بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟4

بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! بىز بەش بالا، ئىككى ئوغۇل ئۈچ قىز. مەن ئوغۇلنىڭ ئىككىنچىسى، بالىلارنىڭ تۆتىنچىسى. ئاكام بالدۇر تۈگەپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن بىر ئوغۇل بار. كېيىن ئاتام تۈگەپ كەتتى، ئاتامدىن بىر يۈرۈش ئۆي بىلەن ئىككى تۈمەن پۇل قالغان، ئاتام تۈگىگەندە مىراس بۆلۈشمىگەن، پۇلنى ئۆيگە ۋە سىڭلىمنىڭ ئوقۇشى ۋە خىزمەت ئورۇنلىشىشىغا ئىشلەتتۇق.

بىرىنچى سوئال: بۇ قىلغىنىمىز توغرىمۇ – خاتا؟ (چوڭ ھەدەمنىڭ ئائىلىسى بار، كىچىك ھەدەم ئاجرىشىپ ئۆيدە ئىدى).

ئىككىنچى سوئال: ھازىر ئاپامنىڭ بىر ئۆيى بار، ئاتامدىن قالغاننى قوشقاندا ئىككى ئۆي بار. ئەگەر ئاپام بىزدىن بۇرۇن تۈگەپ كەتسە، بۇ مىراسلار قانداق بۆلۈنىدۇ؟ (ئاپامنىڭ ياكى ئاتامنىڭ ئاتا – ئانىسى يوق، ئاتامنىڭ ئانا بۆلەك بىر سىڭلىسى بار، ھازىر ھايات، ئاپامنىڭ ئاتا بۆلەك بىر ئىنىسى بار). بىز ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن مىراسنى ياكى بىر قىسمىنى باشقا قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆتۈنسەك بولامدۇ؟ رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاتىڭىز تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن يەرلىكىدە قويۇپ بولغاندىن كېيىن قالدۇرغان مىراس مىراسخورلار ئوتتۇرىسىدا تەقسىم قىلىنىشى كېرەك ئىدى. سىلەر تەقسىم قىلماي خاتا قىلىپسىلەر. لېكىن، بۇ ئىشنى ھېلىھەم قىلىش مۇمكىن. شۇڭا، سىلەر كېچىككەن بولساڭلارمۇ مىراسنى ئۆزئارا تەقسىم قىلىپ بىر تەرەپ قىلىۋەتمىسەڭلار بولمايدۇ.

ئۆيگە ئورتاق خەجلىگەن چىقىملارنى، بولسا سىڭلىڭىزغا سەرپ قىلغان چىقىملارنىمۇ مەيلى دەۋېتىپ ئۆزئارا رازىلىشىپ، ھازىر قولۇڭلاردا بار بولغان ئاتاڭلاردىن قالغان مىراسنى شەرئى تەقسىم قىلساڭلار بولىدۇ.

ئاتىڭىزدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان ئاكىڭىز ياكى ئۇنىڭ ئوغلى مىراسخور ئەمەس. چۈنكى، ئاكىڭىز ئاتىڭىز ۋاپات بولغاندا ھايات ئەمەس. ئاكىڭىزنىڭ ئوغلىمۇ ئاكىڭىزنىڭ ئورنىدا مىراس ئالالمايدۇ، چۈنكى سىلەر 1 – دەرىجىلىك تۇغقان بولغان 4 پەرزەنت بولغاچقا، 2 – دەرىجىلىك نەۋرە مىراس ئالالمايدۇ.

يەنە ئاتىڭىزنىڭ سىڭلىسىغىمۇ سىلەر 4 پەرزەنت بولغاچقا، مىراس تەگمەيدۇ.

دېمەك، ئاتىڭىزنىڭ مىراسخورلىرى، ئانىڭىز بىلەن 4 پەرزەنت. بۇلار بىر ئوغۇل، ئۈچ قىز. ئۇنداقتا قولۇڭلاردا قالغان مىراس مۇنداق تەقسىم قىلىنىدۇ:

ئانىڭىزغا پۈتۈن مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى. قالغىنى 5 ئۈلۈش قىلىنىپ ھەربىر قىز بىر ئۈلۈش، بىر ئوغۇل 2 ئۈلۈش، يەنى بىر ئوغۇلغا قىزنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە 4 پەرزەنتكە تەقسىم قىلىنىدۇ.

مىراس شەرئى تەقسىم قىلىنىپ ھەربىر مىراسخورنىڭ نېسىۋىسى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ھەربىر مىراسخور ئۆز نېسىۋىسىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مىراسخور بولسۇن ياكى بولمىسۇن باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۆزىنىڭ مال – مۈلكى.

ئەگەر ئاتاڭلاردىن قالغان بۇ مىراسنى تەقسىم قىلماي تۇرۇپ ئاپىڭىز سىلەردىن بۇرۇن تۈگەپ كېتىپ قالسا، ئالدى بىلەن ئاتىڭىزنىڭ مىراسىنى يۇقىرىقىدەك بىر تەقسىم قىلىۋېتىپ، ئاندىن ئاپىڭىزنىڭ بىر ئۆيى، قولىدىكى باشقا مال – مۈلۈك ھەممىسى مىراس بولۇپ، سىلەر 4 پەرزەنتكە يۇقىرىقىدەك تەقسىم قىلىنىدۇ.

ئەگەر ئاتاڭلاردىن قالغان بۇ مىراسنى تەقسىم قىلماي تۇرۇپ سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاپاڭلاردىن بۇرۇن ۋاپات بولساڭلار، ئالدى بىلەن ئاتىڭىزنىڭ مىراسىنى يۇقىرىقىدەك بىر تەقسىم قىلىۋېتىپ، ئاندىن ۋاپات بولغىنىڭلارنىڭ قالدۇرغان مىراسى مىراسخورلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 2 – زۇلقەئدە / م. 2011، 30 – سېنتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 129 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ