ئىسلام ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك تۇسىي

ئىسلام ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك تۇسىي

(ھ. 408 – 485/ م. 1018 – 1092)

 

«نىزامۇلمۈلك ئىسلامغا چىن ئىشىنىدىغان، ئىسلام تەلىماتلىرىنى مۇقەددەس بىلىدىغان، شۇنداقلا ئىسلام ئىلىملىرىگە مەھلىيا بىرى بولۇپ، ئىسلامنىڭ ئۇلۇغ شەخسلىرىنى قەدىرلەيدىغان كىشى ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ دىنى بىلەن دۆلىتى بابباراۋەر بولۇپ، خۇددى ئاسمان بىلەن زېمىن بىر – بىرىنى تولۇقلىغاندەك، بىر – بىرىنى تولۇقلايتتى».

— ئىسلام تارىخچىسى د. ئەلى سەللابىي

 

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بۈيۈكلىرى ئىچىدە تەڭداشسىزلىرىمۇ بار…

ئۇزۇن يىل ئاجايىب جىمجىت ئىشلەيدىغان نامسىز ئەسكەرلەردىن تەركىب تاپىدىغان بۇ خىلدىكى بۈيۈكلەر ئۈممەتنىڭ قاقاس چۆللىرىگە زەپەر ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇرۇقلىرىنى چاچقان شۇ يەرلەر كۆرگەن ئادەمگە تېرىشقا يارىمايدىغان، ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغان ئۆلۈك يەرلەردەك كۆرۈنىدۇ. بۇ بۈيۈكلەرنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى كۆرگەن كۆپىنچە كىشىلەر «ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى بىھۇدە بىر ئىش، ئۇلار ئۈمىد يوق بىر ئىشقا ۋاقتىنى زايە قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. ھەيران قالارلىقى بۇ بۈيۈكلەر ئەتراپىدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە مەغلۇبىيەت سادالىرىغا ئېرەنشىمەستىن ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ. ئۇلار داۋاملىق ئۇرۇقلىرىنى سەۋر ۋە ئۈمىد سۇلىرى بىلەن سۇغىرىدۇ. بىر – ئىككى كۈن ئەمەس، بەلكى يىللاپ – يىللاپ شۇنداق قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلار تېرىغانلىرىنىڭ مېۋىسىنى ھاياتىدا كۆرەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئىشىنى توختىتىپ قويمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇرۇقلىرىنىڭ ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ئۈنۈپ چىقىش – چىقماسلىقى ئېنىق ئەمەس. لېكىن، شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ ئىشى ھەرگىزمۇ بىكارغا كەتمەيدۇ. قاقاس چۆللۈككە تېرىلغان ئاشۇ ئۇرۇقلار يوغان دەرەخلەرگە ئايلىنىپ، پۈتۈن دۇنيادا مىسلى يوق مېۋىلەرنى بېرىدىغان كۈن چوقۇم كېلىدۇ.

بىز سۆزلىمەكچى بولغان فارس بۈيۈكىمىز ئۈممەت بۈيۈكلىرى ئىچىدىكى بۇ خىلدىكى بۈيۈكلەرنىڭ جانلىق مىسالىدۇر، ئەلبەتتە. بۇۋەيھىي ۋە ئۇبەيدىي شىئەلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان چاغلاردا ئىسلام ئۈممىتى باشتىن كەچۈرگەن 100 يىلدىن ئارتۇق كېسەللىك ۋە ئاجىزلىق مەزگىلىدىن كېيىن، ئاللاھ ئىسلام ئۈممىتىنى بۇ ئادەم ئارقىلىق ياشارتقان ئىدى. شىئەلەر ئىسلام دۇنياسىنى ۋەيران قىلىش ۋە خارابلاشتۇرۇش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە خەتەرلىك بىر ئىشنى قىلدى. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنى ئۆلتۈردى، مۇسۇلمان ئاممىسى ئارىسىغا بىلىمسىزلىك تارقاتتى. چۈنكى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئەگىشىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبىدىن پەيغەمبەر سۈننىتىنى چىقىرىۋەتمەي ھەم مۇسۇلمان بالىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى قەھرىمان ساھابەلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەي تۇرۇپ، ئىسلام ئۈممىتىنى كونترول قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئەپسۇسكى، ئۇلار بۇنىڭدا ئۇتۇق قازاندى. ئىسلام ئۈممىتى يۈز يىلدىن ئارتۇق ئۇلارنىڭ قولىغا قالدى. بۇ جەرياندا مەككەدىكى ھەرەم مەسجىدى، مەدىنەدىكى پەيغەمبەر مەسجىدى، قۇدۇستىكى ئەقسا مەسجىدى ئۇبەيدىي شىئەلىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدا قالغان ۋە بۇ مەسجىدلەردە شىئەچە ئەزان توۋلىنىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىگە ھاقارەتلىك سۆزلەر مەسجىدلەرنىڭ ئىشىكلىرىگە نەقىش قىلىپ ئويۇلغان ئىدى. بۇ ئەھۋال نەچچە ئون يىل شۇنداق داۋاملىشىپ، ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتكە چەۋەنداز تۈرك سەلجۇقىيلارنى ئەۋەتتى. ئاللاھ ئۇلارنى بارچە ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىغاي! نەتىجىدە، سەلجۇقىيلار ئىسلام ئۈممىتىنى بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزۇپ، شىئەلەر ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھەر ياقلىرىغا تارقىتىۋەتكەن بىدئەت ۋە زىندىقلىق ھادىسىلىرىنى يوقاتتى. بىراق يۈز يىلدىن ئارتۇق شىئە ئىشغالىيىتى ئاستىدا قالغان ئىسلام ئەللىرى بەئەينى جاھالەت چۆلى ئىدى. جاھالەت ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھەممە ياقلىرىغا تاراپ، ئىلىم قىبلىگاھى بولغان ئابباسىيلار پايتەختى (باغداد) شىئەلەرنىڭ زامانىدا خاراب بىر يۇرتقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. سەلجۇقىي ئازادلىق قىسىملىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە قايتىدىن تىرىلدۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ ۋەزىپىنى بۈيۈك بىر فارس ۋەزىرگە تاپشۇردى. بۇ كىشىنىڭ ئاللاھتىن قالسىلا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھەر يەرلىرىدە ئىززەت ۋە شان – شەرەپ ئۇرۇقلىرىنىڭ تارقىلىشىدا زور تۆھپىسى بولدى. شۇنىڭدىن بىرنەچچە يىللار كېيىن بۇ ئۇرۇقلاردىن ئاسماننىڭ قەرىگە تاقاشقان گىگانت دەرەخلەر ئۆسۈپ چىقتى.

بۇ بۈيۈكىمىزنىڭ قىسسەسى فارس يۇرتىدىن، رادكان ئىسىملىك كىچىك بىر يېزىدىن باشلىنىدۇ. رادكان ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان تۇس شەھىرىنىڭ يېزىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ھ. 408، م. 1018 – يىلى بۇ يېزىدا يېزىنىڭ چوڭ سودىگەرلىرىدىن بىرى بولغان ئەلى ئىبنى ئىسھاق ئىسىملىك بىر كىشىگە بىر بوۋاق ئاتا قىلىندى. بۇ كىشى بوۋاققا ھەسەن دەپ ئات قويدى. بۇ بوۋاق سۈت ئېمىۋاتقان مەزگىلىدە ئانىسى تۈگەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن دادىسى بالىسىنى ئېمىتىدىغانغا ئىنىكئانىلارنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. بالىنىڭ دادىسى تۇستا شۇنچە چوڭ سودىگەرلەرنىڭ بىرى بولۇشىغا ھەمدە ئاسىيادىكى شۇ رايونلارغا ھۆكۈم سۈرگەن غەزنەۋىيلەر دۆلىتىدە مالىيە خادىمى بولۇپ ئىشلەيدىغان بىرى بولۇشىغا قارىماي، بالىسىغا سودا – تىجارەتتىنمۇ ئەۋزەل بولغان بىر نەرسىنى ئۆگىتىشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مۇئەللىملەرنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا 11 ياشتىلا «قۇرئان» يادلىدى ۋە شۇ مەزگىلدە يەنە ئەرەب تىلى، شافىئىي فىقھىسى، ھەدىس ئىلمى، نەھۋى ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق پەنلەرنىمۇ ئۆگەندى ھەم شۇ پەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەلاچى بولدى. بۇ بالا چوڭ بولغىنىدا تىرىك بىر ئىلمىي ئېنسىكلوپېدىيەگە ئايلاندى. تۈرك سەلجۇقىيلار فارس يۇرتلىرىنى تىزگىنلىگەندىن كېيىن ھەسەن ئۇلارنىڭ قولىدا ئىشلىدى. تۈرك قوماندان سەلجۇقنىڭ ئوغلى مىكائىلنىڭ ئوغلى داۋۇد چاغرىبەگ بۇ فارس ياشنىڭ ئىقتىدارىنى بايقاپ، ئۇنى ئوغلى ئالپ ئارسلاننىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، ئوغلىغا: «ئۇنى ئاتا تۇتۇۋالغىن، ئۇ مەسلىھەت بەرگەن ئىشتا ئۇنىڭغا قارشى يول تۇتمىغىن» دېدى. شۇ كۈندىن باشلاپ نىزامۇلمۈلك تۇسىي بۇ ياش سەلجۇقىي قوماندان ئالپ ئارسلاننىڭ ئوڭ قولى ۋە بىرىنچى مەسلىھەتچىسىگە ئايلاندى. دۆلەت ئاتىسى قوماندان تۇغرۇلبەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ۋەزىر نىزامۇلمۈلك دانالىقى بىلەن ئالپ ئارسلاننىڭ، تاغىسى تۇغرۇلبەگنىڭ ئىزباسارى بولۇپ تاللىنىشى ئۈچۈن ئالپ ئارسلان تەرەپتە تۇردى. نىزامۇلمۈلك ئالپ ئارسلاننىڭ دەۋرىدە دۆلەتنىڭ بىرىنچى قول ۋەزىرى بولدى. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى دەرىجىسى بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى باش مىنىستېرنىڭ دەرىجىسى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن نىزامۇلمۈلك تۇسىي دۆلەتنى ئىسلاھ قىلدى ۋە دۆلەتنى بۇۋەيھىي شىئەلىرىنىڭ كىرلىرىدىن پاكلىدى. ۋەزىرلىكنى قولغا ئالغان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ سالىھ ۋە ياراملىق ئادەملەرنى ئىشقا قويۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. ۋەزىر نىزامۇلمۈلك ئۇنتۇلماس مالازگىرت ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانلىرىدىن بىرى ئىدى. بىراق قوماندان ئالپ ئارسلان ئۇنى ناۋادا مۇسۇلمانلار مەغلۇپ بولۇپ قالسا مۇسۇلمانلارنىڭ خوتۇن – بالىلىرىنى ئەسىرلىك ۋە بۇلاڭ – تالاڭدىن قوغداش ئۈچۈن جەڭ مەيدانىدىن ئېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىغا توشۇشقا بۇيرۇغان ئىدى. ئالپ ئارسلان ئۆزى يوق چاغلاردا دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئۇنى قوياتتى. ۋەزىر نىزامۇلمۈلك تۇسىي بۈيۈك سەلجۇقىي قوماندان ئالپ ئارسلاننىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى ۋە ئورۇنباسار نائىبى ئىدى.

ئالپ ئارسلان ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا، بالىسى مەلىكشاھقا نىزامۇلمۈلكنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلىشنى ۋەسىيەت قىلدى. نىزامۇلمۈلك مەلىكشاھنىڭ ۋەزىرى بولدى ۋە مەلىكشاھنىڭ دادىسى ئالپ ئارسلانغا قانداق خىزمەت كۆرسەتكەن بولسا، ئۇنىڭغىمۇ ئوخشاش خىزمەت كۆرسەتتى. بۇ ياش سۇلتاننىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلىپىدە دۇچ كەلگەن ئىسيان ھەرىكەتلىرى ئالدىدا نىزامۇلمۈلك ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە نوپۇزىنى ئۇنى قوللاشقا ئىشلەتتى. مەلىكشاھ نىزامۇلمۈلكنى ئاتىسىنىڭ ئورنىدا دەپ قارايتتى، ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنى ئاتا دەپ توۋلايتتى. شۇ مەزگىلدە ۋەزىرنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى زاھىر بولۇپ، نوپۇزى مۇستەھكەملەندى. سالاھىيىتى توشمىسىمۇ ھەر چوڭ ئۇنۋانلار بېرىلگەن كۆپلىگەن شەخسلەرنىڭ ئەكسىچە، «نىزامۇلمۈلك (دۆلەت نىزامى)» دېگەن لەقەم بۇ ۋەزىرنى ئاجايىب ئىنچىكە شەكىلدە سۈپەتلەپ بېرىدىغان لەقەم ئىدى. ئۇ راستتىنلا شاھلىق نىزامى ۋە شاھلىقنى تۈزەشتۈرگۈچى ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىرلىك مەزگىلىدە پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەھۋالىنى تۈزەشتۈردى. يېڭى سۇلتان مەلىكشاھ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغىنىدا 20 ياشتا ئىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ۋەزىرى بولسا 55 ياشتا بولۇپ، بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقنى ئۆتكۈزۈپ تاۋلانغان ئۇستا سىياسىيون ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، يېڭى سۇلتان ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئېھتىرام قىلاتتى، ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىززەت – ئىكرام بىلەن خىتاب قىلاتتى، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇراتتى، ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىشەنچ قىلاتتى ۋە ئۇنىڭغا: «چوڭ – كىچىك پۈتۈن ئىشلارنى سىزگە تاپشۇردۇم، چۈنكى سىز مېنىڭ ئاتامسىز» دەيتتى. سۇلتان بىلەن ئۇنىڭ ۋەزىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ چىڭ ئالاقە شۇ مەزگىلدە سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ۋە ئەڭ يۈكسەك چوققىغا يېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سەلجۇقىيلار دۆلىتى شۇ چاغدا ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ كۈچكە ئايلانغانىدى. سەلجۇقىيلار ئىسلام دۆلىتىنىڭ چېگرالىرى شەرقتە چىندىن باشلاپ، غەربتە شام ۋە تۈركىيەگىچە كېڭەيدى. لېكىن، ئىستېداتلىق ۋەزىر نىزامۇلمۈلك ئادەمنى – مۇسۇلمان ئادەمنى ئىسلاھ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگۈنچىلىك تېررىتورىيە كېڭەيتىشكە كۆڭۈل بۆلمەيتتى… چۈنكى، مەبلەغ سېلىشقا تېگىشلىك ئەڭ بۈيۈك قۇرۇلۇش ئادەم يېتىشتۈرۈشتۇر. ۋەزىر نىزامۇلمۈلك سۇلتانى مەلىكشاھ بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە سىلىگە كەڭرى سۇلتانلىقنى، زور پادىشاھلىقنى ئىنئام قىلغان ئەمەسمۇ؟! ئاللاھ سىلىگە بۇ نېمەتلەرنى ئىنئام قىلسا، سىلى ئاللاھنىڭ ئىلمىنى ئۆگىنىدىغان، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۈمىد قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغدايدىغان ئىلىم تالىبلىرىغا خەجلەيدىغانغا 300 مىڭ دىنار بەرسىلىرى ئاللاھقا كۆپ بولۇپ كېتەمدۇ؟!» دېدى. نەتىجىدە، سۇلتان مەلىكشاھ ۋەزىرنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم ئالىي ئىلىم يۇرتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىمگىلا ئاجرىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇلارغا مائاش بېكىتىلدى. مانا بۇ ئىش ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى مائارىپتىكى بۇ خىل ئىسلام تۈزۈمىنى بىلىشتىن 1000 يىلغا يېقىن ۋاقىت بۇرۇن گىگانت مۇسۇلمان ۋەزىر نىزامۇلمۈلكنىڭ دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. نەتىجىدە، نىزامۇلمۈلكنىڭ زامانىدا ئىسلام دۇنياسىدا ئىلىم ھەرىكىتى گۈللەندى ۋە نۇرغۇنلىغان ئالىي ئىلىم يۇرتلىرى قۇرۇلدى. ئۇ بۇ مەكتەپلەرنىڭ تۇنجىسىنى ھ. 457 – يىلى باغداد شەھىرىدە قۇرۇشقا باشلاپ، ھ. 459 – يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا تاماملىدى. مەكتەپ ئوقۇش باشلىغاندا، مەكتەپكە باغداد ئاھالىسىدىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى كەلدى. نىزامۇلمۈلك قۇرغان باغدادتىكى بۇ مەكتەپ زېمىندىكى ئەڭ قەدىمكى ئالىي ئىلىم يۇرتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بەسرە، مۇسۇل، ئامۇل، بەلخ، نىشاپۇر، ھىرات، ئىسفاھان، مەرۋ، تەبەرىستان قاتارلىق يەرلەردىمۇ يەنە باشقا ئىلىم يۇرتلىرى ئىنشا قىلىندى. تارىختا بۇ ئىلىم يۇرتلىرى نىزامۇلمۈلك تۇسىيغا مەنسۇب قىلىنىپ، «نىزامىييە مەدرىسەلىرى» دەپ تونۇلغان. بۇ مەدرىسەلەر شىئە بۇۋەيھىيلار ئۇزاق ھاكىمىيەت مەزگىلىدە ئاۋام – خەلقكە تارقاتقان پىكىر – ئىدىيەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەلقئارالىق ئىلىم يۇرتلىرىغا ئايلانغانىدى. نىزامۇلمۈلك ئىراق ۋە فارس (ئىران) نى شىئە بۇۋەيھىيلارنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىشنىڭ ئۆزى يەتمەيدۇ، بەلكى ئۇلار ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىنى قالايمىقان قىلغان ئىدىيەلىرىدە مەغلۇپ بولسا ھەقىقىي مەغلۇپ بولغان بولىدۇ دەپ قارايتتى. نىزامۇلمۈلك نىزامىييە مەدرىسەلىرىدە «قۇرئان» ۋە «سۈننەت» روھى بويىچە ئوقۇغان ياراملىق بىر ئەۋلاد ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، نىزامىييە ئوقۇغۇچىلىرى زېمىننىڭ ھەر تەرەپلىرىگە تارىلىپ، كىشىلەرگە شىئەلەرنىڭ قاتماللىقى، سوپىلارنىڭ ئېرىشچانلىقى، باتىنىيلارنىڭ تاپتىن چىقىشلىرىدىن خالىي توغرا ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى تونۇشتۇردى. نىزامىييە مەدرىسەلىرى ئوقۇغۇچىلىرى يۇقىرى ئىلمىي قۇدرىتىنى ۋە قالتىس دەۋەت تالانتىنى ئىشقا سالدى. نەتىجىدە، كىشىلەر توپ – توپ ھالدا كەڭرى ئىسلام قوينىغا قايتىشتى، بۇۋەيھىي شىئەلىرىنىڭ زامانىدا ئىسلام پايتەختى باغداد كوچىلىرىدا ساھابەلەر ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىغا ئوچۇق – ئاشكارا لەنەت ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە ساھابەلەر ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ مۇھەببىتى كەڭ خەلق ئارىسىدا تارقالدى.

نىزامۇلمۈلك مەكتەپلەرگە چوڭ مەبلەغلەرنى سالدى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن مەكتەپ ياتاقلىرىنى سالدۇردى، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ يېمەك – ئىچمىكىنى ئورۇنلاشتۇردى. ھەربىر مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈندۈرىدىغان چوڭ كۇتۇبخانىلارنى سالدى. ئۇندىن باشقا، نىزامۇلمۈلك ئارىلاپ – ئارىلاپ بۇ مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشقا، مەكتەپ ئىشلىرىنىڭ ياخشى جارى بولۇۋاتقان ياكى بولمايۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ تۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلدى. بۇ مەكتەپلەردە بىرقانچە مەمۇرىي مەنسەپلەر بار ئىدى، ئۇلار: مۇدەررىس (دەرس ئۆتىدىغان كىشى)، نائىب (مۇدەررىس كېلەلمەي قالسا ئۇنىڭ ئورنىدا دەرس ئۆتىدىغان كىشى)، خەلپەت (باشقا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ دەرس چۈشىنىشىگە ياردەملىشىدىغان ئوقۇغۇچى) قاتارلىقلار. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەردىكى ئوقۇشلىرىنى تۈگەتكەندە، «ئىجازەت» ئېلىش ئۈچۈن تەلەپ سۇناتتى. ئىجازەت دېگەنلىك ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار كېيىنچە قازىلىق، مۇپتىيلىق، مۇدەررىسلىك دېگەندەك خىزمەتلەرگە ئېرىشەلەيتتى.

نىزامۇلمۈلك ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە سىياسەت ئىلمى ساھەسىدە ئەڭ بۈيۈك كىتابلاردىن بولغان بىر كىتابنى تۈزدى ۋە بۇ كىتابنى «سىياسەتنامە» دەپ ئاتىدى. ئۇ كىتابىدا ھاكىمىيەتنى تۈزەشتۈرۈش ئۇسۇللىرى، ئادالەتنىڭ بەرپا بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، دۆلەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، يەر بۆلۈش، ئىدارە قىلىش ۋە قوشۇننى رەتكە سېلىش، سەلجۇقىيلار دەۋرىدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەر تارىخى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالغان. تارىخچى دوكتور ئەلى سەللابىي ئۆزىنىڭ «سەلجۇقىيلار دۆلىتى» ناملىق كىتابىدا نىزامۇلمۈلك تۇسىينىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇتۇقلىرىنى تىلغا ئالغان ۋە ئۇلارنى مۇھىم بىرقانچە نۇقتىغا خۇلاسىلىگەن. بىز تۆۋەنكى قۇرلاردا شۇلارنىڭ بەزىسىنى نەقىل قىلىمىز.

1.  ئۇنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى تۈزەشتۈرۈشى

مەلىكشاھ دۆلەت ئىشلىرىغا ئىگە بولغاندا، ئەسكەرلەر ئىنتىزامدىن چىقىپ، كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكىگە قوللىرىنى سوزغان ۋە: «سۇلتاننى مال – مۈلۈكلەرنى بىزگە بېرىشىدىن نىزامۇلمۈلكتىن باشقىسى توسالمايدۇ» دېيىشكەنىدى ھەم كىشىلەر قاتتىق ئەزىيەت چەككەنىدى. بۇ ئىشنى نىزامۇلمۈلك سۇلتانغا ئېيتىپ، بۇنداق بولسا دۆلەت ئاجىزلىشىدىغانلىقى، دۆلەتنىڭ ھەيۋىتى چۈشىدىغانلىقى، ئەلنىڭ خاراب بولىدىغانلىقى ۋە سىياسەتنىڭ يىمىرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. سۇلتان ئۇنىڭغا: «بۇ ئىشتا سىز توغرا دەپ قارىغىنىڭىزنى قىلىۋېرىڭ» دېدى. نىزامۇلمۈلك: «سىزنىڭ پەرمانىڭىز بولماي ھېچ ئىش قىلالمايمەن» دېۋىدى، سۇلتان: «چوڭ – كىچىك ھەممە ئىشلارنى سىزگە تاپشۇردۇم، سىز مېنىڭ ئاتامسىز» دېدى ۋە ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىنمۇ ئارتۇق سۇيۇرغال بەردى، ئۇنىڭغا تون كىيگۈزدى، ئۇنىڭغا كۆپلىگەن ئاتاقلارنى بەردى. شۇ جۈملىدىن، ئۇنى «ئاتابەگ» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ قابىلىيىتى، شىجائىتى ۋە گۈزەل ئىش – ئىزلىرى نەتىجىسىدە كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار زاھىر بولدى. شۇ قاتاردىن، بىر ئاجىز ئايال ئۇنىڭدىن ياردەم سورىۋىدى، توختاپ ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالدى، ئاندىن ھاجىبلىرىدىن بىرىنى ئۇ ئايالغا بېرىۋەتتى. ھاجىب ئۇنىڭغا ئىنكار پوزىتسىيەدە بولىۋىدى، ئۇ: «مەن سېنى مۇشۇنداق ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتتىم، چۈنكى ئەمىر – ئەيانلار (ئەئيانلار) نىڭ ساڭا ھاجىتى يوق» دېدى ۋە ئۇنى ھاجىبلىقىدىن ئېلىۋەتتى.

2.  نىزامۇلمۈلكتىكى دۆلەت تەسەۋۋۇرى

نىزامۇلمۈلك ئىسلامغا چىن ئىشىنىدىغان ۋە ئىسلام تەلىماتلىرىنى مۇقەددەس بىلىدىغان بىرى ئىدى. شۇنداقلا ئىسلام ئىلىملىرىغا مەھلىيا بولۇپ، ئىسلام ئۇلۇغلىرىنى قەدىرلەيتتى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ دىنى بىلەن دۆلىتى بابباراۋەر بولۇپ، خۇددى ئاسمان بىلەن زېمىن بىر – بىرىنى تولۇقلىغاندەك، بىر – بىرىنى تولۇقلىغانىدى. نىزامۇلمۈلك دىننى زىيادە چوڭ بىلگەنلىكى ۋە دۆلەتنى قاتتىق قوغدىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار ئۇنىڭدىن ھەيران قالاتتى. ئۇ دۆلەتنى ئىنسانلار ئارىسىغا ئىسلام تارقىتىش ۋە دەۋەت ۋاسىتىلىرىدىن بىرى دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ دەۋرىدە دىننىڭ دۆلەتكە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، بىرلا ۋاقىتتا دىن دۆلەتنىڭ ۋاسىتىسى ۋە غايىسى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئۇلۇغ ئالىملار مەيدانغا كەلگەن. ئىمام غەززالىي ۋە ماۋەردىيلار: «ھاكىمىيىتى يوقالغان ھەرقانداق دىننىڭ ئەھكاملىرى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن، بەلگىلىرى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ۋە دىندىكى ھەربىر رەھبەرنىڭ ئۆز ئالدىغا بىدئىتى بولغان»، «دىن ئاساستۇر، ھاكىمىيەت قوغدىغۇچىدۇر، ئاساسى يوق نەرسە ئۆرۈلگۈچىدۇر، قوغدىغۇچىسى يوق نەرسە نابۇت بولغۇچىدۇر» دېگەن.

نىزامۇلمۈلك دىندىكى ئەنە شۇ كۈچلۈك ئىمانى ۋە پانىي ھاياتلىقنى ئىسلاھ قىلىشتىكى مەھكەم ئېتىقادى ھەمدە ئىنسانلارنى قوغداش ۋە ئۇلارنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن ئادىل بىر دۆلەتنىڭ زۆرۈرلۈكىگە بولغان چوڭقۇر ئىشەنچى بىلەن سىياسەت ھەققىدىكى رىسالىسىنى يېزىپ، ئۇنىڭدا خىزمەت قىلىپ كەلگەن يېڭى دۆلەتنىڭ ئۇل – ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نىزامۇلمۈلك خۇددى ئاق قەغەزگە ماي بوياق رەسىم سىزىۋاتقان سەنئەتكاردەك ياكى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۇلۇغۋار دۆلەت ۋە شەھەرلەرنى قۇرغان كىشىلەردەك قۇرماقچى بولغان دۆلىتىنىڭ بەلگىلىرىنى ئىنچىكە لايىھەلەۋاتقىنىدا، چۈش كۆرۈپ ئولتۇرىدىغان خىيالىي بىرى ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇ رېئاللىققا ئەڭ يېقىن ئىدى. ئۇنىڭ دۆلەت قارىشى غەززالىي ۋە جۇۋەينىيدەك ئۆز دەۋرىنىڭ ئالىملىرى نەزەرىيەلەشتۈرگەن، سۈننىي مەزھەب پىرىنسىپلىرىدىن شەكىللەنگەنىدى. بۇلارنى نىزامۇلمۈلك مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتىن قوللىغانىدى. سەلجۇقىيلارنىڭ دەسلەپكى سۇلتانلىرى ئىسلامنى چىڭ تۇتاتتى ۋە ئىسلامنى چۈشىنىشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ چوڭ ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىلىمگە، ھۆرمىتىنى ئالىملارغا قارىتىشقا تىرىشقان. ئۇ كىتابىدا سۇلتان ۋە ئۇنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى، خۇسۇسىيەتلىرى، دۆلەت خەزىنىسى ۋە سۇلتانلىق مۇراسىملار، سۇلتاننىڭ خىزمەتكارلىرى، سۇلتاننىڭ داستىخىنى، سۇلتانلىق كۈتۈۋېلىشلار، سۇلتاننىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى، خىزمەتكارلار نازىرى، ۋەزىر ۋە ۋەزىرلىك، دۆلەتتىكى خىزمەتچىلەر، دۆلەتلەر ئارا ئەلچىلەر، قازىلار ۋە قازىلىق، بازار باشقۇرغۇچىلار، ۋالىيلار، سۇيۇرغال ئەمىرلىرى، غىلمانلار، ئەسكەر ئېلىش، قوشۇن ۋە قوشۇن تەييارلاش، ئۇنۋانلار ۋە ئۇنىڭ چېكىنى بېكىتىش قاتارلىقلار ھەققىدە سۆزلىگەن.

3.  نىزامۇلمۈلكنىڭ مەمۇرىي تۈزۈلمىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى

نىزامۇلمۈلك مەمۇرىي تۈزۈلمىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سۇلتان ئالپ ئارسلان دەۋرىدە دۆلەتتە مۇھىم رول ئوينىغانىدى، سۇلتان مەلىكشاھنىڭ دەۋرىدە ئۇنىڭ ھوقۇقلىرى كېڭىيىپ، ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ھەققىدىكى بىلىمى ۋە چۈشەنچىسى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنى سىزىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ تۈزگەن «سىياسەتنامە» دېگەن كىتاب ھاكىمىيەت تۈزۈمى، دۆلەت ۋە پادىشاھلىقلارنى ئىدارە قىلىشلارنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدىغان سىياسىي نەزەرىيە ۋە قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق نىزامۇلمۈلكنىڭ سەلجۇقىيلار دۆلىتىنى ئىدارە قىلىشتا قوللانغان مۇھىم ئىدارە ئۇسۇللىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دۆلەت تەرتىپىنىڭ قالايمىقانلىشىشىغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۇلتاننىڭ يېقىن دوستلىرىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇشى شۇ ئىدارە ئۇسۇللىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ ئۇچۇر توپلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇچۇرچىلىرى دۆلەتكە تەۋە يۇرتلاردىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزۈپ تۇراتتى. ئۇندىن باشقا ئۇ جىمى ئەتراپلارغا سودىگەر ۋە ساياھەتچى، سوپا – دەرۋىش ۋە سەكسەنخالتا قىياپىتىدە ئايغاقچىلارنى يوللاشقا بەك ئەھمىيەت بېرەتتى. ئايغاقچىلار خەۋەرلەرنى تىڭتىڭلاپ، خەۋەرلەرنى ئەڭ باشتا سۇلتانغا يوللايتتى – دە، نەتىجىدە، سۇلتانغا مەملىكىتىنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچنېمە مەخپىي قالمايتتى. نىزامۇلمۈلك ئاشۇ ئايغاقچىلارنىڭ يەتكۈزگەن مەلۇماتلىرى تۆھپىسىدە، نۇرغۇن قېتىملىق دۆلەتكە قارشى پىلانلانغان سۇيىقەستلەرنى ئوڭۇشلۇق بىتچىت قىلغانىدى. شۇنىڭدەك يەنە نىزامۇلمۈلك خىزمەتچى – ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارنى ئېغىر باج – سېلىقلارغا زورلاشنىڭ ئالدىنى ئالغان. خىزمەتلىرىدە كۆز بويىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر ئىككى – ئۈچ يىلدا ۋالىيلارنى ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى. سۇلتان ئالپ ئارسلان ئۇچۇرچىلىق ۋەزىپىسى بىلەن ئايغاقچىلىق ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك ۋالىي، قازى، بازار باشقۇرغۇچى ۋە شۇلارغا ئوخشايدىغان ئەمەلدارلارنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن شەخسەن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن، ھەر شەھەرگە بىردىن پاك كىشىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. شۇنداقلا نىزامۇلمۈلك ئەمەلدارلارنى تاللاشتا ئىنچىكە يول تۇتۇپ، بىلىمى مول، كۆڭلى زاهىد، قولى پاك ۋە تەمەسىز كىشىلەرنى تاللايتتى. ئۇچۇرچىلىق ۋە ئايغاقچىلىق ۋەزىپىلىرى سەزگۈر ۋەزىپە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قىلچىمۇ شەكلەنمەيدىغان كىشىلەرنى تاللايتتى. بۇلار سۇلتاننىڭ ئۆزى تەرىپىدىن تەيىنلىنەتتى. نىزامۇلمۈلك خىزمەتچى – ئەمەلدارلارنىڭ دۆلەت مۈلكىدىن ئوغرىلاپ قالماسلىقى ياكى مەنسىپىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ پۇل – ماللىرىغا كۆز قىرىنى سالماسلىقى ئۈچۈن، دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە مۇكاپاتلىق مائاشلارنى بېكىتكەنىدى. شۇنىڭدەك، ئۇ كىرىم – چىقىمنى بىلىش ۋە ئىككىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر يىل ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ ھېساباتلىرىنى تەكشۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش لايىھەسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئىخلاسمەن ۋە ياراملىق ئەمەلدارلىرىدىن پايدىلاندى ۋە ئۇلاردىن مەسلىھەت كېڭىشىگە ئوخشايدىغان بىر گۇرۇپپا تەشكىللىدى. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپىسى يۈز بەرگەن مۇھىم ئىشلارنى تەتقىق قىلىپ، مۇناسىپ چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئارقىدىن ئۇلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىجرا قىلىش ئىدى. نىزامۇلمۈلك ۋەزىرلىككە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ ئىشلىرى تەرتىپسىز ئىدى. دۆلەتكە تەۋە ۋىلايەتلەرنىڭ مەمۇرىيىتىدە چاتاق يۈز بېرىپ، ئۇ ۋىلايەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنىڭ خاراب بولۇشى، ئۇ ۋىلايەتلەرگە نازارەتچى كىشىلەرنىڭ كېرەكلىك گۈللەندۈرۈش ۋە ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارماسلىقى نەتىجىسىدە ئىقتىسادىي ھالەت ناچارلاشقانىدى. نىزامۇلمۈلك ۋەزىرلىككە چىققاندىن كېيىن، ئۇشبۇ ۋىلايەتلەرنىڭ ئىشلىرىنى تۈزەشتۈردى ۋە زېمىنلىرىنى گۈللەندۈردى ھەمدە دۆلەتنىڭ تېررىتورىيەسىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالغان جايلارنى مۇقىملاشتۇردى.

4.  نىزامۇلمۈلكتىكى ئىقتىسادىي تەپەككۇر

نىزامۇلمۈلكنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يەرلەرنىڭ تەقسىملىنىشىنى رەتكە سېلىش جەھەتتە مۇھىم رولى بار ئىدى. دۆلەت پۇل – ماللىرىنىڭ پايتەختكە توپلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن خەلىفە – ئەمىرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۇلارنىڭ ئادىتى بولۇپ كەتكەن. نىزامۇلمۈلكنىڭ دەۋرىدە سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ چېگراسى كېڭەيگەندىن كېيىن، نىزامۇلمۈلك تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ باجلىرىدىن كىرىدىغان دۆلەت كىرىمىنىڭ ئۇ يەرلەرنىڭ ئىسلاھات ھاجىتىگە نىسبەتەن ئازلىقى ۋە ۋالىيلارنىڭ بىپەرۋالىقىنى بايقاپ، يەرلەرنى سۇيۇرغال شەكلىدە لەشكەر باشلىقلىرىغا بۆلۈپ بېرىشنى دۆلەتكە ئەڭ پايدىلىق دەپ قارىدى. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر سۇيۇرغال ئىگىسى ئالغان يەرلىرىدىن پايدىلىنىشى بەدىلىگە دۆلەت خەزىنىسىگە مەلۇم دەرىجىدە ھەق تۆلەيتتى. بۇ تەدبىر تېرىلغۇ بايلىقىنىڭ يۈكسىلىشىگە سەۋەب بولغانىدى. چۈنكى، سۇيۇرغال ئىگىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن يەرلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلەتتى. بۇ تۈزۈم تا سەلجۇقىيلار دۆلىتى يىقىلغۇچە داۋاملاشتى. شۇنىسى ئايانكى، سەلجۇقىيلار دۆلىتى دەۋرىدىكى سۇيۇرغاللىق تۈزۈم بۇۋەيھىيلار دەۋرىدىكى سۇيۇرغاللىق تۈزۈمگە كۆپ جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ، چۈنكى بۇۋەيھىيلار دەۋرىدىكى سۇيۇرغاللىق ئومۇميۈزلۈك ئەمەس ئىدى، ھەممە لەشكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايتتى. ئۇلارنىڭ نىشانى تېرىلغۇ ئىسلاھاتى ئەمەس، بەلكى ئەسكەرلەرنىڭ كېيىنكى تەمىناتىنى قامداش ئىدى، ھەتتا بەزى بۇۋەيھىي قوماندانلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىرىنى خاراب قىلىۋېتىپ بولۇپ ئۇنى قايتۇرۇۋېتەتتى ۋە باشقا سۇيۇرغاللارغا ئالماشتۇراتتى. ئۇلار دۆلەتنىڭ كىرىمىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى شەخسىي كىرىمىنى ياخشىلاش ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتى. سەلجۇقىيلار دۆلىتىدە بولسا، سۇيۇرغال ئالغۇچى يەر بېجىنىلا بېرىدۇ، يەرگە تېگىدىن ئىگە بولالمايدۇ ۋە دېھقانلارنى كونترول قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشى، سۇيۇرغالغا زەرەر يەتكۈزمەسلىكى لازىم. شۇنداقلا سۇيۇرغال ئالغۇچى كېرەكلىك مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتىمىسە، ئۇنىڭدىن سۇيۇرغالنى تارتىۋېلىشقا بولىدۇ ھەم سەلجۇقىيلار دەۋرىدىكى سۇيۇرغال قەرەللىك بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇيۇرغال ئالغۇچىلار يەرلىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشقا، تۈزەشتۈرۈشكە ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا، ھۆكۈمەتنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سۇيۇرغال يەرلەرگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى. شۇنداقلا ۋەزىر نىزامۇلمۈلك مەنسەپدار ۋە ۋالىيلارنىڭ دېھقانلار بىلەن تولۇق ئالاقىدە بولۇشىنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇشىنى، دېھقانلار ئىچىدىكى موھتاجلارنى ئۇرۇق ۋە ئۇلاغ بىلەن تەمىنلەپ ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنى، دېھقانلارنىڭ ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە قىستىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، دېھقانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى. ۋەزىر نىزامۇلمۈلك يەرلەرنى لەشكەر باشلىقلىرىغا سۇيۇرغال سۈپىتىدە بۆلۈپ بېرىشىدە بىرقانچە ئىشنى نىشانلىغان. ئۇ ئىشلار: ئۇ سەلجۇقىيلار قوشۇنى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئوخشىمىغان قەبىلىلەردىن تەركىب تاپقانلىقىنى بىلىپ، مەزكۇر توپلارنى بۆلۈپ بېرىلگەن يەرلىرىدە ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى خاھلىغان ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار يەرگە باغلىنىپ، پۇقرالىق تۇيغۇسى بولاتتى. نەتىجىدە، دۆلەت ئۇلارنى ئاسان تىزگىنلىيەلەيتتى، ئۆزئارا دەتالاشلار ئازىياتتى. شۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي يۈكلىرى يېنىكلەيتتى. چۈنكى، مەزكۇر سۇيۇرغال رايونلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى تۈزەشتۈرۈشتە مۇستەقىل بولاتتى، ئۆزلىرىگە چېقىلماقچى بولغانلارغا ئۆزلىرى قارشى تۇرالايتتى. شۇنىڭدەك، مەزكۇر قەبىلىلەرنىڭ چەكلىك تېرىلغۇ زېمىنلاردا ئولتۇراقلىشىشى يەرنى تۈزەشتۈرۈشكە، تېرىشقا ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئۈندەيتتى – دە، بايلىق مەنبەلىرىدىن سانىلىدىغان دېھقانچىلىق گۈللىنەتتى.

5.  نىزامۇلمۈلكنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى

سەلجۇقىيلار ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك تۇسىي شەھەر قۇرۇلۇشلىرىغا، بولۇپمۇ مەسجىد – جامەلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. شۇڭا، ئۇ سەلجۇقىيلار ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خىلمۇخىل شەھەرلەرگە كۆپلىگەن مەسجىدلەرنى سالغان. شۇنىڭدەك، ئۇ مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە نەبەۋىييەدىكى ئىككى ھەرەم شەرىپ قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەن. ئىراق ۋە فارستا ئابىدلار ۋە زاهىدلار ئۈچۈن، سالىھلەر ۋە پېقىرلار ئۈچۈن نۇرغۇن خانىقا – راباتلارنى سالغان ۋە ئۇلار ئېھتىياجلىق بولىدىغان يېمەك ۋە كىيىملەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. ۋەزىر نىزامۇلمۈلك يەنە نىشاپۇر شەھىرىگە بىر بىمارىستان (شىپاخانا) بىنا قىلغان.

6.  ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ھەرىكەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى تەسىرى

ۋەزىر نىزامۇلمۈلك ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ھەرىكەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن روشەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ ئەھلى ئىلىملەرنى سۆيەتتى، ئۇلارغا كۆپ ئېھسان قىلاتتى، ھەتتا ئۇلارغا ئىنتىزاملىق بېرىلىدىغان مۇقىم مائاشلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئوخشىمىغان ھەر ياقلىرىدىكى ئون ئىككى مىڭ ئەھلى ئىلىمگە مۇقىم مائاش بېرەتتى. ۋەزىر نىزامۇلمۈلكنىڭ سورۇنىدا ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ھەر تۈرلىرىدىكى كاتتا ئالىملار بولاتتى. ئۇ كىتابخانىلارنى ئىنشا قىلغان ۋە كىتابخانىلارنى كىتابلار بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. ئىبنۇلجەۋزىي ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىلىم يۈكسەلگەن، ئالىملار ئەزىزلەنگەن ئىدى. ئۇ نىزامىييە مەدرىسەلىرىنى قۇرغان ۋە نىزامىييە مەدرىسەلىرى باغداد، مۇسۇل، ئىسفاھان، ئامۇل، تەبەرىستان، مەرۋە، نىشاپۇر، ھىرات ۋە بەلخ قاتارلىق ھەممە يەرگە تارالغانىدى. نىزامۇلمۈلك بۇ مەدرىسەلەرنى سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ دەۋرىدە ئىنشا قىلغان. نىزامۇلمۈلك (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) ئىلىمنى، بولۇپمۇ ھەدىسنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭغا ئاشىق ئىدى. ئۇ: «مەن ئۆزۈمنىڭ رىۋايەت ئەھلى ئەمەسلىكىمنى بىلىمەن، لېكىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنى نەقىل قىلغۇچىلارنىڭ كارۋىنىدا بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن» دەيتتى. ئۇ قۇشەيرىي، ئەبۇ مۇسلىم ئىبنى مەھر ئىبنى يەزىد، ئەبۇ ھامىد ئەزھەرىي قاتارلىقلاردىن ھەدىس ئاڭلىغان. ئۆزى سالغان مەدرىسەلەرنىڭ بەلگىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىشىغا دىققەت قىلاتتى. شافىئىي مەزھەب فەقىھى ئەبۇلھەسەن مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ۋاسىتىي ئۇنى ھەنبەلىيلەر بىلەن ئەشئەرىيلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن فىتنەلەرنى چاققانراق تۈگىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ بىرقانچە بېيىتنى ئەۋەتكەندە، نىزامۇلمۈلك دەرهال فىتنەنى تۈگەتكەن. ئۇنىڭ مەجلىسى فۇقەھائلار ۋە ئالىملار بىلەن ئاۋات بولۇپ، كۈندۈزلۈك ۋاقىتلىرىنىڭ كۆپىنى ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئۇنىڭغا: «بۇلار سىلىنى كۆپلىگەن ئىشلاردىن قويدى» دېيىلگەندە، ئۇ: «بۇلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ گۈزەللىكىدۇر. ئەگەر مەن ئۇلارنى بېشىمنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇزالىسام ئىدىم، ئەلبەتتە، بۇ ئىشنى ئېغىر كۆرمىگەن بولاتتىم» دېگەن. ئۇنىڭ قېشىغا ئەبۇلقاسىم قۇشەيرىي بىلەن ئەبۇلمەئالىي جۇۋەينىي كىرىپ قالسا، ئۇلار ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككىسىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئورنىدا ئولتۇرغۇزاتتى. ئەبۇ ئەلىي فارەمەدىي كىرسە، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنى ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزى ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. بۇ سەۋەبلىك باشقىلار ئۇنىڭغا كايىغان چاغدا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئىككىسى قېشىمغا كىرسە، سىلى، ئۆزلىرى دەپ مېنى ئۇچۇرۇپ، تەزىم قىلىدۇ ۋە ماڭا مەن لايىق كەلمەيدىغان سۆزلەرنى دەيدۇ – دە، ئۇلار ئارقىلىق ئادەم كۆڭلىگە ئورناشقان كىبىرىم ئاشىدۇ. ئەبۇ ئەلى فارەمەدىي كىرسە، ماڭا ئەيىبلىرىم ۋە خاتالىقىمنى ئەسلىتىدۇ – دە، پەس كويغا چۈشۈپ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن يانىمەن».

شۇنىسى ھەقىقەتكى، نىزامۇلمۈلك تۇسىينىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇ پۈتۈن بىر ئۈممەتكە تەڭ قىلغۇسىز زات ئىدى. ئۇنىڭدا ئاز كىشىلەردىن باشقىسىدا تېپىلمايدىغان ئۆتكۈرلۈك ۋە سىياسىيونلۇق بار ئىدى. نىزامۇلمۈلك ئۆز زامانىسىدا بۇ ئۈممەتنى رەتلىك ۋە پۇختا شەكىلدە ئەھيا قىلىشقا تىرىشقان، سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ ھەر تەرەپلىرىدە ئادالەت ۋە ئىلىمنى يايغان. مۇسۇلمانلار بۇ ئادىل ۋەزىردىن ئۇنىڭ ئەڭ ئالاھىدىلىكى بولغان پاك دىيانەت ۋە گۈزەل ئەمەلىيەتنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەن. ئۇ پۇقرالار ئىچىدىكى كەمبەغەللەرگە مۇلايىم ۋە پەرھىزكار كىشى بولسىمۇ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا رايىش ئادەم ئەمەس ئىدى، بەلكى بۇزغۇنچىلارغا ۋە دىن دۈشمەنلىرىگە تۇتقان مۇئامىلىسىدە كەسكىن ۋە كۈچلۈك ئىدى. شۇڭا، ئۇ باتىنىي شىئە تائىپىلىرىنىڭ ئەڭ پەسەندىلىرىدىن بولغان بىر تائىپىنىڭ بىرىنچى دۈشمىنىگە ئايلانغان. ئۇ تائىپە بولسا نىزامۇلمۈلك تۇسىينىڭ زامانىدا پەيدا بولغان، تارىختا «ھەششاشىيلار» دەپ تونۇلغان تائىپىدۇر.

ھەششاشىيلار كىملەر؟

ھەششاشىيلار يوشۇرۇن بىر جىنايى تائىپە بولۇپ، ۋەزىپىسى جىنايى سۇيىقەست ھەرىكەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش. ھەششاشىيلار شىئە تائىپىلىرىدىن نىزارىييە ئىسمائىلىييە تائىپىسىگە مەنسۇب بولۇپ، بۇ تائىپە ھ. 5، م. 11 – ئەسىردە فاتىمىي ئۇبەيدىيلاردىن بۆلىنىپ چىققان باتىنىي شىئە تائىپىسىدۇر. ئۇلار ئومۇمەن، شىئە ئەقىدىسىگە مەھكەم ئورناپ كەتكەن شىئەچە بىر قاراشقا ئىشىنەتتى. ئۇ قاراش بولسا «قۇرئان» كەلىمەلىرىنىڭ چۈشىنىشلىك ئاشكارا مەنىسىگە ئوخشىمايدىغان يوشۇرۇن تەفسىرىنىڭ بارلىقىدۇر. بۇ ئازغۇن شىئە تائىپىسى ئەھلىسەلىبنىڭ بەيتۇلمۇقەددەسنى ئىشغال قىلىشىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەھلىسەلىبكە ياردەملەشكەن ۋە ئۈممەتنىڭ بېلىگە سانجىلغان بىر خەنجەرگە ئايلانغان. بۇ تائىپىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ نىجىس جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى بولغان ھەسەن ئىبنى سەبباھقا ئائىتتۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ مەخپىي تائىپىسى ئۈچۈن ئىستىراتېگىيەلىك بىر قارارگاھ بەرپا قىلغان. ئۇ قارارگاھ فارس ئېلىنىڭ پايتەختى تىھراندىن 100 كىلومېتىرچە يىراق بولغان، كاسپى (خەزەر) دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى دەيلەم تاغلىرى ياكى ئەلبۇرز تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تاغلىق بىر قورغاندۇر. بۇ مەخپىي تەشكىلاتنىڭ بۇ مۇستەھكەم قورغىنىنىڭ ئىسمى «ئالامۇت» قەلئەسى ئىدى، ئۇنىڭ فارسچە مەنىسى «ئازاب ئۇۋىسى»دۇر. ھەسەن سەبباھ ئالامۇت قەلئەسىنى ئىگىلەپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى مەشىقلەندۈرىدىغان مەركەزگە ئايلاندۇرغان. ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىنى نەشە ۋاسىتىسى بىلەن كونترول قىلغان. شۇڭا، ئۇلار ھەششاشىيلار (نەشىكەشلەر) دەپ ئاتالغان. ئۇلارغا ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىلىرى تاپشۇرۇلاتتى. شۇ جەھەتتىن، ئىنگلىزلار ئەرەبچىدىكى «ھەششاشىن» دېگەن سۆزدىن ئىنگىلىزچە «Assasin» «سۇيىقەست يولى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرىدىغان كەسپىي قاتىل» دېگەن سۆزنى ۋە ئۇنىڭ «Assassinate» دېگەن پېئىلىنى ياساپ چىققان. ئىتالىيەلىك سەيياھ ماركو پولو ھەششاشىيلار تائىپىسى ھەققىدە قورقۇنچلۇق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ، ھېكايىدە ئالامۇت قەلئەسىنى مۇنداق سۈپەتلەيدۇ:

«قەلئەدە مېۋىلىك دەرەخلەر بىلەن تولغان يوغان بىر باغچا بار ئىدى. باغچىدا سارايلار، ھاراق، سۈت، ھەسەل، سۇلار ئاقىدىغان ئېرىقلار، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان، ساز چالىدىغان گۈزەل قىزلار بار ئىدى. تاغنىڭ ئاقساقىلى ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئاشۇ باغچىنى جەننەتتەك ئويغا كەلتۈرۈپ قوياتتى. ھەرقانداق شەخسنىڭ ئۇنىڭغا كىرىشى چەكلىنەتتى. ئۇنىڭغا پەقەت ھەششاشىيلار تائىپىسىگە قېتىلغانلىقى مۇقىملاشقانلارلا كىرەلەيتتى. تاغنىڭ ئاقساقىلى ئۇلارنى قەلئەگە بىرقانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈپ كىرگۈزەتتى، ئاندىن ئۇلارغا نەشە چېكىملىكىنى چەككۈزەتتى، ئاندىن ئۇلارنى ئۇيقۇغا قويۇپ بېرەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئادەملىرىنى ئۇلارنى كۆتۈرۈپ باغچىغا قوپقويۇشقا بۇيرۇيتتى. ئۇلار ئويغانغىنىدا، ئۆزلىرىنى جەننەتكە كېلىپ قالغاندەك ئويلايتتى. ئۇلار خۇشاللىقلار بىلەن شەھۋەتلىرىنى قاندۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم مەست قىلىناتتى، ئاندىن باغچىلاردىن چىقىرىلىپ، تاغ ئاقساقىلىنىڭ قېشىغا ئەۋەتىلەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىناتتى. ئاندىن تاغ ئاقساقىلى ئۇلاردىن نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىسا، ئۇلار: ‹جەننەتتىن› دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئاندىن ئاقساقال ئۇلارنى نىشانلىق شەخسلەرگە سۇيىقەست قىلىشقا ئەۋەتەتتى. ئۇلار ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇندىسا، ئۇلارنى ‹جەننەت›كە يەنە بىر قېتىم قايتۇراتتى. (ئۇلارنىڭ قارىشىدا) ئەگەر ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتسە، پات يېقىندا ئۇلارنىڭ قېشىغا ئۇلارنى جەننەتكە ئېلىپ كېتىدىغان پەرىشتىلەر كېلەتتى».

تاغ ئاقساقىلى دەپ تونۇلغان ھەسەن سەبباھ ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى شۇ دەرىجىدە تىزگىنلىگەنكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇسىمۇ چوقۇم ئۆلتۈرەتتى. ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىدىكى يۇقىرى مەنسەپلىك ئالاھىدە شەخسلەرگە سۇيىقەست قىلغان بولۇپ، ھەتتا ئابباسىيلار خەلىفەسى مۇستەرشىدكىمۇ سۇيىقەست قىلغان. ئېيتىلىشىچە، ئۇلار شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىرى ھەششاشىيلاردىن ئىدى. دېمەككى، ئۇلار سالاھىددىنغىمۇ قول ئۇزىتىشقا قادىر ئىدى. بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ خەتىرىنى بايقىغان تۇنجى كىشى ۋەزىر نىزامۇلمۈلك تۇسىي ئىدى. ئۇ سۇلتان مەلىكشاھنى ئالامۇت قەلئەسىگە دىققەت قىلىشقا قانائەتلەندۈرگەندىن كېيىن، قەلئە مۇھاسىرىگە ئېلىنغان. بىراق مەلىكشاھ مۇھاسىرىنى بوشىتىپ، نەچچە ئونلىغان ھەششاشىيلارنىڭ خەتىرىگە ئانچە ئېرەڭشىمىگەن ۋە بۇ تېررورچى تائىپىنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان نىزامۇلمۈلكنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمىغان.

ئۇ زامانلاردا ھەج سەپىرىگە بىرنەچچە ئاي كېتەتتى. ھ. 485 – يىلى ۋەزىر نىزامۇلمۈلك تۇسىي ھەج سەپىرىگە ئاتلاندى. رامازاننىڭ 10 – كۈنى پەيشەنبە ۋەزىر نىزامۇلمۈلك يولدا كېتىۋېتىپ، مەشھۇر نىھاۋەند ئۇرۇشى بولغان تارىخىي جايغا يېقىن فارس ئېلىدىكى بىر مەسجىدنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. ۋەزىر نامازنى جامائەت بىلەن مەسجىدتە ئوقۇشقا ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈن مەسجىدكە قاراپ ماڭدى. ئىپتار ۋاقتى بولغاندا، نىزامۇلمۈلك شامنى ئوقۇدى ۋە شامدىن كېيىن مەسجىدتە كىشىلەرگە ئاللاھنى ئەسلىتىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ يېنىدا نۇرغۇنلىغان فۇقەھائلار، قارىيلار ۋە ھاجەتمەن كىشىلەر بار ئىدى. ئۇ ئۇلارغا ئۇلار تۇرغان جاي — نىھاۋەندنىڭ زېمىنلىرىنىڭ شەرىپىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارغا مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ زامانىدا مەجۇسىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بولغان نىھاۋەند جېڭى بىلەن ئۇ يەردە شەھىد بولغان ساھابە – تابىئىنلارنىڭ قىسسەسىنى سۆزلەپ بەردى. ئاندىن ئىسلام ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك بۇ مۇجاھىدلارنى ياد ئېتىپ ۋە ئۇلاردەك ئاللاھنىڭ ئۆزىگىمۇ شەھىدلىك بېرىشىنى ئارزۇ قىلىپ، كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلدى ۋە: «ئۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلغانلارغا مۇبارەك بولسۇن!» دېدى.

گىگانت ۋەزىر نىزامۇلمۈلك ئىپتارلىقنى يەپ بولۇپلا، چېدىرىغا قايتىشنى كۆزلەپ مەسجىدتىن چىقتى. مەسجىدنىڭ ئىشىكى يېنىدا جۇل – جۇل كىيىملىك بىر تىلەمچى ۋەزىردىن بىرنەرسە سوراپ يېقىنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن نىزامۇلمۈلكمۇ سەدىقە بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىن كەلدى. شۇ چاغدا تىلەمچى كۆينىكىدىن بىر خەنجەرنى چىقىرىپ، بۈيۈك ئىسلام ۋەزىرى نىزامۇلمۈلكنىڭ يۈرىكىگە سانجىدى. نىزامۇمۈلۈك يەرگە يىقىلدى، ئۇنىڭدىن قانلار ئېقىۋاتاتتى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئەسكەرلەر مەزكۇر جىنايەتچىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئېتىلىپ كېلىۋىدى، يەردە ياتقان ئۇلارنىڭ ۋەزىرى خىرە ئاۋازدا: «ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، مەن قاتىلىمنى ئەپۇ قىلىۋەتتىم» دەپ توۋلىدى. ئەسكەرلەر بۇ بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالغان تىلەمچىنىڭ ھەششاشىي قاتىلدىن باشقىسى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ھەششاشىيلار كاتتىۋېشى ھەسەن سەبباھ تەرىپىدىن ھەششاشىيلار تارىخىدىكى تۇنجى سۇيىقەست ھەرىكىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى، سۇيىقەست نىشانىنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئىلىم تارقىتىش بىلەن ھەششاشىيلارنىڭ بىرىنچى دۈشمىنىگە ئايلانغان نىزامۇلمۈلك ئىكەنلىكىنى بىلدى. نىزامۇلمۈلك تۇسىينىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ئىلىم ۋە سۈننەتنى تارقىتىشى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ باتىنىي شىئەلەرنىڭ ئەقىدىسىنىڭ بۇزۇقلۇقىنى بايقاپ قالىدىغانلىقىنى بۇ ھەششاشىي شىئەلەر ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا، ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بولغان ئىمان ئۈچۈن سوقۇۋاتقان ئاشۇ يۈرەكنى… بۇ ئۈممەتنىڭ ياشلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن، نىزامىييە مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرۈپ ھەقىقىي ئىسلامنىڭ مەنىسىنى بىلگەن شۇ كىچىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن سوقۇۋاتقان ئاشۇ يۈرەكنى… مۇھەممەد ئۈممىتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىدىغانلىقى، زۇلمەت ۋە جاھالەت كۈچلىرىنى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىدىن بىر لەھزىمۇ شەكلەنمىگەن ئاشۇ يۈرەكنى جىمىقتۇرماقچى بولغانىدى.

گىگانت ۋەزىر نىزامۇلمۈلك تۇسىي چېدىرىغا ئاپىرىلدى، ئۇنىڭدىن قانلار ئېقىۋاتاتتى. ئۇنىڭ چۆرىسىدە كىشىلەر ئۇزۇن يىل ياخشى كۆرگەن ۋەزىرىگە قايغۇرغانلىقتىن يىغلاپ ئىڭراۋاتاتتى. نىزامۇلمۈلك چېدىرىغا يۆتكىلىش ئەسناسىدا يېرىم ئوچۇق كۆزلىرى بىلەن ئاشۇ گۈزەل جاينىڭ ئىدىرلىقلىرىنى يەنى شىددەتلىك نىھاۋەند ئۇرۇشىدا ئۆچمەس ئىسلام دىنىنى قوغداش ئۈچۈن قۇربان بولغان قەھرىمان ساھابە – تابىئىنلار كۆمۈلگەن ئاشۇ ئىدىرلىقلارنى ئارزۇ قىلىپ قارايتتى. تېخى بىرئاز بۇرۇن بۇ قەھرىمان فارس ۋەزىر ئاشۇ جايدا شەھىد بولۇشنى ئارزۇ قىلغانىدى. نىزامۇلمۈلك خۇددى چۆرىسىدە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنى كۆرۈۋاتقاندەك يۈزىنى ئوڭ ۋە سولغا بۇراۋاتاتتى. مانا ئىسلام بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ جەڭنىڭ تۇنجى شەھىدى بولغان قەھرىمان قوماندان نوئمان ئىبنى مۇقەررىن، مانا گۈلدۈرمامىدەك قاتتىق ئاۋازى بىلەن تەكبىر ئېيتقان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىردىشى ھۇزەيفە ئىبنى يەمان، ئەنە كەسكىن قىلىچى بىلەن مەجۇسىي فارسلارنىڭ كاللىسىنى ئالغان ئەمر ئىبنى مەئدىيكەرىب، ئەنە مەجۇسىيلەرنىڭ سەپلىرىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئۇلارنى باشسىز تەنگە ئايلاندۇرۇپ قويغان گىگانت قەئقاﺋ ئىبنى ئەمر تەمىمىي. شۇنىڭدىن كېيىن بۈيۈك ئىسلام ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئېگىز كۆتۈردى – دە، كۆزىنى ئاسمانغا تىكىپ: «ئەشھەدۇئەللا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ!» دېدى.

رامازاننىڭ شۇ جۈمە كېچىسى بۇ قەھرىمان ئىسلام بۈيۈكىنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىدى. لېكىن، ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق پۈتۈن بىر ئۈممەتنىڭ يۈرەكلىرىنى تىرىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى سۇلتان مەلىكشاھقا يەتكەندە، سۇلتان كىچىك بالىلاردەك يىغلاپ كەتتى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە باغداد، مەككە، مەدىنە ۋە باشقا مۇسۇلمان يۇرتلاردىكى كىشىلەر ئۆزلىرىگە كۆيۈنگەن ئادىل ۋەزىرىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ يىغلاشتى. مۇسۇلمان شائىرلار سۆيۈملۈك ۋەزىرىگە كۆپلىگەن قەسىدىلەر بىلەن مەرسىيە ئېيتتى. شۇ قەسىدىلەردىن بىرى مۇقاتىل ئىبنى ئەتىييەنىڭ مۇنۇ قەسىدىسى:

 

ۋەزىر نىزامۇلمۇلۇك بىر ئۈنچە ئىدى،

تەڭداشسىز، ياسىغان راھمان ئۇنى شەرەپتىن.

بىلمىگەچ كۈنلەر ئۇ ئەزىزنىڭ قىممەتىن،

ئەزىز بولغاندا سەدەپكە قايتۇردى ئۇنى.

ئۇ توغرىسىدا ئىبنى ئەقىيل ئېيتتى: «نىزامۇلمۈلكنىڭ مەردلىك ۋە سېخىيلىق، ئادىللىق ۋە دىننى گۈللەندۈرۈشكە تولغان ھاياتى ئەقىللەرنى لال قىلىدۇ. ئۇنىڭ كۈنلىرى ئەھلى ئىلىملەرنىڭ دۆلىتى ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى رامازاندا ھەجگە كېتىۋاتقىنىدا ئۆلتۈرۈلۈش بىلەن ئاياغلاشتى. ئۇ پادىشاھچە ئۆلدى، ئاخىرەتتە پادىشاھچە ياشايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي!»

ئۇ ھەقتە زەھەبىي ئېيتتى: «بۈيۈك ۋەزىر نىزامۇلمۈلك قىۋامۇددىن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنى ئەلى ئىبنى ئىسھاق تۇسىي ئەقىل – پاراسەتلىك، تەجرىبىلىك سىياسىيون، دىندار، سائادەتمەن، ھايالىق، سورۇنى قارىي ۋە فۇقەھائلار بىلەن ئاۋات زات ئىدى. باغداد، نىشاپۇر، تۇسلارغا چوڭ مەدرىسەلەرنى سالغان ۋە ئىلىمگە قىزىقتۇرغان، ئوقۇغۇچىلار بىلەن قويۇق ئالاقە قىلغان، ھەدىس سۆزلەپ خاتىرىگە ئالدۇرغان، ھەرخىل خىزمەتلەردە بولۇپ، ئاخىرىدا سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى مەلىكشاھنىڭ ۋەزىرى بولغان ئىدى. مەملىكەت ئىشلىرىنى ئەڭ لايىق شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرغان، ناھەقچىلىكلەرنى ئازايتقان، پۇقرالارغا كۆيۈنگەن، ۋەقفلەرنى قۇرغان، چوڭ ئالىملار ئۇنىڭ دەرگاھىغا ھىجرەت قىلىپ كېلىدىغان، ئەخلاقلىق، دىندار ۋە باتۇر قوماندان – ئەمىرلەرنى مەنسەپكە تەيىنلەش توغرىسىدا مەلىكشاھقا مەسلىھەت كۆرسەتكەن، ئەنە شۇ سىياسەتنىڭ تەسىرلىرى كېيىنچە كۆرۈلگەن ئىدى».

ئۇ ھەقتە يەنە ئىبنۇلئەسىر ئېيتتى: «ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا كەلسەك، ئۇ دىندار ئالىم، ئادالەتلىك مەرد، گۇناھكارلارنى كۆپ كەچۈرىۋېتىدىغان، كۆپ سۈكۈت قىلىدىغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ مەجلىسى قارىيلار، فۇقەھائلار، ئالىم – ئۆلىما، ئەزگۈ ۋە ياخشىلىق ئەھلىلىرى بىلەن ئاۋات ئىدى. ئۇ تولۇق قارىي بولۇپ، «قۇرئان»نى 11 يېشىدا تۈگەتكەن. ئۇ شافىئىي مەزھەبىدە بولۇپ، تاھارەتسىز ئولتۇرمايتتى، تاھارەت ئالسىلا نەفلە ناماز ئوقۇيتتى، ئەزاننى ئاڭلىسا قىلىۋاتقان ھەرقانداق ئىشىدىن توختاپ نامازغا ماڭاتتى. ئەزان تۈگىسە، نامازدىن بۇرۇن ھېچ ئىش قىلمايتتى. مۇئەززىن بىخۇد قېلىپ، نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ كەتسە، ئۇنى ئەزان ئېيتىشقا بۇيرۇيتتى. مانا بۇ ئىباەتكە بېرىلگەنلەرنىڭ ناماز ۋاقتىغا رىئايە قىلىشتىكى يۈكسەك ھالىدۇر. ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان باغلىنىشى كۈچلۈك ئىدى، دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى داۋاملىق روزا تۇتاتتى. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ۋەقفەلىرى، سەدىقىلىرى بار ئىدى».

بىر قېتىم ئۇ ئېيتتىكى: چۈشۈمدە ئىبلىسنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «ۋاي ھالىڭغا! ئاللاھ سېنى يارىتىپ، سېنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئۆزىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇسا، سەن ئۇنىمىدىڭ. مېنى ئاللاھ ئۆز ئاغزى بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇمىسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ھەر كۈن نەچچە قېتىم سەجدە قىلىمەن» دېدىم. ئۇ مۇنداق شېئىر توقۇدى:

كىم بولالمىسا ۋىسال ئەھلى،

ياخشىلىقلىرى گۇناھلار ئەسلى.

بىر قېتىم خەلىفە مۇقتەدىي ئۇنى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا: «ئى ھەسەن! مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى رازى بولغاندەك ئاللاھمۇ سەندىن رازى بولسۇن» دېگەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان بىر مەسجىدى ۋە يېتەرلىك ئوزۇق – تۈلۈكى بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ بۇ مەنىدە: «ئايرىم بىر يېزام، يالغۇز رەببىمگە ئىبادەت قىلىدىغان بىر مەسجىدىم بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈنلۈككە بىر پارچە نېنىم ۋە ئىبادەت قىلغۇدەك بىر مەسجىدىم بولۇشىنى ئارزۇ قىلدىم» دېگەن. ئۇنىڭ كەمتەرلىكىنىڭ مىساللىرىدىن بىرى، ئۇ بىر كېچىسى تائام يېدى، بىر تەرىپىدە قېرىندىشى ئەبۇلقاسىم، يەنە بىر تەرىپىدە خۇراسان ۋالىيسى بار ئىدى. ۋالىينىڭ قېشىدا بىر چولاق كەمبەغەل بار ئىدى. نىزامۇلمۈلك ۋالىينىڭ چولاق ئادەم بىلەن بىرگە تائام يېيىشتىن ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقىنى كۆردى – دە، ۋالىينى يەنە بىر تەرەپكە يۆتكىلىشكە بۇيرۇپ، چولاق ئادەمنى ئۇنىڭغا يېقىن قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ۋالىي تاماقنى چولاق ئادەم بىلەن بىللە يېدى. تائامىغا كەمبەغەللەرنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ئۇنىڭ ئادىتى ئىدى.

ھەششاشىيلار ئۆزلىرىنىڭ پەسلىكى بىلەن گىگانىت ئىسلام ۋەزىرىنىڭ ھايات يۆنىلىشىنى توختىتالىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بۈيۈكىمىزنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە تېرىغان ئۇرۇقلارنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشىنى توختىتالمىدى. بۈيۈك ۋەزىر نىزامۇلمۈلكنىڭ بۈيۈك سەلجۇقىيلار سۇلتانلىرى ئالپ ئارسلان بىلەن ئۇنىڭ بالىسى مەلىكشاھقا ۋەزىر بولۇشى جەريانىدا ئىلىم – مەرىپەت، مەكتەپلەر ۋە سالىھلەرغا كۆڭۈل بۆلۈشى، مۇھىم مەنسەپلەرگە ياراملىق ۋە دىيانەتلىك كىشىلەرنى قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى سەۋەبلىك، شۇنىڭدىن ئازغىنە يىللار كېيىن ئىسلام ئۈممىتىگە ئېتىلىپ كەلگەن يىرتقۇچ ياۋايىلاردىن ئىسلام ئۈممىتىنى قوغداشتا زور تۆھپىسى بولغان نۇرغۇن يىگىت – قەھرىمانلارنىڭ يۇلتۇزى پارلىدى. بۇ ياۋايىلار بولسا ئەھلىسەلىب ياۋايىلىرىدۇركى، بۈيۈك ۋەزىر نىزامۇلمۈلك تۇسىينىڭ ئۇزۇن يىللىق قان – تەرىنىڭ سەمەرىسى بولغان بىر ئەۋلاد قەھرىمانلار ئۇلارغا قارشى ئوتتۇرىغا چىققانىدى. بۇ ئەۋلاد تارىختا «سالاھىددىن ئەۋلادى» نامى بىلەن تونۇلغان. ئۇلارنىڭ بېشى ئابدۇللاھ ئوغلى ئاقسۇڭغۇر ئىسىملىك بىر تۈرك ياش بولۇپ، نىزامۇلمۈلك تۇسىي ئۇنىڭ گۈزەل دىيانىتى، قابىلىيىتى ۋە كۈچىنى كۆرۈپ (مەنسەپكە) تاللىغانىدى. بۇ قەھرىمان ياش ئارقىسىدا ئون ياشلىق بىر بالىسىنى قالدۇرۇپ بالدۇرلا قەست بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ بالا بىرقانچە يىللاردىن كېيىن ئەھلىسەلىبكە قارشى ئىسلام جىھادى ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى بولىدۇ. بۇ بالا ئىمادۇددىن زەنگى بولۇپ، بۇ تۈرك قەھرىمان جىھاد يولىدا ئىسلام ئۈممىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئەھلىسەلىبكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چۈشىدۇ ۋە ئارقىسىدا ئوغلى قەھرىمان نۇرىددىن مەھمۇد زەنگىنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ تۈرك قوماندانمۇ ئىسلام ئۈممىتىگە كورد گىگانت سالاھىددىن ئەييۇبىينى ھەدىيە قىلىدۇ. كۆپ مۇسۇلمانلار بىلمەيدۇكى، مۇسۇلمانلار ئۇنتۇلماس ھىتتىن ئۇرۇشىدا ئەھلىسەلىب ئۈستىدىن قولغا كەلتۈرگەن بۈيۈك ئىسلامىي زەپەر ئەپسۇسكى بىز قەھرىمان سالاھىددىن ئەييۇبىيدىن باشقا ئىسىملىرىنىمۇ بىلمەيدىغان بۈيۈك قەھرىمانلارنىڭ بىرلەشمە ۋە ئورتاق ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىدۇر. بۇ زەپەر ئەمەلىيەتتە، ئىسلام ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك تۇسىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) تىكىپ، سەۋرچانلىق بىلەن سۇغارغان كۆچەتنىڭ مېۋىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

فارس قەھرىمانىمىز قۇرغان نىزامىييە مەدرىسەلىرىدىن كېيىن ئىسلام ئىلمىي گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن شەيخ ئەبۇ ئىسھاق شىرازىي، ئەبۇ نەسر ئىبنى سەبباغ، ئەبۇ سەئىد مۇتەۋەللىي، ئەبۇ ھامىد غەززالىي، ئەبۇبەكرى شاشىي باشچىلىقىدىكى گىگانت ئوغلانلار مەيدانغا كەلدى. بۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا يەنە بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئازاد قىلىنىشىغا بىۋاسىتە ھەمدەملەشكەن ئىمادۇددىن ئەسبەھانىي، قازى بەھائۇددىن شەددادقا ئوخشاش بۈيۈك زاتلارمۇ ئوقۇغان بولۇپ، بۇ ئىككىسى مۇجاھىد سۇلتان سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ قوشۇنىدىكى قوماندانلار ئىدى. ئاللاھ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن!

ۋەزىر نىزامۇلمۈلك تۇسىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) فارس مىللىتىگە مەنسۇب كىشى ئىدى. ئۇ شۇنداق بىر مىللەتكى، ئاللاھ ئۇ مىللەتنىڭ مەجۇسىيلىرىنى خار قىلدى، مۇسۇلمانلىرىنى شەرەپلىك قىلدى. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئىسلام ئۈممىتىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئىلىم چەۋەندازلىرى بولۇش ئۈچۈن، ئىلىم بايرىقىنى ئاسمان – پەلەكلەردە لەپىلدەتكەنلىكتىن، ئاللاھ ئۇلارنى ئىسلام ئۈممىتى تارىخىدىكى ئىلىم بايرىقىنى كۆتۈرگەنلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى قىلدى.

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ