بىر ھەدىسنىڭ مەزمۇنى

بىر ھەدىسنىڭ مەزمۇنى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، «لَوْ ضَاعَ لِي عِقَالُ بَعِيرٍ لَوَجَدْتُهُ فِي كِتَابِ اللَّهِ» دېگەن بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

«ناۋادا مېنىڭ بىر تال تۆگە باغلايدىغان ئارغامچام يۈتۈپ كەتكەن بولسا، ئەلبەتتە، ئۇنى قۇرئاندىن تاپقان بولاتتىم» بۇ ھەدىس ئەمەس، بەلكى بەزىبىر تەفسىر ۋە قۇرئان ئىلىملىرى كىتابلىرىدا(1) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا مەنسۇپ قىلىنغان سۆزدۇر.

مەنىسى: «قۇرئان كەرىم» ئىلگىرىكىلەرنىڭ ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئىلىم – مەرىپەتلىرىنى توپلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاللاھ ھېچكىمگە بىلدۈرمىگەن قىسمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممىنى ھەقىقىي بىلگەن. ئاندىن بۇ ئىلىمنى ساھابە كىراملار مىراس ئالغان. شۇنداق بولغاچقا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئاشۇنداق دېگەن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 10 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2011، 13 – فېۋرال

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 11 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. سۇيۇتىي: «ئەلئىتقان»، 4/332؛ ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 3/357.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ