نىكاھ ۋە چىراي

نىكاھ ۋە چىراي

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نىكاھ ئوبيېكتىنى تاللاشتا چىرايىغا ئەھمىيەت بېرىلەمدۇ؟ بېرىلسە قايسى دەرىجىدە؟ مۇھىم ئامىللاردىنمۇ؟ ئايەت ۋە ياكى ھەدىستىن دەلىل بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

نىكاھ دېگەن ئىسلامدا ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىدىكى شەرئى رىشتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەر بىلەن ئايال بۇ نىكاھ ئارقىلىق توينىڭ مەقسەتلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى كۆزلەيدىغان شەرئى بىر جۈپ بولىدۇ.

ئادەتتە نىكاھتىن بۇرۇن جۈپتىنى تاللاش، ئاندىن ئائىلىسىگە بېرىپ توي تەكلىپى بېرىشتەك مۇقەددىمەلەر بولىدۇ، ئاندىن نىكاھ بىلەن توي بولىدۇ.

ئەر – خوتۇنلۇق رىشتىسى ئىنتايىن مەھكەم ھەم خەتىرى بار رىشتىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنداق بولۇشتا ئىنسان بۇ رىشتىگە تاللىغان جۈپتى ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك رەپىقىسى، كېلەچەكتىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسى، يەنى ئەڭ يېقىن قەدىنىسى بولىدۇ. شۇڭا، تاللىغاندا توغرا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن ئۆلچەم بويىچە تاللاش لازىم. يەنى دىيانەتلىك، گۈزەل، باي، نەسەبى ئېسىل دېگەندەك.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئايال كىشى تۆت خىسلەت ئۈچۈن نىكاھلىنىدۇ: مال – مۈلكى، نەسەبى، ھۆسن – جامالى ۋە دىيانىتى. شۇڭا، سەن دىيانەتلىك ئايالغا ئېرىشكىنكى، سائادەتلىك بولغايسەن» دېگەن.(1)

دېمەك، كىشىلەر ئۆيلەنمەكچى بولغاندا ئادەتتە ئاشۇ تۆت خىسلەتنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇلارنىڭ بىرەرسى ئۈچۈن ئۆيلىنىش جائىز، لېكىن دىيانەتلىك بولغىنى ئەڭ ئەۋزەل دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ئىككى ئايال دىيانەتتە تەڭ – باراۋەر كېلىپ قېلىپ مال – مۈلكى، نەسەبى، ھۆسن – جامالى جەھەتتە ئوخشاش بولمىسا، باي، ياكى تېگى ئېسىلى، ياكى ساھىبجامال بولغىنى تاللىنىدۇ.

دىيانەتلىك كىشىنىڭ پۈتۈن دىققىتى بارلىق ئىشلاردا بولۇپمۇ، ئۇزۇن مۇددەت بىللە ياشايدىغان جۈپتىنى تاللاشتا دىيانەتتە بولۇشى لايىقتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «… شۇڭا، سەن دىيانەتلىك ئايالغا ئېرىشكىنكى، سائادەتلىك بولغايسەن» دېگەن سۆزىمۇ دىيانەتلىك ئايالنى تاللاش ئۈچۈن بېرىلگەن كۆرسەتمىدۇر. ناۋادا ئايالنىڭ ھۆسن – جامالى ياكى بايلىقى بىلەنلا ئۆيلىنىشكە قىزىقىپ قېلىپ دىيانىتىنىڭ سۇسلۇقىغا پەرۋا قىلمىغان ئەھۋالدا نىكاھتىن كۆزلەنگەن مەقسەتلەر ۋۇجۇدقا چىقماي قالىدۇ. ئۆزى باي، ياكى ساھىبجامال بولۇپ، ئاللاھنىڭ، ئەرنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلمايدىغان، خۇيى بار، قىلىقى سەت، ئەخلاقى ناچار ئايال بولسا، ئەرنىڭ كۆڭلى قانداقمۇ خاتىرجەم بولسۇن؟ قانداقمۇ ئارام ئالالىسۇن؟ پەرزەنتلىرىنى قانداقمۇ ساغلام تەربىيەلەپ باقالىسۇن؟

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دۇنيا دېگەن ۋاقىتلىق ھالاۋەتتۇر، شۇ ھالاۋەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى سالىھە ئايالدۇر» دېگەن.(2)

سالىھە ئايالنىڭ تەرىپى بىر ھەدىستە: «قارىسا كۆڭلىنى خۇشال قىلىدىغان، بۇيرۇسا ئىتائەت قىلىدىغان، بىر يەرگە كېتىپ قالسا ئىپپىتىنى، ئەرنىڭ مال – مۈلكىنى ساقلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئامانىتىنى قوغدايدىغان» دەپ بايان قىلىنغان.(3)

ئاللاھ تائالامۇ سالىھە ئايالنى مۇنداق تەرىپلىگەن:  ﴿شۇڭا، سالىھە ئاياللار ئىتائەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ ساقلىشى بىلەن ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلايدىغانلاردۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 34).

دېمەك، سالىھە ئايال دېگەن: دىيانەتتە ياخشى، ئاللاھقا ۋە گۇناھ بولمىغان ئىشلاردا ئېرىگە ئىتائەت قىلىدىغان، ئېرىنىڭ شەرىپىنى، مال – مۈلكىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى قوغدايدىغان ئايالدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۇئمىن ئايال ئەلبەتتە، ئۇنىڭدىن ياخشىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 221) دېگەن ئايەتىمۇ دىيانەتنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر ئايالنىڭ دىيانىتى سۇس، ئىستىلى ناچار بولسا، يات ئەرلەر بىلەن خاھلىغانچە ئارىلىشىپ، تارتىشىپ يۈرۈپ، ئەر يېنىدا بار ياكى يوق چاغلاردا ئامانىتىگە خىيانەت قىلىپ ئىپپىتىنى ساقلىمايدىغان، ئەرنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان بولسا بۇنداق ئايالنىڭ ئېرى سائادەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئەكسىچە، دىيانەتلىك ئايال ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئېرىنى ئاخىرەتلىك سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشكە ياردەمچى بولىدۇ. ئېرى تائەت – ئىبادەتلەردە سۇسلۇق قىلىپ قالسا، تائەتكە ھەيدەكچى بولىدۇ، نامازغا ئويغىتىدۇ، زاكاتنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشنى ئەسكەرتىدۇ، ھالال رىزىق بىلەن ياشاشقا، ھارامدىن يىراق بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسان ساقلايدىغان ئەڭ ئەۋزەل نەرسىنىڭ قايسى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «شۈكۈر – قانائەتچان دىل، زىكىرلىق تىل، ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغان ئىشلارنى قىلىشتا ياردەم قىلىپ تۇرىدىغان مۇئمىن خوتۇن» دېگەن.(4)

ئەمدى دىيانەتلىكنى ئېلىشقا قارىتا قىلىنغان تەرغىب ھەرگىزمۇ ھۆسن – جامالنىڭ ئېتىبارى يوق، سەت بولۇشى كېرەك ياكى چىرايلىق بولسا بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، لېكىن ئىسلام مىزانىدا دىيانەت گۈزەللىككە قارىغاندا ۋەزنى ئېغىر باسىدۇ، ھۆسن – جامالى بولسا مەرتىۋە جەھەتتە دىيانەتتىن كېيىن تۇرىدۇ دېگەنلىكتۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇلارنىڭ ھۆسن – جامالى ساڭا ياراپ قالغان تەقدىردىمۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 52) دېگەن سۆزىمۇ ئاشۇنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام غەززالىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «بىز يۇقىرىدا دىيانەتلىك ئايالنى ئېلىش ھەققىدە نەقل قىلغان تەرغىبات، ئايال كىشى چىراي گۈزەللىكى ئۈچۈنلا تاللانمايدۇ، دېگەن كۆرسەتمىلەر چىراي گۈزەللىكىگە ئېتىبار بىلەن قارىما دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى بۇ دىيانىتى ناچار بولسىمۇ پەقەت چىراي گۈزەللىكىنى دەپلا خوتۇن ئېلىشتىن توسۇشتىن ئىبارەت. چۈنكى، ئادەتتە كۆپىنچە ئەھۋالدا دىيانەتكە سەل قارىلىپ، چىراي گۈزەللىكى تويغا قىزىقتۇرىدۇ».(5)

ئۇنداق بولغان ئىكەن، دىيانەتلىك ھەم چىرايلىق خوتۇن ئېلىش ئەڭ ئەۋزەل. ئەگەر ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاش كېرەك بولسا، ئەلبەتتە، دىيانەتلىكنى تاللاش مۇئەييەنلىشىدۇ. ئەگەر ئىككىسى دىيانەتتە باراۋەر كەلسە چىرايلىقراقىنى تاللاش ئەۋزەل بولىدۇ.

چىرايلىقنى ئېلىش مۇستەھەب بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارنى ئەلچى ئەۋەتىشتىن، نىكاھىغا ئېلىشتىن بۇرۇن ئالماقچى بولغان قىزغا قاراپ ئاندىن ئەلچى ئەۋەتىشنى كۆرسەتكەن، بۇ قاراشتىن مەقسەت ئايالنىڭ چىراي ۋە بەدەن گۈزەللىكىدۇر.

مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر خوتۇنغا ئەلچى سالغىنىنى ئېيتقاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭغا قاراپ باق، بۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى سۆيگۈنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى» دەپ ئۇنى ئالماقچى بولغان ئايالنى كۆرۈپ بېقىشقا بۇيرۇغان.(6)

ئايال گۈزەل بولسا ئەرنىڭ سىرتقا قاراپ قالماسلىقى، ھارام ئىش قىلىپ سالماسلىقى ئۈچۈن پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ ئالغان ئايال ھەم دىيانەتلىك ھەم چىرايلىق بولغاندا شۇنداق. لېكىن، دىيانەت ئۆلچىمىگە رىئايە قىلماي تۇرۇپ، ئالغاندىن كېيىن ئاستا – ئاستا دىيانەتلىك قىلىۋالىمەنغۇ، دېيىش بىلەن داۋاملىق كۆزلەنگەن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

ئايال گۈزەل بولسىلا ئېرىنى چوقۇم بەختلىك قىلالامدۇ؟ ناتايىن. چۈنكى، بىز جەمئىيەتتە ئاياللىرى گۈزەل نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ نادامەت چېكىپ يۈرگەنلىكىنى، ئاياللىرى ئانچە گۈزەل ئەمەس نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ خاتىرجەم يۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەرنىڭ سائادەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئايالنىڭ دىيانەتلىك بولۇشى زۆرۈر.

بۇ يەردە گۈزەللىك قارىشى ئىنتايىن مۇھىم. گۈزەللىك دېگەن بەدەن، چىراي گۈزەللىكىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئەخلاقى، تىلى، مەنىۋى گۈزەللىكىمۇ ھەم ئېتىبارغا ئېلىنىشى لازىم. ھۆسن گۈزەللىكى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقاپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما ئەخلاق گۈزەللىكى، تىل گۈزەللىكى، مەنىۋى گۈزەللىكى بولسا دىيانەتلىك ئايالدا مەڭگۈ قالىدۇ. دىيانەتلىك خوتۇن ئۆينى بىر خىل جەننەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئېرىگە، پەرزەنتلىرىگە، ئەتراپىدىكىلەرگە بەخت – سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 30 – سەفەر / م. 2011، 3 – فېۋرال

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم،  127 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————-
1. «بۇخارىي»، (5090).
2. «مۇسلىم»، (1467).
3. «ئەبۇ داۋۇد»، (1664). ئالبانىي «زەئىف» دېگەن.
4. «تىرمىزىي»، (3094). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
5. غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 2/28.
6. «تىرمىزىي»، (1087). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ