قانداق قىلغاندا تەقۋالىقنى كۈچلەندۈرگىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا تەقۋالىقنى كۈچلەندۈرگىلى بولىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن دائىم ئاللاھقا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تەقۋالىق قىلىشقا تىرىشىمەن، ئەمما بىر – ئىككى كۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندەك قىلىمەنيۇ، داۋاملاشتۇرالماي ئەسلىدىكى ۋاقتىمغا كېلىپ قالغاندەك، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. مەسىلەن، دۈشەنبە – پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇش، پەرز، نەفلە، زىكىر قىلىش، «قۇرئان» ئوقۇش، ئىلىم ئۆگىنىش… قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن بولۇپ، قەلبىم شۇنداق راھەت تېتىك ھېس قىلسام، قالغان كۈنلىرى ئاستا – ئاستا سۇسلاپ، بەزىدە ھەتتا پەرزنىمۇ ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغۇدەك دەرىجىگە چۈشۈپ قېلىپ بەك بىئارام بولىمەن. بۇ ئەھۋال داۋاملاشقىلى ئۇزۇن يىل بولدى. مەن بۇ ئىللىتىمنى پەقەت ئۆزگەرتەلمىدىم. بۇنىڭ دەۋاسى بارمىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سىزدىكى بۇ ھادىسە ئادەتتە ھەممىمىز خالىي بولالمايدىغان، ھەممىمىز دۇچ كېلىپ تۇرىدىغان بىر خىل ئەھۋال، چۈنكى بىرىنچىدىن: ئىمان دېگەن گاھ كېمىيىپ، گاھ ئاۋۇپ تۇرىدۇ. كېمىيىپ كەتكەندە مۇسۇلمان كىشى ئۆزىدىن ئەنسىرەپ قالىدۇ. ئاۋۇپ كەتكەندە يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە يۈكسىلىدۇ.

ئىككىنچىدىن: شەيتان بىزنىڭ تەقۋالىق يولىدا ئىلگىرىلەپ مېڭىشىمىزدىن بىئارام بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، 7/«ئەئراف»: 16 – 17 – ئايەتلەردە كەلگىنىدەك ئىبلىس: ﴿ئۇلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ماراپ ئولتۇرىمەن، ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىدىن، ئوڭ يېنىدىن، سول يېنىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ نېئمىتىڭگە شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن﴾ دەپ كافىر، غاپىل، پاسىقلارنى ئازدۇرۇشقا ئەمەس، سالىھ كىشىلەرنىڭ يولىنى توسۇپ ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق بىئارام قىلىشقا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن. شۇڭا، ئىزچىل تۈردە شەيتاننىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جانابىي ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەپ تۇرىمىز.

ئۆزىمىزدىكى مۇشۇنداق ئىمانىي جەھەتتىن سۇسلىشىش ئەھۋالىنى ھېس قىلىپ تۇرغانلىقىمىزنىڭ ئۆزى ياخشىلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى، بۇنى ھېس قىلغاندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىسلاھ قىلالايمىز. بۇمۇ ئاللاھنىڭ تەۋپىقى ۋە نېئمىتى.

ئىمان ۋە تائەت – ئىبادەتلەردە سۇسلىشىپ قېلىش دېگەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ توغرا يولدا ماڭىدىغان سالىھ بەندىلەردە كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ كېسەللىككە داۋا بولىدىغان رېتسېپلار تۆۋەندىكىچە:

1. داۋاملىق شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاناھلىق تىلەپ، ئاللاھ تائالاغا يېلىنىپ دۇئا قىلىپ تۇرۇش.

2. ئەمەل – ئىبادەتلەرنى قىلغاندا رىيادىن ساقلانغان ھالدا ئىخلاس بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ قىلىشقا تېرىشىش.

3. ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ، نىيەتنى يېڭىلاپ تۇرۇش.

4. ئىسلام يولىدا يالغۇز ماڭماي، ياخشى، سالىھ دوست – بۇرادەرلەر بىلەن بىللە ھەمراھ بولۇش. چۈنكى، شەيتان يالغۇز كىشى بىلەن بىللە بولىدۇ. يالغۇز كىشىگە قارىغاندا ئىككى كىشىدىن تېخىمۇ يىراق بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئاللاھ تائالا 103/«ئەسر» سۈرىسىدە: ﴿ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلار﴾ دەپلا قويماي، ئاخىرىدا: ﴿بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر – بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان﴾ دەپ قوشۇپ قويغان. شۇڭا، نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىپ، تەقۋالىق يولىدا قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان ياخشى ھەمراھلارنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. بەلكى سىزگە ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن بىرى مۇشۇ بولسا كېرەك.

5. تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلغاندا ئۆزىگە قاتتىق بېسىم قىلىۋەتمەسلىك. ھالال، مۇباھ ئويۇن – تاماشىلار بىلەن، تەنتەربىيە قىلىش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش.

ئۇرۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «يېنىمدا بەنى ئەسەد قەبىلىسىدىن بىر خانىم(1) بار ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىرىپ:

— بۇ كىم؟ — دېدى، مەن:

— بۇ پالانى بولىدۇ، كېچىسى ئۇخلىمايدۇ، — دەپ ئۇنىڭ كۆپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتقىلى تۇرىۋىدىم، رەسۇلۇللاھ:

— بولدى قىلىڭ! ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﺎﻗﯩﺘﯩﯖﻼﺭ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ نەفلە ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ لازىم ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، — ﺩﯦﺪﻯ».(2)

6. دەسلەپكى دەۋر ساھابە – تابىئىنلارنىڭ، ئالىملىرىمىزنىڭ، پەزىلەتلىك ئېسىل زاتلارنىڭ ھاياتى، تەرجىمىھالى، ئىش – ئىزلىرى، تائەت – ئىبادەتلەردە قانداق يول تۇتقانلىقىنى ئىگىلەش.

7. ئىبادەتنى تار مەنىدە چۈشىنىۋالماي، كەڭرى مەنىدە چۈشىنىش. مەسىلەن، بالىچاقىلىرىمىز بىلەن ئوينىشىشمۇ، ئۇلارنى ئوينىتىشمۇ ئىبادەت، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىزمىتىدە بولۇش، ھاجىتىنى راۋا قىلىشمۇ ئىبادەت، ئەمرىمەرۇپ، نەھىمۇنكەر قىلىشمۇ ئىبادەت. بەزىدە بىز ناماز، روزا، زىكىردەك ئەمەللەرنىلا ئىبادەت دەپ قارىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن باشقا ساھەلەردىكى ئىشلارنى ئىبادەت ئەمەس دەپ قاراپ، بىرىنچى تۈردىكى نەفلە ئىبادەتلەرگە ۋاقىت چىقىرالماي قالساق چېكىنىپ كەتتىم دەپ ئويلاپ قالىمىز.

8. شۈبھىلىك يېمەك – ئىچمەك، تاپاۋەتلەردىن يىراق تۇرۇش. چۈنكى، قەلبنىڭ خاتىرجەملىكى ھالال نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بولىدۇ.

9. دىيارىمىزدىكى ئىمانى مۇستەھكەم ھايات ئالىملىرىمىزنى، پەزىلەت ئىگىلىرىنى زىيارەت قىلىپ سۆھبىتىدە بولۇش. بۇنىڭ كىشىنىڭ ئەھۋالىغا زور پايدىسى بار. بەزىدە بىرەر تەقۋادار پازىل ئالىم بىلەن كۆرۈشۈپ بىر قېتىم بىللە ئولتۇرسا نەچچە كىتاب ئوقۇغاندىنمۇ تەسىرى زور بولۇشى مۇمكىن.

ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغىنىم: بەزىدە تائەت جەھەتتىن ئىلگىرىلىيەلمىسەكمۇ بۇرۇنقى سەۋىيەنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزى چوڭ بىر ئۇتۇق. شۇڭا، بۇ سەۋەبتىن، چۈشكۈنلىشىش شەيتاننى خۇش قىلىدىغان ئىشتۇر. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئۇلۇغ ئاللاھ مۇئمىن بەندىلىرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، ئۇلارغا چوقۇم ئىگە بولىدۇ.

جانابىي ئاللاھتىن ئۆزۈمگىمۇ، سىزگىمۇ ھەقتە ئىزچىل تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىشنى، يەنە ئىخلاس، تەۋپىق ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 12 – زۇلقەئدە / م. 2011، 10 – ئۆكتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 18 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. مەزكۇر خانىمنىڭ ئىسمى ئىمام مۇسلىم رىۋايەتى (785) دە ھەۋلاﺋ بىنتى تۇۋەيت رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەپ كەلگەن. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/250.
2. «بۇخارىي»، (1151).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ