ئاياللارنىڭ پۇتىغا پايپاق كىيمەي ناماز ئوقۇشى

ئاياللارنىڭ پۇتىغا پايپاق كىيمەي ناماز ئوقۇشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاياللار پۇتىغا پايپاق كىيمەي ناماز ئوقۇسا، ياز ۋاقتىدا پۇتىغا نېپىز پايپاق كىيسە بۇلامدۇ؟ تەپسىلىي بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز. ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قىز – ئاياللارنىڭ پۇتىنىڭ ئوشۇقىدىن تۆۋەن قىسمىنىڭ ئەۋرەت ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىمىزدىن ئۈچ خىل قاراش كەلگەن:

بىرىنچىسى، نامازدا ئەۋرەت ئەمەس، ئەمما نامازنىڭ سىرتىدا ئەۋرەتتۇر. ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ مۇشۇ قاراشنى كۈچلەندۈرگەن. لېكىن، بۇ قاراشتىكىلەر نامازنىڭ ئىچى بىلەن سىرتىنى ئايرىشقا تۈزۈك دەلىل كۆرسەتمىگەن. بۇ قاراشقا ئاساسەن ئەگەر پۇتىنىڭ ئوشۇقىدىن تۆۋەن قىسمى ئوچۇق ناماز ئوقۇغان بولسا نامازنى قايتا ئوقۇشى كېرەك بولمايدۇ.

ئىككىنچىسى، پۇتىنىڭ ئوشۇقىدىن تۆۋەن قىسمى نامازنىڭ ئىچى بىلەن سىرتىدا ئوخشاشلا ئەۋرەت. بۇ باشقا مەزھەب ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭمۇ قارىشىدۇر. بۇ قاراشقا ئاساسەن ئەگەر پۇتى ئوچۇق ناماز ئوقۇغان بولسا نامازنى قايتا ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ.

ئۈچىنچىسى، نامازنىڭ ئىچى بىلەن سىرتىدا ئوخشاشلا ئەۋرەت ئەمەس دېگەن قاراش. يۇقىرىقى ئۈچ خىل قاراشنىڭ ھەممىسى ھەنەفىي مەزھەبتىكى توغرا قاراشلار بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىدىن بەزىلىرى بىرىنچى قاراشنى، يەنە بەزىلىرى ئىككىنچى قاراشنى تاللىغان. يەنە بەزىلىرى ئۈچىنچى قاراشنى «ھەنەفىي مەزھەبتىكى ئەڭ توغرا قاراش» دېگەن. يەنە، ئىمام شافىئىينىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىمام مۇزەنىي، ئىمام سەۋرىي قاتارلىقلارمۇ: «ئوشۇقىدىن تۆۋەن قىسمى ئەۋرەت ئەمەس» دېگەن(1).

ئىمام زۇهرىي ﴿تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن﴾(24/«نۇر»: 31) دېگەن ئايەتتىكى تاشقى زىننەتنى ھالقا ۋە خالخال (پۇت بىلەزۈكى) دەپ تەفسىرلىگەن(2).

ئوشۇقتىن تۆۋەن قىسمىنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىنىڭ ئەڭ جانلىق دەلىلى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مەزكۇر ئايەتنى تەفسىرلەپ: «تاشقى زىننەتتىن مەقسەت بىلەزۈك بىلەن پۇتنىڭ بارماقلىرىغا سالىدىغان ئۈزۈكتۇر» دېگەن سۆزىدۇر(3). بۇ رىۋايەت «سەھىھ»، شۇڭا پۇتنىڭ ئوشۇقتىن تۆۋەن قىسمى ئەۋرەت ئەمەس دېگەن قاراش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بولۇپمۇ يېزا – قىشلاق، ئېتىز – ئېرىقلاردا يالىڭاياق مېڭىشقا ئېھتىياج بار. بۇ ۋەجدىن ئوشۇقتىن تۆۋەن قىسمىنىڭ ئوچۇق قېلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ.

ئىمام شافىئىي پۇتنىڭ دۈمبىسىنى ئەۋرەت دەپ، ئالىقىنىنى ئەۋرەت دېمىگەن(4). ئىمام شافىئىينىڭ بۇ قارىشى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ: «پۇت ئەۋرەت ئەمەس» دېگەن قارىشىغا بىرقەدەر يېقىندۇر.

بۇ مەسىلىدە باشقا قاراشتىكىلەر دەلىل قىلغان بەزى ھەدىسلەرگە قارايدىغان بولساق، «ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر. ئەگەر سىرتقا چىقسا شەيتان بوينىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا قارايدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ سەنەدىدە زەئىفلىك بولۇش بىلەن بىرگە(5)، بۇ ھەدىسنى تۇتقانلار يۈز بىلەن قولنى بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىدىن مۇستەسنا قىلغان. پۇتنىمۇ ئۆي ئىچى ۋە ئېتىز – ئېرىقلاردا ئېچىپ يۈرۈشكە ئېھتىياج بار بولغانلىق جەھەتتىن يۈزگە ئوخشاشلا مۇستەسنا قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ.

يەنە مۇنۇ ھەدىسمۇ دەلىل قىلىنغان: ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— ئايال كىشى يوپكا كىيمىسىمۇ ئۇزۇن كۆڭلەك، رومال بىلەن ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟ — دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— كۆڭلەك پۇتلىرىنىڭ دۈمبىسىنى يۆگەپ تۇرىدىغان دەرىجىدە ئۇزۇن بولسا بولىدۇ، — دەپ جاۋاب بەرگەن(6).

بۇ ھەدىسمۇ يا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن، يا ساھابەدىن «سەھىھ» يول بىلەن كەلمىگەن بولغاچقا، دەلىل بولالمايدۇ. دەلىللىككە يارىغان تەقدىردىمۇ پۇتنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىگە دەلىل بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ھەدىستە پۇتنىڭ ئالىقىنىنى تىلغا ئالمىغان. سەجدىگە بارغاندا پۇتنىڭ ئالىقىنىنىڭ ئېچىلىش ئېھتىماللىقى چوڭ. يەنە بۇ ھەدىسنى ۋاجىبلىقنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى مۇستەھەبلىكنى بىلدۈرىدۇ، دەپ چۈشەنگەنلەرمۇ بار. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆي ئىچى ۋە سىرتىدا پۇتنى ئېچىشقا بولغان ئېھتىياجمۇ بۇ خىل چۈشىنىشنى كۈچلەندۈرىدۇ(7).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمىكى تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىيىمىنى سۆرەپ يۈرىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت نەزەرى بىلەن قارىمايدۇ» دېگەن، ئۇممۇ سەلەمە بۇنى ئاڭلاپ:

— ئۇنداقتا ئاياللار قانداق قىلىدۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— بىر غېرىچ ئۇزۇن چۈشۈرىدۇ، — دېدى. ئۇممۇ سەلەمە:

— ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنداقتا كۆڭلىكىنى بىر گەز چۈشۈرسۇن، ئۇنىڭدىن ئۇزۇن قىلىۋەتمىسۇن، — دېدى(8).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىيىمنى سۆرۈلىدىغان دەرىجىدە ئۇزۇن كىيمەسلىكنى بايان قىلغان. ئۇممۇ سەلەمە بۇ ھۆكۈم ئاياللارنىمۇ ئوخشاشلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ چۈشىنىپ: «ئۇنداقتا ئاياللار قانداق قىلىدۇ؟» دەپ سورىغان. چۈنكى، ئاياللارنىڭ ئوشۇققىچە ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇنمۇ كىيىمى بولىدۇ. نەتىجىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ئۇزۇن كىيمەسلىك ھەققىدىكى بۇ ھۆكۈمنىڭ ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى، ئاياللارنىڭ كۆڭلەكلىرىنى ئەرلەرگە رۇخسەت قىلىنغان چەكتىن بىر غېرىچ ئۇزۇن كىيسە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بەزىدە ئاياللارنىڭ پاچاق ياكى پۇتىنىڭ ئېچىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگىنىدە، ئۇنىڭغا بىر گەز (يەنى ئىككى غېرىچ) ئۇزۇن كىيىشكە رۇخسەت قىلغان.

شۇنداقتىمۇ ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ ۋەقەلىكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوشۇقنىڭ ئاستىنى يۆگەش مەسىلىسىدە بەك قاتتىق پوزىتسىيەدە تۇرمىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئوشۇقنىڭ ئاستىنىڭ ئەۋرەت ياكى ئەمەسلىكى، ئۇنى نامازدا يۆگىمىسە نامازنى قايتا ئوقۇشى كېرەك ياكى ئەمەسلىكى مەسىلىسى خېلى ئازادە مەسىلە دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا ئالىملار ئارىسىدا «خېنە قويۇلغان بولسا يۆگەش ۋاجىب، خېنە قويۇلمىغان بولسا ئەۋرەت ئەمەس» دېگەندەك قاراشلارمۇ مەۋجۇد.

بىر ياكى ئىككى غېرىچ قوشۇش قەيەردىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ دېگەن مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى بىردەك ئەمەس، بەزىلەر ئوشۇقتىن دېسە، بەزىلەر تىز بىلەن ئوشۇق ئوتتۇرىدىن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر يەرگە تەگكەن تاپاندىن دەيدۇ(9). ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كىيىنىشى مەسىلىسىدە تىز بىلەن ئوشۇق ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ بىر غېرىچ چۈشۈرگەن ئەھۋالدا كۆڭلەك ئوشۇققىچە چۈشىدۇ. ئوشۇققىچە چۈشكەن تەقدىردە ئوشۇقنىڭ ئاستى ئېچىلىپ قېلىشى تەبىئىي. ئەگەر ئوشۇقتىن بىر غېرىچ چۈشۈرگەن تەقدىردە پۇت ئېچىلىپ قالمايدۇ. شۇنداقلا ئوشۇقتىن بىر گەز ئۇزۇن قىلسا كىيىمگە دەسسىۋېلىپ پۇتلىشىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. بۇنى تەكىتلەيدىغىنى شۇكى، مەزكۇر ھەدىسنىڭ بەزى ۋارىيانتلىرىدا پۇت تىلغا ئېلىنماي، «ئۇنداقتا، ئۇنىڭدىن ئېچىلىپ قالىدۇ» دېگەن(10). ئىمام ئىبنى تەيمىييە بايان قىلغان بەزىبىر رىۋايەتتە: «ئۇلارنىڭ پاچاقلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ» دېگەن(11). بۇ سەۋەبتىن، بۇ ھەدىستىن پاچاقنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقى مەقسەت قىلىنغان دېيىشمۇ مۇمكىن. ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ مۇشۇنداق تەھلىل قىلغان ۋە: «دېمەك، مەقسەت پاچاقنى يۆگەشتۇر. چۈنكى، ئوشۇقنىڭ ئۈستىدە بولسا ماڭغاندا پاچاق ئېچىلىپ قالىدۇ» دېگەن(12).

بۇ ھەدىسنى ۋاجىبلىقنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى يۈز بىلەن قولنى يۆگەشكە ئوخشاش پۇتنى يۆگەشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ چۈشىنىشمۇ مۇمكىن.

ئەگەر ئوشۇق ئاستىنى ئەۋرەت دېسەك، نېپىز پايپاق ياكى ئۈستى ئوچۇق كەشلەر ئۇنى يېتەرلىك دەرىجىدە يۆگىيەلمەيتتى – دە، چوقۇم كەڭرى كىيىم بىلەن يۆگەش كېرەك بولاتتى. ھالبۇكى، ئۇنى ئەۋرەت دەپ قارايدىغانلارمۇ پايپاققا رۇخسەت قىلىشىدۇ. بۇمۇ بۇ مەسىلىنىڭ سەل ئازادىلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

مەيلى بۇ ھەدىستىكى رۇخسەت مۇستەھەبلىكنى ياكى ۋاجىبلىقنى بىلدۈرسۇن، ياكى بىر غېرىچ ئۇزۇن كىيىش ۋاجىب، ئىككى غېرىچ ئۇزۇن كىيىش جائىز ياكى مۇستەھەب دېيىلسۇن، بۇ رۇخسەتكە ئاساسەن كىيىمنى ئۇزۇن كىيىش ساھابە ئاياللاردا بار ئىش ئىكەنلىكىنى باشقا بەزى ھەدىسلەرمۇ تەكىتلەيدۇ.

بىر ھەدىستە كېلىشىچە، بىر ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا:

— مەن ئۇزۇن كۆينەك كىيىدىغان بىر ئايال، بەزىدە پاسكىنا يەرلەردىن ئۆتۈپ قالىمەن، — دېگەنىدى، ئۇممۇ سەلەمە:

— پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كېيىنكى پاك يەرلەر ئۇنى پاكلايدۇ» دېگەنىدى — دېدى(13).

يىغىپ ئېيتىدىغان بولساق، قىيىنچىلىق بولمايدىغان ئەھۋالدا ئەڭ ياخشىسى، مەيلى ناماز ئوقۇغاندا بولسۇن ياكى سىرتقا چىققاندا بولسۇن، پۇتنىڭ ھەممە قىسمىنى يۆگەپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كىيىم بىلەن پايپاق كىيىۋېلىشتۇر. يۇقىرىدا پۇتنى يۆگەش ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى مۇستەھەبلىكنى بىلدۈرىدۇ دەپ چۈشىنىشمۇ بۇ خۇلاسىگە ماس كېلىدۇ. ناۋادا يات ئەرلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان يەردە ئوشۇقىنىڭ ئاستىنى يۆگىمەي ناماز ئوقۇغان ياكى شۇ ھالەتتە سىرتتا يۈرگەن بولسىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. ئوقۇغان نامىزىنى قايتا ئوقۇشى كېرەك بولمايدۇ. بىراق، يۆگەش ئەۋزەلدۇر. يازدا پۇتىغا نېپىز بولسىمۇ پايپاق كىيىشى كىيمىگەندىن ياخشىراقتۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 14 – جامادىيەلئاخىر / م. 2019، 11 – فېۋرال

—————
1. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1لا406؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 22/114؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 7/86.
2. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 3/284.
3. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، )17008).
4. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1/89.
5. «تىرمىزىي»، (1173). «ئىبنى خۇزەيمە»، (1686). سەنەدى «سەھىھ»، لېكىن قەتادە «مۇدەللىس» بولۇپ، «ئەنئەنە» قىلىپ رىۋايەت قىلغان. بەزى ئالىملار بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ئەمەس، ساھابەنىڭ سۆزى دەپمۇ قارىغان. دارەقۇتنىي: «ئىلەل»، 5/314.
6. «ئەبۇ داۋۇد»، (639). سەنەدى سەھىھ ئەمەس. ئالبانىي: «ئەلئىرۋاﺋ»، 5/314.
7. دوكتور ئابدۇلكەرىم زەيدان: «ئەلمۇفەسسەل (المفصل في أحكام المرأة والبيت المسلم)»، 3/191 – 200.
8. «ئەبۇ داۋۇد»، (4117). «تىرمىزىي»، (1731). تىرمىزىي «سەھىھ» دېگەن.
9. ھافىز ئىراقىي: «تارھۇتتەسرىب»، 8/168.
10. «ئەبۇ داۋۇد»، (4117).
11. «ئەبۇ داۋۇد»، (4117).
12. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 22/119.
13. «ئەبۇ داۋۇد»، (383). ئالبانىي: سەھىھ، ـ دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ