قەرز ئېلىپ سېتىۋالغان ماشىنىدا تاپقان پۇلنىڭ زاكىتى

قەرز ئېلىپ سېتىۋالغان ماشىنىدا تاپقان پۇلنىڭ زاكىتى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن بانكىدىن قەرز ئېلىپ چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىسى سېتىۋالغان ئىدىم. بۇ ماشىنىدا تاپقان پۇلغا زاكات ئايرىيمەنمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئالدى بىلەن ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم: بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش جازانە بولىدۇ. بۇنىڭدىن تەۋبە قىلىش ھەم بۇ مۇئامىلىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئۈزۈش لازىم.

بۇ ماشىنا بىلەن كىرا قىلىپ تاپقان پۇل قولىڭىزدىكى باشقا ئىقتىساد ۋە ئالىدىغان قەرزلەرنى قوشۇپ بانكىغا ۋە باشقىلارغا بېرىدىغان قەرزلەرنى چىقىرىۋېتىپ، زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، ئاندىن %2.5 مىقداردا زاكات بېرىسىز.

زاكات كېلىدىغان ئۆلچەم 85 گرام ئالتۇن قىممىتىدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 8. 1

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 77 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ