىلىپ، مۇسۇلنىڭ سۇلتانىغا قارام ھالدا ھەرراندا تۇردى. ھىجرىيە 569 – يىلىدىن 578 – يىلىغىچە ھەررانغا ھۆكۈمدارلىق قىلدى.

شۇ ئەسنادا، سالاھىددىن ئەييۇبىي مەيدانغا چىقىپ، مىسىرغا ئىگە بولدى، ئاندىن ئەھلىسەلىپكە قارشى تۇرۇش، ئۇلارنى شامغا قۇرۇۋالغان بەگلىكلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن، مىسىر بىلەن شامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر دۆلەت قۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىقنى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن سالاھىددىن ئىسلامىي بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، شامدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلارنى پۇرسەت بىلىپ، دىمەشقنى ئىگىلىدى ۋە باشقا شەھەرلەرگىمۇ كۆز تىكتى. شۇ جەرياندا، بەزى ئەمىرلەر ئۇرۇشسىزلا سالاھىددىننىڭ ئىتائىتىگە كىرگەنىدى. ئىربىل ئەمىرى زەينىددىن يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھەرران ئەمىرى مۇزەففەرىددىن كۆكبۆرە ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدىن ئىدى.

ئەھلىسەلىپكە قارشى جىھاد

كۆكبۆرە مۇسۇلدىن ئايرىلىپ، سالاھىددىننىڭ ئىتائىتى ۋە ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەھلىسەلىپكە قارشى جىھاد قىلىش ئىشىكى ئېچىلىپ، سالاھىددىن بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغۇچى بولدى. سالاھىددىن ئۇنىڭ باتۇرلۇقى، جىھاد مەيدانلىرىدىكى سۇباتلىقىغا قىزىقتى. بۇ قىزىقىش ئىككى ئوغلاننىڭ ئارىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ چىڭىتىشقا يۆتكىلىپ، سالاھىددىن سىڭلىسى رەبىئە خاتۇننى كۆكبۆرىگە ياتلىق قىلدى. كۆكبۆرە بۇ خوتۇنىدىن ئىككى قىزلىق بولغان ۋە ئىككى قىزىنى چوڭ بولغىنىدا سۇلتان نۇرىددىن زەنگىنىڭ ئىككى ئوغلىغا ياتلىق قىلغانىدى.

كۆكبۆرە ھىجرىيە 580 – يىلى (مىلادىيە 1184 – يىلى) دىكى كەرەك قورغىنى فەتھىسىدىن باشلاپ، سالاھىددىن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىنچىسىگە قاتناشتى. بۇ قورغاننىڭ ئىگىسى خىرىستىيان رېنالد سودا كارۋانلىرىغا تولا چېقىلىپ، بۇلاپ تالايتتى.

(ھىجرىيە 583 – يىلى، مىلادىيە 1187 – يىلى) ھىتتىن جېڭى ئۈچۈن سالاھىددىن سەكسەن مىڭ مۇجاھىدنى توپلىغان بولۇپ، شۇ ئۆچمەس جەڭدە كۆكبۆرە مۇھىم رول ئوينىغانىدى. ئۇ مۇسۇل ۋە جەزىرە قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، جەڭدە ناھايىتى پىداكارلىك كۆرسەتكەنىدى.

تارىختا ئېيتىلىشىچە، شامالنىڭ يۆنىلىشى ئەھلىسەلىپ تەرەپكە يۆتكەلگەن چاغدا، جەڭگاھنىڭ ئەتراپىدىكى كەندىرلەرگە ئوت قويۇش پىكرىنى كۆكبۆرە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىنىپ، كەندىرلەرگە ئوت قويۇلغاندىن كېيىن، شامالنىڭ تۈرتكىسىدە ئەھلىسەلىپنىڭ يۈزلىرىگە ئىس – تۈتەك، يالقۇن ئۇرۇلۇپ، جەڭدە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان ۋە ئېغىر مەغلۇپ بولغان.

مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ جەڭدىكى غەلىبىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ساھىل شەھەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا يول ئاچقان قالتىس غەلىبە بولغان. مۇسۇلمانلار تىبەرىيا، ئەككا، قەيساريا، ناسىرە، ھەيفا قاتارلىق شەھەرلەرنى فەتھى قىلغان ۋە سالاھىددىننىڭ قۇدۇسنى قايتۇرىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىلغان.

(ھىجرىيە 589 – يىلى، مىلادىيە 1193 – يىلى) سالاھىددىن ئەييۇبىي ۋاپات بولغان چاغدا، ئەييۇبىي خانىدانى تالاش – تارتىشتا قالغاندىن كېيىن، كۆكبۆرە بۇ پۇرسەتتە ئىربىل شەھىرىنى مۇستەقىل قىلىپ، ئەمىرلىككە ئايلاندۇرغان.

خەيرىيەت ئىشلىرى

كۆكبۆرە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بېكىتكەن ئالدىنقى قاتاردىكى ھۆكۈمدارلاردىندۇر. ئۇ بىمارلارغا مەخسۇس بىمارىستان (شىپاخانا) لارنى سالغان. ئۇلار ئۈچۈن تۇرالغۇلارنى بېكىتىپ، ھەركۈنلۈك ئېھتىياجلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئۆزى ئۇلارنى يوقلاپ كېلەتتى، ئۇلارنى بىرمۇ – بىر كۆزدىن كەچۈرەتتى، ئۇلار بىلەن ئوچۇق – يورۇق پاراڭلىشاتتى، چاقچاقلىشاتتى. ئۇ ئاتا – ئانىسى يوق ئىگە – چاقىسىز قالغان بالىلار ئۈچۈنمۇ مەخسۇس ئورۇنلارنى سالغان. بالىلار ئۇ ئورۇنلاردىن ھەرقانداق ئېھتىياجلىق نەرسىسىنى تاپالايتتى. ھەتتا كوچا بالىلىرى ئۈچۈنمۇ مەخسۇس ئورۇنلارنى قۇرۇپ، ئۇنىڭدا بالىلارنى باقىدىغان ئىنىكئانىلارنى، ئۇلارنىڭ تەربىيەسىگە مەسئۇل كىشىلەرنى تەيىنلىگەن. جۇزام بىمارلىرىغىمۇ تۇرىدىغان ئورۇنلارنى ئىنشا قىلىپ، ئۇلارنى ئازادە ياشىشىغا ياردىمى بولىدىغان يىمەك – ئىچمەك، كىيىم – كىچەك ۋە دورا قاتارلىق ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن بىلەن تەمىنلىگەن. ھەربىر بىمار ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ خىزمەت قىلىدىغان مەخسۇس خىزمەتچىلەرنى بېكىتكەن. شۇنداقلا مەدرىسە، مەسجىدلەرنى بىنا قىلغان. ئۇ مەدرىسەگە كېلىپ، كۆپ دەرس ئاڭلايتتى، ئۇ بۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ئىشتىن لەززەت ئالالمايتتى. شەھىرىگە يامان ئىشلارنىڭ كىرىشىنى توسۇيتتى. ئىربىلغا چوڭ بىر مەسجىد ئىنشا قىلغان بولۇپ، ئۇ مەسجىدنىڭ «مۇنار مۇزەففەرىيە» دەپ ئېگىز بىر مۇنارى بار ئىدى.

كۆكبۆرىنىڭ پائالىيىتى ئۆز يۇرتىنىڭ ئەھلىگە خىزمەت قىلىشتىن ھالقىپ، باشقا يۇرتلۇق كىشىلەرگىمۇ خىزمەت قىلغان. سودا ياكى بىرەر ھاجەت ئۈچۈن ئىربىلغا كەلگەن ياكى ئىربىلدىن ئۆتكەن مۇساپىرلارغا مھېمانساراي بىنا قىلغان. مېھمانغا ئېھتىياجلىق يېمەك – ئىچمەكلەر تەمىنلىنەتتى. ئۇخلاش ھۇجرىلىرىمۇ تەيىن قىلىنغان. كۆكبۆرە سەدىقىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي، كەمبەغەل مېھمانلارغا سەپەر بويى يەتكۈدەك نەپىقە بېرەتتى.

ئۇنىڭ ئېھسانى ئىككى ھەرەم شەرىپ – مەككە ۋە مەدىنەدىكى يوقسۇل مۇسۇلمانلارغىچە سوزۇلغان. ھەر يىلى ئىككى ھەرەمنىڭ يوقسۇللىرىغا 30 مىڭ دىنار قىممىتىكى يېمەكلىك ۋە كىيىملەرنى ئەۋەتەتتى. شۇنىڭدەك، ئۇ مۇقەددەس ئىككى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى، بولۇپمۇ ھەج مەۋسۇملىرىدا سۇ تاپالماي قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ شەھەرلەرگە يامغۇر سۈيىنى ساقلاش ئامبارلىرىنى سالغان. نەتىجىدە، ئۇ يەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى يىل بويى سۇدىن ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان بولغان.

كۆكبۆرە ئەھلىسەلىپلەرنىڭ قوللىرىغا چۈشۈپ قالغان ئەسىرلەرگە ئۆزىنى ئاللاھ ئالدىدا مەسئۇل دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى سېتىۋېلىشقا ئالدىرايتتى. ئۇ ئەسىرلەر ئۈچۈن تۆلەم بېرىشكە ۋەكىللىرىنى ئەۋەتەتتى. ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە ئەسىرلىكتىن قۇتقۇزۇلغاننىڭ سانى ھېسابلانغان بولۇپ، 60 مىڭ ئەر، ئايالغا يەتكەن.

ئىبنى كەسىر ئۇنى شۇنداق سۈپەتلەيدۇ: «ئۇ ئالىيجاناب، باتۇر، جۈرئەتلىك، قەھرىمان، ئەقىللىق، ئالىم ۋە ئادىل ئىدى. ئۇنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ۋە ئورنىنى ئالىي قىلسۇن!».

كۆكبۆرە يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئىربىل شەھىرىنىڭ ھۆكۈمدارى بولۇپ، يېشى سەكسەندىن ھالقىغاندىن كېيىن، مىلادىيە 1232 – يىلى، ھىجرىيە 630 – يىلى رامىزاننىڭ 8 – كۈنى ئىربىلدا بېشىغا ئەجەل كەلدى. ئۇ ئۆزىنى مەككىگە دەپنە قىلىشقا ۋەسىيەت قىلغان بولۇپ، كارۋان كۆكبۆرىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ مەككىگە ماڭغاندىن كېيىن، بىر ئىشلار يۈز بېرىپ، ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولدىن يانغان ۋە ئۇنى كۇفىغا _ ئىمام ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلغان.

 

تەرجىمىدە: قاراخانىي

مەنبە:

1.     https://archive.islamonline.net/?p=8931

2.     http://defense – arab.com/vb/threads/58355/

 

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ