شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنى كۈن ئاتلىتىپ تۇتۇش

شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنى كۈن ئاتلىتىپ تۇتۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن تۇتۇلىدىغان روزىنى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى كۈن ئاتلىتىپ تۇتسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن كاتتىدۇر، ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى رامازاندا روزا تۇتۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈننى ئەگەشتۈرۈپ تۇتىدىكەن، بۇ پۈتۈن بىر يىل (بىر ئۆمۈر) روزا تۇتقانغا ئوخشاش» دېگەن.(1)

بۇنداق بولۇشتا ھەربىر ياخشى ئەمەلنىڭ مۇكاپاتى ئون ھەسسە بولغاچقا، رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇش ئون ئاي روزا تۇتقان بىلەن باراۋەر، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش ئاتمىش كۈن، يەنى ئىككى ئاي روزا تۇتقان بىلەن باراۋەر، بۇلارنى جەملىسەك ئون ئىككى ئاي بولىدۇ.

شەۋۋال ئېيىدا تۇتماقچى بولغان ئالتە كۈن روزىنى ئاينىڭ بېشىدىلا تېزرەك تۇتۇۋېلىش مۇستەھەب، ئالدىراپ تۇتقاندا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن تارتىپ تۇتۇشقا باشلىسا بولىدۇ. ئاينىڭ ئوتتۇرىغا ياكى ئاخىرىغا كېچىكتۈرسە جائىز.

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «ئالتە كۈن روزىنى شەۋۋالنىڭ بېشىدىلا ئارقا – ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتۇۋېتىش مۇستەھەب، ئەگەر ئاينىڭ بېشىدىن كېچىكتۈرسە جائىز بولۇپ، ھەدىسنىڭ مۇتلەق ھەم ئومۇم لەۋزىگە ئاساسەن بۇ سۈننەتنى ئادا قىلغان بولىدۇ».(2)

ئالتە كۈن روزىنى ئارقا – ئارقىدىن تۇتسىمۇ بولىدۇ، شەۋۋال ئېيىنىڭ باش تەرىپىدە تۇتسىمۇ، ئوتتۇرىسىدا تۇتسىمۇ، ئاخىرىدا تۇتسىمۇ بولىدۇ. كۈن ئاتلاپ ئايرىم – ئايرىم تۇتسىمۇ بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «بۇ روزىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ياكى ئايرىم – ئايرىم بولۇشىنىڭ، ئاينىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا بولۇشىنىڭ پەرقى يوق، چۈنكى ھەدىس بەلگىلىمەي مۇتلەق كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ روزىنىڭ پەزىلىتى رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇش بىلەن بىللە قوشۇلۇپ 36 كۈن بولغانلىقىدىن، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسە بولىدىغان بولغاچقا، نەتىجىدە، ھەممىسى 360 كۈن بولغان بولىدۇ. بۇ تولۇق بىر يىلدۇر. بۇ ئەھۋال ھەر يىلى تەكرارلانسا، بىر ئۆمۈر تولۇق روزا تۇتقان بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئايرىم – ئايرىم روزا تۇتقان ئەھۋالدىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم».(3)

ئەگەر بۇرۇنقى رامازان روزىلىرىدىن تۇتىدىغان قازا روزىسى بارلار بولسا، ئالدى بىلەن رامازاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇۋېتىپ ئاندىن كېيىن ئالتە كۈن روزىنى تۇتۇش لازىم. ئەگەر رامازاننىڭ قازاسىنى تۇتماي ئالتە كۈن روزا تۇتسا، پەرزنى تاشلاپ قويۇپ مۇستەھەبنى قىلغان بولىدۇ، يەنە ئۇنىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى يۇقىرىقى ھەدىستە: «رامازاندا روزا تۇتۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈننى ئەگەشتۈرۈپ تۇتىدىكەن» دېگەن بولغاچقا، رامازان روزىسىنى تولۇق تۇتقاندىن كېيىن ئارقىدىن بۇ ئالتە كۈن روزىنى تۇتقاندىلا ئاندىن ھەدىستىكى پەزىلەتكە ئېرىشەلەيدۇ. رامازاننى تولۇق تۇتماي ئالتە كۈن روزا تۇتسا، بۇ يۇقىرىقى ھەدىسكە چۈشمەيدۇ. يەنە ئاللاھنىڭ قەرزى ئادا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، نەفلە روزا تۇتقان ساۋابى بولىدۇ.

ئەگەر قازا روزىلىرى كۆپ بولغاچقا، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتالماستىن شەۋۋال ئېيى چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۆزرىسى بولغانلىقتىن شەۋۋال ئېيىدىن كېيىن ئالتە كۈن روزا تۇتسا بولىدۇ. بەزىدە ئايال كىشى تۇغۇتلۇق ياكى باشقا ئەھۋاللاردا بۇنىڭغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 15 – شەۋۋال / م. 2011، 13 – سېنتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 87 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————–
1. «مۇسلىم»، (1164).
2. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/379.
3. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 4/440.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ