زېمىن ساتقان پۇلغا كېلىدىغان زاكات مىقدارى

زېمىن ساتقان پۇلغا كېلىدىغان زاكات مىقدارى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن يېقىندا تېرىلغۇ زېمىن ساتقان ئىدىم. زېمىنىمنى ئالغان ئادەم مۇسۇلمان. ئۇ ئادەم مەندىن ئالغان زېمىنغا قۇرۇلۇش قىلماقچىكەن. سورىماقچى بولغان سوئالىم:

1. شەرىئەتتە زېمىن سودىسىنىڭ ھۆكمى قانداق؟

2. زېمىن ساتقان پۇلغا ئۆشرە كېلەمدۇ ياكى زاكاتمۇ؟ يەنى، ئوندىن بىرىنى ئايرىمدىم ياكى قىرىقتىن بىرىنىمۇ؟

3. تېرىلغۇ زېمىن بىلەن ئولتۇراق ئۆي سېتىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا زاكات پەرقى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

1. شەرىئەتتە زېمىن سودىسى مۇباھ، ئاللاھ تائالا ئېلىم – سېتىمنى ھالال، جازانىنى ھارام قىلغان. بۇنىڭدا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق.

2. زېمىن ساتقان پۇلغا قىرىقتىن بىر زاكات كېلىدۇ. ئۆشرە كەلمەيدۇ. زېمىن ساتقان پۇلنى قولىڭىزدىكى باشقا ئىقتىسادقا قېتىپ %2.5 مىقداردا زاكات ئايرىيسىز.

3. تېرىلغۇ زېمىن بىلەن ئولتۇراق ئۆي سېتىش ئوتتۇرىسىدا زاكات جەھەتتىن پەرق يوق.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 8. 1

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 76 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ