ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىگە زاكات بېرىش

ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىگە زاكات بېرىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىگە زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئالىملار ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە زاكات كېلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ دەپ بىرقانچە كۆزقاراشلاردا بولغان.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى زاكات بېرىش بايلىق ئۆلچىمىگە (85 گرام ئالتۇنغا) يەتسە، بىر يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن زاكات بېرىشى ۋاجىب دەپ قارايدۇ.(1)

بۇ قاراش يەنە ھەزرىتى ئائىشە، ئۆمەر، ئوغلى ئابدۇللاھ، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ قارىشىدۇر. شۇنداقلا ھەزرىتى سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئەتاﺋ، مۇجاھىد، زۇھرىي، سەۋرىي، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە ئىمام ئەۋزائىي، ئىمام ئىبنى ھەزم قاتارلىق بىر تۈركۈم تابىئىن ۋە مۇجتەھىدلەردىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر.(2)

بۇ ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن ئىككى قاراشنىڭ بىرىدۇر. ئىمام ئەھمەدتىنمۇ كەلگەن بىر قاراشتۇر.(3)

بۇ ئالىملارنىڭ ئاساسلانغان دەلىللىرى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى ئالتۇندا زاكاتنىڭ پەرزلىكىگە كەلگەن دەلىللەرنىڭ ئومۇملۇقىدۇر، يەنە زىبۇزىننەتكە خاس كەلگەن بەزى ھەدىسلەردۇر. ئومۇم كەلگەن دەلىللەردىن مەسىلەن:

﴿ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە ئۇ بايلىقلار جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقىنىڭلار، يىغقىنىڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ﴾(9/«تەۋبە»: 34، 35)

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بەش ئۇقىييەدىن تۆۋەن (كۈمۈش) گە زاكات يوق. بەش تۆگىدىن ئاز مالغا زاكات يوق، بەش ۋەسەق (4) كە يەتمىگەن ھوسۇلدا ئۆشرە يوق» دېگەن..(5)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھ ئاتا قىلغان پۇل – مېلىنىڭ زاكىتىنى بەرمىسە، ئۇنىڭ پۇل – مېلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئىككى جاۋىغىيىدا كۆپۈك ئۆرلەپ تۇرغان بىر چوڭ تاز يىلاننىڭ شەكلىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنى چىرمىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئىككى قوۋۇزىنى قاماپ تۇرۇپ، مەن سېنىڭ پۇل – مېلىڭ، مەن سېنىڭ يىغقان دەپىنە – دۇنيايىڭ، دەيدۇ» دېدى، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەننى سەرپ قىلماي بېخىللىق قىلىدىغانلار، ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، ئەكسىچە، بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر، قىلىدىغان بارلىق ئەمەللىرىڭلاردىن ئاللاھ خەۋەرداردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 180)(6)

يەنە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتىدە مۇنداق كەلگەن: «بىرەر خەزىنىنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرمەيدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خەزىنە زەھىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بېشىنىڭ قاسرىقى چۈشۈپ كەتكەن ئەركەك يىلانغا ئايلىنىپ، ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، ئۇنى قوغلايدۇ، ئۇ قاچىدۇ، يىلان: «كۆمۈپ قويغان خەزىنەڭنى ئېلىۋال، ماڭا كېرەك ئەمەس» دەپ توۋلايدۇ. خەزىنىنىڭ ئىگىسى يىلاندىن قۇتۇلالماي، قولىنى يىلاننىڭ ئاغزىغا تىقىدۇ، يىلان ئۇنىڭ قولىنى خۇددى ھايۋان چۆپنى پاراسلىتىپ چاينىغاندەك چاينايدۇ».(7)

زىبۇزىننەتكە خاس كەلگەن دەلىللەردىن مەسىلەن، ئىككى ئايال كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا ئىككى قوللىرىدا ئالتۇن بىلەزۈك بار ھالەتتە كەلگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا:

— جانابىي ئاللاھ سىلەرگە قىيامەت كۈنى ئوتتىن بىلەزۈك سېلىشىنى ياقتۇرامسىلەر؟ — دەپ سورىغان، ئۇلار:

— ياق— دېگەندىن كېيىن ئۇلارغا:

— ئۇنداقتا قوللىرىڭلاردىكى بۇ ئالتۇننىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار — دېگەن.(8)

ئابدۇللاھ ئىبنى شەدداد ئىبنى ئەلھاد مۇنداق دېگەن: بىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭكىگە كىرگەن ئىدۇق، ئۇ مۇنداق سۆزلەپ بەردى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قېشىمغا كىرىپ، قولۇمدىكى چوڭ – چوڭ كۈمۈش ئۈزۈكلەرنى كۆرۈپ:

— ئى ئائىشە! بۇ نېمە؟ — دەپ سورىدى. مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن بۇلارنى ئۆزلىرىگە زىننەتلىنىش ئۈچۈن ياساتتىم، — دېسەم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— بۇلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلامسىز؟ — دەپ سورىدى، مەن:

— ياق (ياكى شۇنداقراق بىر سۆز) — دېسەم:

— ئوتتىن بۇ سىزگە يېتەرلىك، – دېدى.(9)

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، مەن ئالتۇندىن زىبۇزىننەت تاقىۋالغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— يارەسۇلەللاھ! بۇ سەرپ قىلماي توپلىۋالغان بايلىق بولامدۇ؟ — دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:

— زاكات بېرىدىغان ئۆلچەمگە يېتىپ زاكىتى بېرىلگەن بولسا سەرپ قىلماي توپلىۋالغان بايلىق بولمايدۇ — دېدى.(10)

ئەسماﺋ بىنتى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاممام بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۇزۇرىغا كىرگەن ئىدىم، ھاممامنىڭ قولىدا ئالتۇن بىلەزۈكلەر بار ئىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنىڭ زاكىتىنى بېرەمسىلەر؟ دەپ سورىۋىدى، بىز:

— ياق — دېسەك، رەسۇلۇللاھ:

— ئاللاھ سىلەرگە ئوتتىن بىلەزۈك سېلىپ قويۇشتىن قورقمامسىلەر؟ ئۇنىڭ زاكىتىنى بېرىڭلار — دېدى».(11)

باشقا بىر تۈركۈم ئالىملار زاكات كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان. مەسىلەن:

ئىمام مالىك ھەزرەتلىرى زىبۇزىننەتنى تىجارەتكە ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياكى قىزىمنى چىقارغاندا ئىشلىتەرمەن دەپ ئەمەس، ئۆزى ئىشلىتىشكە تەييارلىغان بولسا نەقەدەر كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ زاكات بېرىش ۋاجىب ئەمەس، دەپ قارىغان.(12)

ئىمام شافىئىي ھەزرەتلىرىدىن كەلگەن ئىككى قاراشنىڭ سەھىھرەكىدە ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرى ئىسراپ دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ھالەتتە نورمال بولۇپ، ئۇنى ئايال كىشى ئۆزى سېلىپ ئىشلىتىشكە تەييارلىغان بولسا، ئۇنىڭغا زاكات بېرىش ۋاجىب ئەمەس دەپ، يۇقىرىقىدەك ھەدىسلەرنى ئىسراپ قىلغان ئەھۋاللاردا كەلگەن، دەپ قارىغان.(13)

ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ ئىشلىتىشكە تەييارلانغان زىبۇزىننەتكە زاكات كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان.(14)

بۇ قاراش جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ، ئائىشە، ئىبنى ئۆمەر، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان، شۇنداقلا  شەئبىي، ھەسەن بەسرىي، قەتادە، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ ئەبۇ سەۋر ۋە ئەبۇ ئۇبەيد قاتارلىق تابىئىين ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ قارىشىدۇر.

ئىمام شەۋكانىي، ئىمام قەرەداۋىي قاتارلىق بەزى ئالىملار مۇشۇ قاراشنى دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك دەپ تەرجىھ قىلغان.(15)

بۇ قاراشنىڭ دەلىلى: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: « زىبۇزىننەتتە زاكات يوق» دېگەن. لېكىن، بۇ ھەدىسنى مۇھەددىسلەر: «باتىل، ئەسلى يوق» دېگەن.(16)

ئىمام بەيھەقىي رىۋايەت قىلىشىچە، ھەزرىتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئاياللارنىڭ زىبۇزىننەتلىرىگە زاكات بېرىش كېرەكمۇ؟ دەپ سورالغان، ئۇ: «ياق» دېگەن، بەزىلەر ئۇنىڭدىن: مىڭ تىللاغا يەتسىمۇ زاكات كەلمەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ھەزرىتى جابىر: «ئۇنىڭدىن كۆپ بولسىمۇ زاكات كەلمەيدۇ» دېگەن.(17)

يەنە ئىمام بەيھەقىينىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ قىزى ئەسماﺋ خېنىم قىزلىرىغا ئەللىك مىڭ تىللاغا يېقىن ئالتۇن بىلەن زىبۇزىننەت ئېلىپ ئۇلارنى بېزىگەن، ئۇنىڭغا زاكات بەرمىگەن.(18)

يەنە ئىمام مالىك رىۋايەت قىلىشىچە، ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاكىسىنىڭ يېتىم قىزلىرىدىن خەبەر ئالاتتى، ئۇلارنىڭ ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرى بار ئىدى، ھەزرىتى ئائىشە ئۇلارنىڭ زىننەتلىرىگە زاكات بەرمىگەن.(19)

دېمەك، بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ياكى سەھىھ ئەمەسلىكىدە، شۇنداقلا سەھىھ بولغان تەقدىردە، نېمىگە دالالەت قىلىدىغانلىقىدا ئالىملار بىرلىككە كېلەلمىگەن. ئېنىق ۋە سەھىھ ھەدىس كەلمىگەنلىكتىن ساھابەلەرنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىغا قاراپ ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان.(20)

مېنىڭچە، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشى تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىن، ئەڭ خاتىرجەم قاراش بولۇپ، بۇنىڭغا ئەمەل قىلغان تەقدىردە، ھېچقانداق مالامەتكە دۇچار قالمايدۇ. ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن شەيخ بىننى باز، شەيخ ئۇسەيمىن ۋە بىننى جىبرىن قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتماقتا.(21)

ئىمام شافىئىينىڭ قارىشى دەلىللەرنى مۇۋاپىق جەملەشتە ئەڭ ئوتتۇرا قاراش دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاياللارنىڭ نورمال زىننەتلىرىگە زاكات كەلمەيدۇ دېيىش بىلەن بىرگە ئىسراپ قىلىشنى، ئالتۇننى بېسىپ يېتىۋېلىشنى چەكلەيدۇ. ھازىرقى ئالىملار مۇشۇ قاراشنى تاللاپ پەتۋا بەرمەكتە. پېقىرمۇ ئىلگىرى مۇشۇ قاراش بويىچە پەتۋا بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدىم، كېيىنكى يىللاردا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشىنى كۈچلۈك دەپ قاراپ زاكات كېلىدۇ دەپ پەتۋا بېرىدىغان بولدۇم.

چۈنكى، زاكات كېلىدۇ دەپ قارىغان ئالىملار دەلىل قىلغان ئومۇم دەلىللەر بىلەن بىرگە ئۇلار دەلىل قىلغان خاس ھەدىسلەرنى مۆتىۋەر ھەدىسشۇناس ئىماملار سەھىھ ۋە ھەسەن دېگەن. قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ بىرەر سەھىھ ھەدىستىن دەلىلى بولماستىن، پەقەتلا ساھابەلەرنىڭ قاراشلىرىغا تايانغان، يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك ساھابەلەر بۇ مەسىلىدە ئىككى قاراشتا بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قارىشى بۇ مەسىلىنى كېسىپ بىر تەرەپ قىلىشتا ئاساس بولالمايدۇ. قارشى تەرەپتىكىلەر قىياستىن دەلىل كەلتۈرگەن بولسىمۇ يۇقىرىقى سەھىھ ۋە ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىسلەرنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ قىياسى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 3 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 7 – ئاپرېل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 85 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————
1. مەرغىنانىي/ ئىبنۇلھۇمام: «ئەلھىدايە/ فەتھۇل قەدىر»، 2/216 – 217؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 2/17.
2. ئەبۇ ئۇبەيد: «ئەلئەمۋال»، 1/537 – 539. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/183؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/322؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/24؛ سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 2/135 – 136؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 6/80.
3. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 2/41 نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/24 ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/322.
4. بىر ۋەسەق: 122.5 كىلوگرامغا باراۋەر. بەش ۋەسەق 612.5 كىلوگرامغا باراۋەردۇر.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1405)؛ «مۇسلىم»، (979).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1403)؛ «مۇسلىم»، (987).
7. «مۇسلىم»، (988).
8. «ئەھمەد»، (6901)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (1563)؛ «نەسائىي»، (2258). يەھيا ئىبنى قەتتان: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن. ئىمام نەۋەۋىي: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن. قاراڭ: زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 2/369؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/25.
9. «ئەبۇ داۋۇد»، (1565)؛ «ئەلمۇستەدرەك»، (1437). ھاكىم ۋە ئىبنى ھەجەر قاتارلىق ئالىملار: «بۇ ھەدىس سەھىھ شەرتىگە چۈشىدۇ» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن. قاراڭ: زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»،2/37؛ ئىبنى ھەجەر: «تەلخىيسۇل ھەبىير»، 1/178.
10. «ئەبۇ داۋۇد»، (1564)؛ «ئەلمۇستەدرەك»، (1438). ھاكىم: «بۇ ھەدىس سەھىھ شەرتىگە چۈشىدۇ» دېگەن. يەھيا ئىبنى ئەلقەتتان بىلەن موللا ئەلى قارىيلار: «سەھىھ» دېگەن. ئىمام نەۋەۋىي: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن. قاراڭ: زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»،2/371؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/26؛ موللا ئەلى قارىي: «مىرقاتۇلمەفاتىيھ»، 4/277.
11. «ئەھمەد»، (27655)؛ تەبارانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (431). مۇنزىرىي («ئەتتەرغىيب ۋەتتەرھىيب»، 2/115) بىلەن ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد»، 3/67): «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
12. ئىمام مالىك: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 2/254؛ ئىبنى جۇزەي: «ئەلقەۋانىينۇل فىقھىييە»، 1/69.
13. ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»، 3/272؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/29.
14. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/322.
15. شەۋكانىي: «ئەسسەيلۇل جەررار»، 2/21؛ ئىمام قەرەداۋىي: «فىقھۇززاكات»، 1/317 – 330.
16. زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»،2/374؛ ئالبانىي: «ئەلئىرۋاﺋ»، 3/294.
17. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (7330).
18. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (7333).
19. «مالىك»، (586).
20. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/183؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 6/80.
21. «فتاوى النساء» 8 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ