زىنادىن ئەر – ئايال ئوتتۇرسىدىكى نىكاھقا تەسىر يېتىش مەسىلىسى

زىنادىن ئەر – ئايال ئوتتۇرسىدىكى نىكاھقا تەسىر يېتىش مەسىلىسى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئېرى بار ئايال زىنا قىلسا، نىكاھقا تەسىر يېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

زىنا قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنى قىلىپ سالغان كىشى قاتتىق تەۋبە قىلىپ ئۇندىن كېيىن زىنادىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئەگەر ئايال زىنا قىلغان بولسا، نەسەب ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر ھەيز ئىددەت تۇتۇۋېتىشى لازىم. تەۋبە قىلسا، ئېرى خاھلىسا ئۇنى تالاق قىلىدۇ، خاھلىسا ئەمرىدە ساقلايدۇ. تەۋبە قىلماي، يەنىلا قىلغۇلۇقىنى قىلىپ يۈرۈۋەرسە، نەسەب بىلەن ئىززەت – نومۇسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئېرى ئۇنى تالاق قىلىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ.

لېكىن، مەيلى ئايالى مەيلى ئېرى زىنا قىلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ نىكاھىغا تەسىر يەتمەيدۇ، نىكاھتىن ئاجراپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، ھارام ئىش ھالالنى ھارام قىلىۋېتەلمەيدۇ.

ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئېيتىدۇ: ﴿خوتۇنلىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىسى بولمىغانلار ئۆزىنىڭ راستچىللاردىن ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم گۇۋاھلىق بەرسۇن﴾(24/«نۇر»: 6).

ئىكرىمە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ھىلال ئىبنى ئۇمەييە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا ئايالىنى شەرىك ئىبنى سەھماﺋ بىلەن قارىلىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ:

— بۇ سۆزۈڭگە قارىتا ئىسپات كەلتۈرىسەن، بولمىسا، ئۇچاڭغا بەلگىلەنگەن دەررە ئۇرۇلىدۇ، — دېگەندە ئۇ ئادەم:

— يارەسۇلەللاھ! بىرىمىز ئايالى ئۈستىدە بىر ئادەمنى كۆرسە، ئىسپات ئىزدەپ يۈرەمدۇ؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئىسپات كەلتۈر بولمىسا، ئۇچاڭغا بەلگىلەنگەن دەررە ئۇرۇلىدۇ، — دەپ تۇرۇۋەردى. ھىلال ئىبنى ئۇمەييە:

— سىلىنى ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، مەن ھەقىقەتەن راستچىلمەن، ئاللاھ جەزمەن مېنى جازادىن ئاقلايدىغان ئايەت چۈشۈرمەي قالمايدۇ، — دېۋىدى، شۇ چاغدىلا جىبرىل چۈشۈپ، رەسۇلۇللاھقا:  ﴿خوتۇنلىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىسى بولمىغانلار ئۆزىنىڭ راستچىللاردىن ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم گۇۋاھلىق بەرسۇن﴾(24/«نۇر»: 6) دېگەن ئايەتنى ئاخىرىغىچە ئوقۇپ بەردى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ قايتىپ كېتىپ ئۇ ئايالغا ئادەم ئەۋەتتى، ئاندىن ھىلال كېلىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ بىرىڭلارنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ. شۇڭا، سىلەردىن تەۋبە قىلغۇچى بارمۇ؟» دەپ سوراپ تۇردى. ئاندىن كېيىن ئۇ ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، بەشىنچى قېتىمغا كەلگەندە جامائەت ئۇنى توختىتىپ تۇرۇپ: «بۇ قاتتىق ئازابنى ۋاجىب قىلىدىغان گۇۋاھلىق» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشتى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇ: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئىككىلىنىپ جىم تۇرۇۋالغان ئىدى، بىز ئۇنى يېنىۋالىدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ قالدۇق، كېيىن ئۇ: (قەۋمى جەمەتىمنى تا ئەبەدكىچە رەسۋا قىلمايمەن) دەپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈۋەردى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: «تۇغقان بالىسىغا قاراپ بېقىڭلار! ئەگەر ئۇ بالا كۆزى سۈرمە تارتىلغاندەك قارا، ئىككى كاسىسى ۋە پاچاقلىرى يوغان بولسا، ئۇ شەرىك ئىبنى سەھمائنىڭدۇر» دېدى. كېيىن ئۇ ئايال بالىسىنى ئاشۇ سۈپەتتە تۇغۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ناۋادا ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ھۆكۈم بېكىتىلىپ بولمىغان بولسا، ئۇ ئايال بىلەن باشقىچە ئىشىم بولغان بولاتتى» دېدى.(1)

يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىستىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايال زىنا قىلىشى بىلەنلا نىكاھتىن ئاجراپ كەتمىگەن. ئەر ئايالىنى قارىلىغان، ئىسپات كەلتۈرەلمىگەن ئەھۋالدا لەنەتلىشىش ئارقىلىق ئاندىن بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن.

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «ئايالى ياكى ئېرى زىنا قىلىپ قالسا، بۇ زىنا ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىپ بىرگە بولۇشتىن بۇرۇن بولغان بولسۇن ياكى كېيىن بولغان بولسۇن بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، نىكاھ بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ».(2)

ئىمام ماۋەردى ئېيتىدۇ: «بىر ئەرنىڭ ئايالى زىنا قىلغان بولسا، ئىمام شافىئىي بىلەن كۆپچىلىك فۇقاھائلارنىڭ قارىشىدا: نىكاھ ساغلام تۇرىۋېرىدۇ، زىنا تۈپەيلىدىن بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ».(3)

ئەلبەتتە، ئەگەر بۇ زىنا جىنايىتى شەرئى يول بىلەن قازىنىڭ ياكى ھاكىمنىڭ ئالدىدا ئىسپاتلىنىپ قالغان ئەھۋالدا چالما – كېسەك قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئەگەر ئەھۋال ئۇ يەرگە بارمىغان بولسا، زىنا قىلغان كىشى ئۆزىنى رەسۋا قىلماي ھەقىقىي تەۋبە قىلىپ، بۇندىن كېيىن قەتئىي تەكرارلاپ سالماسلىققا تىرىشىشى لازىم. چۈنكى، زىنا دېگەن شەخسكە، ئائىلىگە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتكە تەسىرى يامان ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 12 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 15 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم،  122 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. «بۇخارىي»، (4747).
2. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 7/108.
3. ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»، 9/190.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ