ئەر كىشىنىڭ ئىددەت تۇتۇشى

ئەر كىشىنىڭ ئىددەت تۇتۇشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تۆت خوتۇنى بار كىشى ھەممىسى بىلەن ئاجرىشىپ، بەشىنچى خوتۇننى ئېلىش ئۈچۈن ئىددەت تۇتامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەر كىشى بىرقانچە ئەھۋالدا ئىددەت تۇتىدۇ:

1. تۆت خوتۇنى بار كىشى تۆت خوتۇنىنى ياكى بىرىنى رەجئى تالاق(1) قىلغان ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ ئىددىتى توشۇپ، تولۇق ئاجراپ بولغۇچە باشقا خوتۇن ئالالمايدۇ. يەنى ئىددەت تۇتىدۇ.

ئەگەر ئايالىنىڭ ئىددىتى توشۇپ بولغۇچە ئايالىنى ئەمرىگە قايتۇرۇۋالسا، باشقا ئايال ئالالمايدۇ.

2. ئايالىنى رەجئى تالاق قىلىپ ئايالىنىڭ ھەمشىرىسى ياكى ھاممىسى ياكى جىيەنىنى ئالماقچى بولسا، تالاق قىلغان ئايالىنىڭ ئىددىتى توشقۇچە كۈتۈپ تۇرىدۇ. يەنى ئىددەت تۇتىدۇ.

ئەگەر ئايالىنىڭ ئىددىتى توشۇپ بولغۇچە ئايالىنى ئەمرىگە قايتۇرۇۋالسا، ئايالىنىڭ يۇقىرىقى تۇغقانلىرىنى ئالالمايدۇ.

بۇنداق بولۇشى رەجئى تالاق قىلىنغان ئايال تاكى ئىددىتى توشقانغا قەدەر ئەرنىڭ ئەمرىدە بولغان بولىدۇ، شەرئى جەھەتتىن بەش ئايالنى بىر ۋاقىتتا ئەمرىگە ئېلىش ياكى بىر ئايال بىلەن بىللە نىكاھلىنالمايدىغان ئايالنى ئەمرىدە جەملەش جائىز بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 16 – شەئبان / م. 2011، 17 – ئىيۇل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 104 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————
1. رەجئى تالاق – بىر ياستۇقتا باش قويغان ئايالىنى بىر ياكى ئىككى قېتىم قىلغان تالاق بولۇپ، ئەر خاھلىسا ئىددىتى توشقىچە ئۇنى ئەمرىگە قايتۇرۇۋالالايدۇ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ