تولۇق كىيىنمەي ئولتۇرۇپ «قۇرئان» ئاڭلاش ھەققىدە

تولۇق كىيىنمەي ئولتۇرۇپ «قۇرئان» ئاڭلاش ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللار ئۆيىدە تولۇق كىيىنمەي قىرائەت ئاڭلىغاچ ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسا بولامدۇ ياكى گۇناھكار بولامدۇق. مەلۇمات بەرسىڭىز. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

تولۇق كىيىنىش «قۇرئان» ئوقۇشقا شەرت بولمىغاچقا، ئاياللار يالاڭباش ياكى پۇت – قوللىرى ئوچۇق ئۆي ئىچىدە كىيىدىغان كىيىملىرىدە، ئۇخلاش كىيىملىرىدە ياكى زىبۇزىننەت بىلەن ياسانغان ھالەتتە «قۇرئان كەرىم» ئوقۇسا، ئاڭلىسا بولىدۇ. ناماز ئوقۇماقچى بولسا، يات ئەرلەر كۆرىدىغان جايدا بولسا «قۇرئان» ئوقۇسۇن ياكى ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن ئەۋرەتلىرىنى، ئىچكى زىبۇزىننەتلىرىنى يۆگىشى لازىم.

يەنە ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن «قۇرئان» ئوقۇش ياكى ئاڭلاش ئولتۇرغان ھالەتتىمۇ ياتقان ھالەتتىمۇ جائىز، ئۇنىڭ ئۈچۈن يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇش ياكى قىبلىگە يۈزلىنىش كەتمەيدۇ، ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ھالىتىدە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ تۇرىدىغانلارنى: ﴿ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، يېنى ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلار، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدىغانلار﴾(3/«ئال ئىمران»: 191) دەپ مەدھىيەلىگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «ﻣﻪﻥ ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ قوﻳﺎﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ‹ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ› ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ».(1)

يەنە ئائىشە زەزىياللاھۇ ئەنھا: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەرقانداق ھالىتىدە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ تۇراتتى» دېگەن.(2)

«قۇرئان كەرىم» ئوقۇش ئۈچۈن تۈرلۈك شەرتلەرنى بېكىتىۋالغان تەقدىردە، «قۇرئان» ئوقۇش پۇرسىتىمىزنى ئازايتىۋېتىمىز، «قۇرئان» يادلاۋاتقانلارغا قىيىنلاشتۇرۇپ قويىمىز. قىيىنچىلىق بولمىغان ئەھۋالدا تولۇق كىيىنىپ، دىققىتىنى يىغىپ خۇشۇ بىلەن ئولتۇرۇپ ئوقۇش ۋە ئاڭلاش ئەدەب جەھەتتىن تېخىمۇ ئەۋزەل دېيىلسىمۇ پەرز ياكى شەرت ئەمەس.

ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن!

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 20 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2011، 22 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 199 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (297)؛ «مۇسلىم»، (301).
2. «مۇسلىم»، (373).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ