ھەيزدارلارنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇشى

ھەيزدارلارنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاياللار ھەيزدار ھالەتتە «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇسا بولمايدۇ. ئۇنداقتا ھەيزدار ھالەتتە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇسا بولامدۇ؟ بۇ يەردىكى بەزى ئۇستازلار پەتۋا بېرىپ: ھەيزدار تەرجىمە قۇرئان ئوقۇسىمۇ، ھەتتا بىسمىللا دېسىمۇ، ئايەتنىڭ ئەرەبچىسىنى كۆڭلىدە ئويلىسىمۇ بولمايدۇ دېدى. بەزى كىتابلاردا مەن ھەيزدار «قۇرئان»دىكى سۈرە «فاتىھە»دەك بەزى ئايەتلەرنى دۇئا تەرىقىسىدە ئوقۇسا بولىدۇ دەپ كۆرگەن ئىدىم. بۇلارنىڭ قايسىسى توغرا؟ بۇلارغا ئېنىق ھۆكۈم بارمۇ؟ ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەجىرلىرىنى بەرسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن ھەيزدارلارنىڭ «قۇرئان»نى، تەفسىرىنى ۋە تەرجىمىسىنى تۇتۇپ ياكى تۇتماي يادا ياكى قاراپ ئوقۇشى جائىزدۇر. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بولغان مەسىلە بولغاچقا، پەلەي بىلەن تۇتۇپ ئوقۇغىنى ئەۋزەل.

ئەسلىدە «ھەيزدارنىڭ غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن «قۇرئان» ئوقۇشى جائىز بولمايدۇ، بۇنىڭدىن پەقەتلا دۇئا ياكى زىكىر تەرىقىسىدە ئېيتىلغانلىرى مۇستەسنا» دېگەن قاراش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.(1)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەيزدارمۇ، جۇنۇبمۇ قۇرئاندىن ھېچنېمە ئوقۇمايدۇ» دېگەن.(2)

لېكىن، بۇ ھەدىس بارلىق مۇھەددىسلەرنىڭ نەزەرىدە زەئىفدۇر.(3)

بۇلار يەنە ھەيزدارنى جۇنۇبقا قىياس قىلىپ ھەر ئىككىسى غۇسۇل ۋاجىب بولغان كىشى، بەلكى تېخى ھەيزدارنىڭ تاھارەتسىزلىكى تېخىمۇ تەكىتلىك، دېگەن.

ئۇلار دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن ھەدىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى سەھىھ ھالەتتە ئىسپاتلانمىغان ياكى سەھىھ دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ تەئۋىل قىلغىلى بولىدىغان ھەدىسلەر بولغاچقا، ئىمام مالىك ۋە بۇخارىي قاتارلىق بەزى ئالىملار ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «ﺟﯘﻧﯘب ﻛﯩﺸﻰ ‹ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ› ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ بولىۋېرىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئىبراھىمنىڭ: «ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» دېگەنلىكىنى، يەنە «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ بارلىق ھالەتلىرىدە ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﻰ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ» دېگەن ھەدىسنى ئاساس قىلىپ: زىكىر دېگەن «قۇرئان» ئوقۇش بىلەنمۇ بولىدۇ. شۇڭا، جۇنۇب ۋە ھەيزدارلار «قۇرئان» ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ قارىغان.(4)

سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتىن:

— جۇنۇب كىشى «قۇرئان»دىن بىرنەرسە ئوقۇمدۇ؟ — دەپ سورالغاندا، ئۇ:

— ھەئە، — دەپ جاۋاب بەرگەن.(5)

بۇلار يەنە مۇنداق دەلىل كۆرسەتكەن:

1 – جائىزلىق ئەسلى ھۆكۈم بولۇپ، ھەيزدارنىڭ «قۇرئان» ئوقۇشىنى چەكلەيدىغان سەھىھ، ئېنىق بىر دەلىل يوق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ئاياللار ھەيز كۆرىدىغان تۇرۇقلۇق رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى زىكىر بىلەن دۇئا قىلىشتىن توسمىغاندەكلا «قۇرئان» ئوقۇشتىنمۇ توسمىغان.

2 – ھەيزدار جۇنۇبتىن پەرقلىق، چۈنكى جۇنۇب ئۆز ئىختىيارى بىلەن جۇنۇبلۇقنى يوقىتالايدۇ. ھەيزدار ساقىيىشنى كۈتۈپ تۇرماي باشقا چارە تاپالماي ھەيز مۇددىتى ئۇزىراپ كېتىدۇ.

3 – ھەيزدارنى «قۇرئان» ئوقۇشتىن چەكلەش ئوقۇ – ئوقۇتۇشتا «قۇرئان»نى ئۇنتۇپ قېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.(6)

بۇ ئىختىلاپ ئالدىدا «قۇرئان» ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى قىز – چوكانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇلار ھەر ئايدا بىر ھەپتە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ «قۇرئان» ئوقۇيالماي ياكى ئوقۇتالماي، يادا ئالغانلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىپ قالىدىغۇ؟ ئەلبەتتە، ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مالىك قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ئوقۇسا بولىدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كەلسەك، ئۇلاردىن بەزىلىرى: «ئوقۇتقۇچى ئادەت كۆرگەندە بىر سۆزدىن بىر سۆزدىن ئۆگىتىدۇ» دېگەن، ئىمام تاھاۋىي: «يېرىم ئايەتتىن يېرىم ئايەتتىن ئوقۇيدۇ» دېگەن، يېرىم ئايەت ئوقۇسا بولىدۇ دېگەن قاراش ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان، يەنە بەزىلەر: «بەك قىسقا ئايەت بولسا مەيلى» دېگەن.(7)

مېنىڭچە، بۈگۈنكى كۈندە «قۇرئان كەرىم»نى يادلاش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەيزدار خانىم – قىزلارغا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە يادلاش دائىرىسىدە رۇخسەت قىلىش كېرەك. بۇ يۇقىرىقى سەھىھ دەلىللەرگە ئاساسلىنىدۇ، شۇنداقلا ئىسلام روھىغا زىت كەلمەيدۇ.

ئىمام مالىك رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ ھەيزدار «قۇرئان» ئوقۇسا بولىدۇ دەپ رۇخسەت قىلغان، بۇ ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىنمۇ كەلگەن بىر قاراشتۇر. تېخى ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «ئايال كىشى قۇرئاننى ئۇنتۇپ قېلىش خەۋپى بولسا ھەيزدار بولسىمۇ قۇرئاننى تاشلىماي ئوقۇشى ۋاجىب بولىدۇ»، دەپ قارىغان.(8)

ھەيزدار «قۇرئان»نى دىلى بىلەن ئوقۇسا ئەلبەتتە بولىدۇ. زىكىر ياكى دۇئا نىيىتىدە «فاتىھە»نى ياكى دۇئا مەزمۇندىكى ئايەتلەرنى ئوقۇش ھەنەفىي ۋە باشقا مەزھەبلەردىكى توغرا ھېسابلىنىدىغان قاراشتا مەكرۇھ بولمايدۇ. زىكىر قىلسا، تەسبىھ، تەھلىل ۋە دۇرۇد ئېيتسىمۇ مەكرۇھ بولمايدۇ، بۇنىڭ دەلىلى ئىجماﺋ بىلەن سەھىھ ھەدىسلەردۇر.(9)

جۇنۇب، ھەيزدار ۋە نىپاسدالارنىڭ «قۇرئان»نى تۇتۇشىنىڭ جائىز بولمايدىغانلىقىدا تۆت مەزھەب ئارىسىدا ئىختىلاپ بولمىسىمۇ بىر قىسىم ئالىملار تۇتسا بولىدۇ، دەپ قارىغان.

كۆپچىلىك بۇ ئايەتنى دەلىل قىلغان: ﴿شەك – شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر، ساقلانغان كىتابتىدۇر، ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ﴾(56/«ۋاقىئە»: 77 – 79).

ئۇلار ئايەتتىكى: «كىتاب» دېگەن سۆزنى «قۇرئان» دەپ تەفسىر قىلغان.

يەنە «قۇرئاننى پەقەتلا پاك كىشىلا تۇتىدۇ» دېگەن ھەدىسنى،(10) يەنە «قۇرئاننى پەقەت پاك ھالىتىڭدىلا تۇتقىن» دېگەن ھەدىسنى(11) دەلىل قىلغان.

لېكىن، ئۇلارنىڭ دەلىللىرى ئېتىرازغا ئۇچرىغان، ئايەتكە قارىتا بېرىلگەن ئېتىراز شۇكى، ئايەتتىكى: «كىتاب»تىن مەقسەت لەۋھۇلمەھپۇزدۇر، «پاك بولغانلار» دىن مەقسەت «پەرىشتىلەر»دۇر. ياكى كىتابتىن «قۇرئان» مەقسەت قىلىنسا، پاك بولغانلاردىن مەقسەت شىركتىن پاك بولغانلاردۇر، چۈنكى مۇشرىكلار نىجىستۇر، ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «ئەتتىبيان في ئەقسامىل قۇرئان» دېگەن كىتابىدا كىتابتىن مەقسەت پەرىشتىلەرنىڭ قولىدىكى لەۋھۇلمەھپۇز ئىكەنلىكىگە ئون تەرەپتىن دەلىل كەلتۈرگەن.(12)

كۆپچىلىك دەلىل قىلغان ھەدىسلەرگە قىلىنغان ئېتىرازلار شۇكى، 1 – ھەدىس زەئىفدۇر، راۋىيلىرى ئارىسىدا زەئىف راۋىي بولغاچقا، ئىمام ئىبنى ھەزم ۋە ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەدىسنى «زەئىف» دېگەن، ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر ۋە ھاكىم قاتارلىق ئالىملار، شۇنداقلا كېيىنكى ئالىملاردىن شەيخ ئالبانىنىڭ «ئىرۋائۇل غالىيل»دا سەھىھ دېگەن باھاسىغا ئاساسلانغان تەقدىردىمۇ ھەدىستىكى «پاك بولغۇچى» دېگەن سۆز مۇسۇلمان كىشىگە، تاھارىتى بار كىشىگە، غۇسۇل قىلىپ جۇنۇبلىقتىن پاك بولغان كىشىگە، شۇنداقلا بەدىنىدە نىجاسەت بولمىغان كىشىگە ئوخشاشلا ئىشلىتىلىدىغان ئورتاق بىر سۆزدۇر، مۇسۇلمان كىشى مەقسەت قىلىنىش ئېھتىمالى كۈچلۈك، چۈنكى «قۇرئان»دا: ﴿مۇشرىكلار نىجىستۇر﴾(9/«تەۋبە»: 28) دېگەن.

ئۇنداقتا ھەدىسنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «قۇرئاننى پەقەتلا مۇسۇلمان كىشىلا تۇتىدۇ». ھەدىستىكى پاك بولغۇچىدىن تاھارىتى بولسۇن ياكى غۇسۇل قىلىپ جۇنۇبلىقتىن پاك بولغان كىشى بولسۇن ياكى بەدىنىدە نىجاسەت بار كىشى بولسۇن مۇئمىن كىشى مەقسەت قىلىنىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «سەھىھەين»دە: «مۇئمىن دېگەن نىجىس بولمايدۇ» دېگەن.

2 – ھەدىستىمۇ زەئىفلىك بار، چۈنكى راۋىيلىرىدىن بىرىدە كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس.(13)

ئاز سانلىق ئالىملار تۇتسا بولىدۇ دېگەن قارىشىغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھېراكلىيۇسىگە ئايەت يېزىلغان مەكتۇب يوللىغانلىقىنى، ھىرەقىل ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەكتۇب يوللانغان مۇشرىكلارنىڭ جۇنۇبلۇقتىن پاكلانمايدىغانلىقىنى دەلىل قىلغان، كۆپچىلىك بۇنىڭغا: مەكتۇب دېگەن «قۇرئان» دەپ ئاتالمايدۇ. بىرەر ئايەت بار مەكتۇب ۋە بەزى دىنىي كىتابلارنى تۇتسا ھېچ گەپ بولمايدۇ، دەپ ئېتىراز بىلدۈرگەن.(14)

ھەرھالدا چەكلەش دەلىللىرى ئېتىرازدىن ساقلىنىپ كېتەلمىگەن، شۇنداقتىمۇ، «قۇرئان»نى ھۆرمەتلەش جەھەتتىن جۇنۇب، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ ئۇنى تۇتۇشى ھېچ بولمىغاندا، پەلەي ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرنەرسە بىلەن بولسا ئەۋزەل.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 24 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 28 – ئاپرېل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 38 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/408.
2. «تىرمىزىي»، (131).
3. زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 1/195. ئالبانىيمۇ «زەئىف» دېگەن.
4. «بۇخارىي»، «ھەيزدار ئايالنىڭ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشىدىن باشقا بارلىق ھەج پائالىيىتىنى ئورۇندايدىغانلىقى» دېگەن باب. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/408.
5. «ئابدۇرراززاق»، (1308). ئىسنادى سەھىھ.
6. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 1/78؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/179؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/96؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 21/460؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/284، 285.
7. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 1/78؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/179؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/96؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1/172، 173.
8. ئىبنى تەيمىييە: «ئەلئىختىياراتۇل فىقھىييە»، 27 – بەت.
9. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/181؛ ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 1/168.
10. «مالىك»، (469).
11. «ئەلمۇستەدرەك»، (6051)؛ تەبارانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (3135). ھاكىم «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
12. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ئەتتىبيان في ئەقسامىل قۇرئان»، 1/141 – 142.
13. ھەيسەمىي: «مەجمەئۇززەۋائىد»، 1/277.
14. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/259، 260.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ