ئۆسۈمى بىلەن دىرى ئارىلىشىپ كەتكەن پۇل

ئۆسۈمى بىلەن دىرى ئارىلىشىپ كەتكەن پۇل

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن يېقىندا جامائەت فوندى پۇلۇمنى ئالغانتىم. بۇ پۇل ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ھەر ئايدا ئاز – ئازدىن تۇتۇلۇپ مېڭىپ بانكىدا ساقلىنىدۇ. يىلدىن – يىلغا ئۆسۈمى دىرىغا (ئانا پۇلغا) قوشۇلۇپ مېڭىۋېرىدۇ. مەن بۇ پۇلنى پۈتۈن قولۇمغا ئالغان ۋاقتىمدا قانچىلىك ئۆسۈم بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم. بىلسەم ئۆسۈمىنى بېرىۋېتىپ پايدىلانسام بولاتتى. مۇشۇنداق پۇللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھالال مالغا ئۆسۈمدىن ئىبارەت ھارام مال ئارىلاشقان ئەھۋالدا مالنىڭ ھەممىسى ھارام بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، سىز ھارام مالنى ئايرىپ كەمبەغەللەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق قۇتۇلىشىڭىز كېرەك.

ئەگەر ھالال مال قانچىلىك، ھارام مال قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئايرىيالىسىڭىز، ھارام دەپ قارىغان مىقدارنى ئايرىپ كەمبەغەللەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق قۇتۇلىشىڭىز كېرەك.

ئەگەر ئۆزىڭىز ئايرىيالمىىسىڭىز، بىرەر بوغالتىرنىڭ ياردىمى بىلەن مۆلچەرلەپ ئايرىۋەتسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق مۆلچەرلەش ئۇسۇلى مېۋە – چىۋە زاكىتىنى ھېسابلاش، قۇدۇقتەك جايلارغا نىجاسەت چۈشۈپ كەتكەندە سۇنى تازىلاش ۋە باشقا مەسىلىلەردە شەرىئەت ئىشلەتكەن ئۇسۇلدۇر.

ھارام دەپ قارىغان مىقدارنى ئايرىپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن قالغان مال ھالال بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 15 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2011، 18 – فېۋرال

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 164 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ