اكات پۇلنى دىنىي ئەسەرلەرنى نەشر قىلىشقا ئىشلىتىش

زاكات پۇلنى دىنىي ئەسەرلەرنى نەشر قىلىشقا ئىشلىتىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىمايدۇ. دىنىي ئەسەرلەرنى پۇلسىز تارقىتىدىغان ئورگانلار يوق. زاكات پۇلغا دىنىي ئەسەرلەرنى نەشر قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

زاكات سەرپ قىلىنىدىغان ئورۇنلار سەككىز بولۇپ، بۇنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېنىق قىلىپ بەلگىلىۋەتكەن.

[زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، ئۇنى يىغىدىغان خادىملارغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا ۋە ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر].(1)

بۇ سەككىز ئورۇننىڭ بىرى، ئاللاھنىڭ يولى بولۇپ، قەدىمكىلەردىن بەزى فۇقاھالار ۋە يەنە ھازىرقى زاماندىكى خېلى كۆپ ئالىملار بۇنى كەڭ مەنىدە چۈشىنىپ، بۇنىڭ ئىچىگە ئىسلام تەشۋىقاتى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىرىدۇ، دەپ قارىغان.

ئەسلىدە بۇ مەسىلە قەدىمدىن تارتىپ فۇقاھالار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، دەۋرىمىزدىكى ئىسلام تەشۋىقاتى دائىرىسىدىكى ئالاھىدە ئېھتىياج بۇ مەسىلىنى خۇددى يېڭى ئىجتىھاد تەلەپ قىلىدىغان يېڭى مەسىلىلەر قاتارىدا قىلىپ قويغان.

مەسىلەن، ھازىرقى زامان تونۇلغان ئالىملاردىن ئىمام قەرداۋى، مەرھۇم شەيخ بىننى باز، مەرھۇم شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئالىششەيخ، شەيخ ئىبنى جىبرىن قاتارلىق ئالىملار زاكاتنى ئومۇم ئىسلام تەشۋىقاتى ساھەلىرىگە ئىشلىتىشنى جائىز، دەپ قارىغان.(2)

«ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى» غا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرىلەشكەندىن كېيىن كۆپچىلىك ئەزالىرىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرگەن: «ئاللاھ تائالاغا دەۋەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ياردىمى بولىدىغان ئىشلار ئايەتى كەرىمەدىكى «ئاللاھنىڭ يولى» دائىرىسىگە كىرىدۇ. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى»نىڭ بۇ قارىشى بەزى ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ، بەزى مەزھەپ فۇقاھالىرىنىڭ، شۇنداقلا كۆپلىكەن ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ تاللىشىدۇر».(3)

دىيارىمىزدا كىتاب ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان دىنىي ماتېرىياللارنى نەشر قىلىشقا، قۇرئان ۋە ئىسلام بىلىملىرىنى ئوقۇتۇشقا ئادەتتىكى سەدىقە بىلەن ياردەم پۇللار يېتىشمەيدىغان بولغاچقا، زاكات پۇلنى يۇقىرىقىدەك ئىشلارغا ئىشلەتسە بولىدۇ، چۈنكى ئىسلام تەشۋىقاتى بىلەن مۇسۇلمانلار كىملىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ، بۇمۇ ئاللاھنىڭ يولىنىڭ بىر تۈرىدۇر. چۈنكى، ئاللاھنىڭ يولى دېگەن ئاللاھ تائالا «فۇرقان» سۈرىسى 52 – ئايەتتە بايان قىلغاندەك بەزىدە تىل بىلەن بەزىدە قەلەم بىلەنمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ يولى دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا زاكاتتىن سەرپ قىلىنىدىغان بولغاچقا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا سەرپ قىلىش ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم.

ھازىرقى دەۋردە ئىسلام تەشۋىقاتى ئۆز غايىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن ماددىي ياردەمگە موھتاج بولۇپ، خەير – ساخاۋەتچىلەرنىڭ قىلغان ياردىمى يېتەرلىك بولماي قېلىۋاتىدۇ.

بىزنىڭ دىيارىمىزغا قارىتا تاللىغان بۇ قاراش «ئاللاھنىڭ يولى» دېگەن سۆزنىڭ تىل دالالەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن، شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەت – نىشانلارغا ماس كېلىدىغان قاراشتۇر.

سەدىقە – ئېھسان، ۋەخپە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان مال – مۈلۈك ئىسلام تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئېشىپ – تېشىپ تۇرىدىغان دىيارلاردا زاكاتنى بۇنداق ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، مۇسۇلمانلار ئاز سانلىقنى ئىگىلەيدىغان، ئاجىز، مۇسۇلماندارچىلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان، ئاسسىمىلياتسىيە خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان دۇنيادىكى نۇرغۇن دىيارلاردا زاكات پۇلنى ئىسلام تەشۋىقاتىغا ئىشلىتىش، ئىسلامىيەتنى قوغداش، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش، ئىسلام چىرىغىنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولماقتا.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 8. 18

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 71 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————
1. «تەۋبە» سۈرىسى، 60 – ئايەت.
2. «فقه الزكاة»، 2/701 – 714 «الفتاوى الشرعية» ئىبنى جىبرىن 270 – 273 – بەتلەر. ۋە يەنە يۇقىرىقى ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرىغا قارالسۇن.
3. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى»نىڭ 1405/4/27 – 1405/5/8 – كۈنلىرى ئارىلىقىدا مەككە مۇكەررەمەدە ئاچقان 8 – قېتىملىق يىغىنى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ