شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(6)

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(6)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

قۇربانلىق مالنى بوغۇزلاپ بەرگەن قاسساپنىڭ ئىش ھەققىگە تېرىسىنى ياكى گۆشىنى بەرسە بولامدۇ؟

مەيلى تېرىسى بولسۇن، مەيلى گۆشى، كاللا – پاقالچىقى ياكى ئېگەر – توقۇملىرى بولسۇن، قۇربانلىق مالنىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىنى قاسساپنىڭ ئىش ھەققىگە ھېسابلاپ بېرىشكە بولمايدۇ، بەلكى پۇل ياكى باشقا نەرسىدىن بېرىلىدۇ.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ھەدىيە تۆگىلەرنىڭ ئۈستىدە قاراپ تۇرۇشقا، پوكانچىغا قۇربانلىقتىن ھېچنەرسە بەرمەسلىككە بۇيرۇدى». «مۇسلىم» رىۋايەتىدە: «بىز ئۇنىڭغا يېنىمىزدىن بېرىمىز» دېگەن(1).

ئەمما، قاسساپنىڭ تېگىشلىك ئىش ھەققىنى تولۇق بېرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا گۆشتىن بىرەر پارچە بەرسە ياكى تېرىسىنى ھەدىيە ياكى سەدىقە قىلسا ۋەياكى ئىش ھەققىگە قوشۇپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ مالنى سويۇش جەريانىدا گۆشكە كۆزى چۈشۈپ يېگۈسى كېلىدۇ. سەدىقە ياكى ھەدىيە ئالىدىغانلار بىلەن ئەھۋالى ئوخشاش بولغان تەقدىردە، مالنى ئۆز قولى بىلەن سويغان بولغاچقا، سەدىقە ياكى ھەدىيە ئېلىشقا قاسساپ ئەڭ ھەقلىق بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى بەرگەنلىكتىن ئىش ھەققى ئادەتتىكىدىن كېمىيىپ كەتسە، يەنىلا ئىش ھەققىنىڭ بىر قىسمىغا بەرگەن بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىم.

قۇربانلىقنى ئۆزى تۇرغان يۇرتتىن باشقا يۇرتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

ھاجىلار «ھەج تەمەتتۇﺋ» ۋە «ھەج قىران» ئۈچۈن، شۇنداقلا ھەجدە بىرەر ۋاجىبنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن قىلىدىغان فىديە قۇربانلىقلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مىنا ۋە مەككەدىن باشقا يەردە قىلىشقا بولمايدۇ، بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق. چۈنكى، بۇ قۇربانلىقلار ھەرەمگە ئاتالغان ۋە ھەرەمگە خاس قۇربانلىقلاردۇر. ئۇنى ھەرەم سىرتىدا قىلىشقا بولمايدۇ(2).

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاندىن ئۇنىڭ (يەنى قۇربانلىقنىڭ) بوغۇزلىنىشى ھالال بولىدىغان جايى قەدىمىي بەيتۇللاھتۇر﴾(22/«ھەج»: 33)، ﴿ئىھرامدىكى ھالىتىڭلاردا ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، قىلمىشىنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا سىلەردىن ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالاپ ھۆكۈم قىلىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانغا تەڭ – باراۋەر ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەئبەگە ھەدىيە ئېلىپ ئاپىرىپ قۇربانلىق قىلىش جازاسى كېلىدۇ ياكى مىسكىنلەرگە ئاش بېرىش ياكى ئۇنىڭ تەڭ – باراۋېرىدە روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت كەففارەت كېلىدۇ﴾(5/«مائىدە»: 95).

ئەمما، ھەجدىكى قۇربانلىقلاردىن باشقا ئادەتتىكى قۇربان ھېيتنىڭ قۇربانلىقلىرى ھەققىدە يۇقىرىقىدەك مەخسۇس ئورۇن بېكىتىلمىگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربانلىقىنى مەدىنەدە ئۆزى قىلغان. بەزى ئالىملار زاكاتقا ئوخشىتىپ قۇربانلىقنى ئېھتىياجلىق ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا، يوقسۇل مۇسۇلمانلارغا، ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن باشقا دىيارلارغا يۆتكەش جائىز، دەپ قارىغان(3).

ئادەتتە خىتايدا، ياۋروپادا ياكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا تۇرىدىغان بەزى كىشىلەر ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا قۇربانلىق قىلماي، قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى تۇغۇلغان يۇرتىغا، ئانا ۋەتىنىگە ياكى باشقا ئېھتىياجلىق مۇسۇلمانلار دىيارىغا ئەۋەتىپ بەرسە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ قىسمەن ئەھۋالدا، مەلۇم شارائىتتا ياشايدىغانلار ئۈچۈن مۇۋاپىق بولسا كېرەك.

لېكىن، نورمال ئەھۋالدا بىر دىياردا نامرات مۇسۇلمانلار بار تۇرۇپ، قۇربانلىقنى باشقا دىيارغا يۆتكىۋەتسە بولمايدۇ. چۈنكى، ھەر يۇرتنىڭ نامراتلىرى شۇ يۇرتتىكى قۇربانلىققا ئەڭ ھەقلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق دېگەن گۆش تارقىتىشلا ئەمەس، بەلكى قۇربانلىقتا ئاللاھنىڭ نامىنى زىكىر قىلىپ تەكبىر ئېيتىش، ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ شوئارلىرىنى ئۇلۇغلاش، شەرىئەتنى ئىزھار قىلىپ، ئىسلامىي پائالىيەتلەرنى نامايان قىلىش قاتارلىق مۇھىم مەقسەتلەر بار.

بەزى جايلاردا قۇربانلىققا قوي تاپقىلى بولماي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇد. مەسىلەن، خىتتاي دىيارىنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ بەزى شەھەرلىرىدە قۇربانلىق قوي تېپىش قىيىن ياكى تاپقان تەقدىردىمۇ بوغۇزلىغىلى قويمايدۇ. بوغۇزلاش ئۈچۈن نەچچە يۈز كىلومېتىر يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

قۇربانلىقنى باشقا يۇرتقا يۆتكىگەن ئەھۋالدا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى قۇربانلىق مالنى سۈپەتكە لايىق سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىشەنچلىك كىشىگە تاپشۇرۇش لازىم.

2. قۇربانلىق مالنىڭ باھاسىنى ئېنىق ئۇقتۇرۇپ توغرىلاش لازىم. چۈنكى، بەزى يۇرتتا بىر قوي كەلگەن پۇلغا باشقا يۇرتتا بىر قوي كەلمەي قالىدۇ.

3. قۇربانلىق مالنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كېچىكتۈرمەستىن بوغۇزلاش لازىم. «قۇربانلىقنىڭ پۇلى قولىمىزغا تەگمىدى» دەپ، قۇربانلىق ۋاقتىدىن كېچىكىپ قالسا بولمايدۇ. قۇربانلىق قىلمىغان تەقدىردە، ئىگىسىگە قىلالمىدۇق دەپ ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇش لازىم. قۇربانلىق ۋاقتىنى بېكىتىشتە، قۇربانلىق قىلغۇچى تۇرۇۋاتقان جاينىڭ ئەمەس، قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاينىڭ ۋاقتى ھېساب بولىدۇ.

4. قۇربانلىق گۆش قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە تارقىتىلىشى كېرەك.

ھەج – ئۆمرەدىكى فىديە قۇربانلىقنى ھەرەمدىن باشقا جايلاردا قىلسىمۇ بولامدۇ؟

فىديەسى ئۈچۈن قان قىلىشنى تاللىغان ئەھۋالدا، بۇ تۆلەم ئۈچۈن سويۇلغان مال بولغاچقا، ئۇنىڭ گۆشىدىن يېسە، بىرەرسىگە ھەدىيە قىلسا بولمايدۇ.

ھەنەفىي ۋە شافىئىي ئالىملار ئۇنى پەقەتلا مەككەدە سويۇپ، گۆشىنىڭ ھەممىنى ھەرەم پېقىرلىرىغا تارقىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىمام مالىك قاتارلىقلارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا ئاساسەن، ئۇنى مەككەدە سويۇشى كېرەك ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سويسا بولىدۇ. لېكىن، ئۆزى ئۇنىڭدىن يېمەي، ھەممىنى پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»تە بۇنى «ھەدىيە» دەپ ئاتىماي، «قۇربانلىق» دەپ ئاتىغان. قۇربانلىق دېگەن قەيەردە سويۇلسا بولىدۇ. ئىمام ئەھمەدمۇ ھەرەم سىرتىدا قىلىنغان خىلاپلىق قىلىش فىديەسى ھەرەم سىرتىدا بوغۇزلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ.

كەئب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ياكى ساڭا قولاي بولغىنىنى قۇربانلىق قىل» دېگەن(4) ۋە ھەرەمدە قۇربانلىق قىلىشنى شەرت قىلمىغان. ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ ھەزرىتى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۇقيا دېگەن جايدا چاچ چۈشۈرگەن فىديەسى ئۈچۈن ھەرەمنىڭ سىرتىدا قۇربانلىق قىلغانلىقى بىزگە يېتىپ كەلگەن. مۇجاھىد: «فىديە سەن خاھلىغان يەردە بولىدۇ» دېگەن. ئىبراھىم نەخەئىي: «فىديە سەدىقىسى، روزىسى ۋە قۇربانلىقى خاھلىغان يەردە بولىدۇ» دېگەن(5).

قۇربانلىق پۇلىنى باشقا جايغا ئەۋەتمەكچى بولغاندا قايسى جاينىڭ باھاسى بويىچە بولىدۇ؟

باشقا جايدىكى ئائىلە ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى موھتاج بولغان ئەھۋالدا، ئۇلارغا قۇربانلىق پۇلىنى ئەۋەتسە، ئۇلار قۇربانلىق قىلسا ئەۋزەل. چۈنكى، بۇ قۇربانلىق بىلەن بىللە سىلە – رەھىم قىلغانلىق بولىدۇ.

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى قۇربانلىق مال باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ. قۇربانلىق پۇلىنى باشقا جايغا ئەۋەتكەندە قايسى جاينىڭ باھاسىنى ھېساب قىلىش ھەققىدە بىرەر كۆرسەتمە ياكى بىرەر ئالىمنىڭ پەتۋاسىنى ئۇچراتمىدىم. بەزىدە تۇرۇۋاتقان جايدىن باشقا جايغا پۇل ئەۋەتكەن تەقدىردە، بىر قوينىڭ پۇلىغا ئىككى قوي كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە مەقسەت قۇربانلىق قىلىش بولغاچقا، مەيلى قايسى جايدا قۇربانلىق قىلىنسا بۇ ئىبادەت ئادا بولىدىغان بولغاچقا، قۇربانلىق قىلىنىدىغان جايدا قۇربانلىق شەرتىگە توشىدىغان بىر مال كېلىدىغان پۇل بولسا بولۇۋېرىدۇ. شۇڭا، پۇلنى بەلگىلەشتە قۇربانلىق مال سېتىۋېلىنىپ، قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاينىڭ باھاسى ھېساب قىلىنسا بولىدۇ.

بەزىدە تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئىككى قوينىڭ پۇلىغا قۇربانلىق قىلماقچى بولغان جايدا بىر قوي كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدىمۇ قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاينىڭ پۇلىنى ئەۋەتىش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا قۇربانلىق مال سېتىۋالالماي، قۇربانلىق قىلالماي قالىدۇ ياكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان مال بوغۇزلىنىدۇ.

قۇربانلىق ماللارنىڭ تېرىلىرىنى توپلاپ سېتىپ، پۇلىنى سەدىقە قىلسا بولامدۇ؟

بىز يۇقىرىدا قۇربانلىقنىڭ ھېچبىر پارچىسىنى سېتىپ خەجلەشكە بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدۇق. قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى، تېرىسىنى ھەتتا ئارغامچا، جابدۇقلىرىنىمۇ سېتىپ خەجلىسە بولمايدۇ. گۆشىنى ئۆزى يېسە ياكى باشقىلارغا ھەدىيە، سەدىقە قىلسا بولىدۇ. تېرە ۋە باشقا نەرسىلەردىنمۇ ئۆزى پايدىلانسا بولىدۇ. لېكىن، سېتىپ خەجلەشكە بولمايدۇ.

بەزى دۆلەتلەردە تېرىلەرنى توپلاپ سېتىپ، پۇلىنى مەسجىد، مەدرىسە، ۋەقفە، ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرى، پېقىر – مىسكىنلەر، يېتىم بالىلار ۋە خەير – ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللار بار. بۇنداق ئەھۋالدا، قۇربانلىق قىلغۇچى تېرىنى ئۆزى ساتماي، تېرە توپلايدىغان ئاشۇنداق ئورۇنلارغا ھەدىيە ياكى سەدىقە بەرسە، ئاندىن توپلىغانلار تېرىلەرنى سېتىپ، پۇلىنى يۇقىرىقى ئورۇنلارغا سەرپ قىلسا بولىدۇ.

قۇربانلىق قىلغۇچى تېرىنى پېقىرغا بەرسە، پېقىر سېتىپ خەجلىسە ھەم بولىدۇ. بۇ يەردىكى چەكلىنىش پەقەتلا ئۆزى سېتىپ خەجلىمەسلىكتىن ئىبارەت.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئالىملار قۇربانلىق قىلغان كىشى تېرىنى ئۆزى سېتىپ، پۇلىنى سەدىقە قىلسا بولىدۇ، دەپمۇ قارىغان. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىر كالىنىڭ تېرىسىنى سېتىپ، پۇلىنى سەدىقە قىلىۋەتكەن(6).

دېمەك، قۇربانلىق قىلغۇچى ئۆزى سېتىپ خەجلىمەستىن، تېرىنى مەلۇم ئورۇنغا ياكى پېقىرگە سەدىقە ياكى ھەدىيە قىلسا، ئۇلار تېرىنى سېتىپ يۇقىرىقىدەك خەيرلىك ئىشلارغا خەجلىسە بولىدۇ. تېرىنى پېقىرغا ۋاقتىدا بېرىش ياكى پېقىرنىڭ ئۇ تېرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا، قۇربانلىق قىلغۇچى تېرىنى سېتىپ، پۇلىنى سەدىقە قىلسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ پېقىرلارغا پايدىلىق ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بەزى شەھەرلەردىكى پېقىرلار تېرىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى.

قۇربانلىق گۆش سەدىقە قىلىنغان شەخس ئۇنى ساتسا بولامدۇ؟

قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق گۆشنى ساتسا بولمايدۇ. مەدرىسە، مەسجىد، ۋەقفە، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ياكى پېقىرلارغا ھەدىيە ياكى سەدىقە قىلسا، ئۇلار گۆشنى خاھلىغانچە تەسەررۇپ قىلسا بولىدۇ. قۇربانلىق گۆشى بۇ جەھەتتىن، زاكات، سەدىقە ۋە ھەدىيەگە ئوخشاش.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۆمەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەرگەن بىر ئېتىنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا بىر كىشىنىڭ مىنىشى ئۈچۈن سەدىقە قىلغان ئىدى. كېيىن ئۆمەرگە «ھېلىقى ئادەم ئاتنى ساتىدىغانغا تۇرغۇزۇپ قويۇپتۇ» دېگەن خەۋەر يەتتى. ئۆمەر رەسۇلۇللاھتىن ئۇنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا سوئال سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنى سېتىۋالما، بەرگەن سەدىقەڭدىن ھەرگىز يېنىۋالما» دېدى.(7) بۇ ھەدىستە ئات سەدىقە قىلىنغان ئادەم سەدىقە ئالغان ئاتنى سېتىشقا چىقارغان ۋە چەكلەنمىگەن.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا گۆش كەلتۈرۈلگەن ئىدى، ›بۇ دېگەن بەرىرەگە قىلىنغان سەدىقە‹ دېيىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ ئۇنىڭغا سەدىقە، بىزگە ھەدىيە» دېدى.(8) بۇ ھەدىستىمۇ بەرىرە سەدىقە ئالغان گۆشنى خاھلىغانچە بىر تەرەپ قىلغان.

نەزر قۇربانلىق ماللاردىن پايدىلانسا بولامدۇ؟

بىر كىشى قۇربانلىق قىلىشنى ئۆزىگە نەزر([9]) قىلىۋالغان ئەھۋالدا، بۇ قۇربانلىقنى قىلىشى بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ۋاجىبتۇر. لېكىن، «بۇ نەزر قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن نەزر قىلغان كىشى يېسە بولامدۇ – بولمامدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان. لېكىن، كۆڭۈل خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە يېمەي، بايلارغىمۇ ھەدىيە قىلماي، ھەممىنى سەدىقە قېلىۋېتىش تېخىمۇ مۇۋاپىق. چۈنكى، بۇ قۇربانلىق سەدىقىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئۆزى يەپ سالسا، يېگىنىنىڭ پۇلىنى سەدىقە بېرىدۇ(10).

مېيىتنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلىپ قويسا، مېيىتكە ساۋابى يېتەمدۇ؟

مېيىت ۋاپات بولۇش ئالدىدا قۇربانلىق قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، بۇنى قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئاشمايدىغان مىقداردا چىقىم قىلىپ، ئادا قىلىش لازىم بولىدۇ. بۇنىڭدا باشقىچە قاراش يوق.

ئەمما، ۋەسىيەت قىلمىغان بولسىمۇ، بىرى: «مەن مېيىت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ قويىمەن» دەپ قالسا، بۇ مەسىلىدە ئالىملار ھەر خىل قاراشتا بولغان. بىر بۆلۈك ئالىملار: «مېيىت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش مەكرۇھ» دېگەن. دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك بىر قاراشتا بەزى ئالىملار: «كىشى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن تۇغقانلىرى ئۈچۈن خۇددى ھەج قىلىپ، روزا تۇتۇپ، سەدىقە قىلىپ قويسا بولغاندەك، قۇربانلىق قىلىپ قويسىمۇ بولىدۇ. قۇربانلىق قىلىپ قويۇشمۇ بىر خىل سەدىقە» دېگەن. بۇ قاراشنى كېيىنكى ئالىملاردىن ئىمام ئىبنى تەيمىييە، شەيخ بىننى باز قاتارلىقلار تەرجىھ قىلغان.

ھەنەش رىۋايەت قىلىدۇكى، «مەن ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:

— بۇ نېمە؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

— رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئۆزى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشىمنى ۋەسىيەت قىلغان. شۇڭا، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىمەن، — دېدى»(11). بۇ ھەدىسكە ھۆكۈم قىلىشتا ھەدىسشۇناسلار ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان. بەزىلەر «زەئىف» دېگەن بولسىمۇ، بىر بۆلۈك ئالىملار «سەھىھ» ياكى «ھەسەن» دېگەن. ئەبۇ داۋۇد بۇنىڭغا قارىتا ئۆز قائىدىسى بويىچە باھا قويمىغان. بۇ «سەھىھ» ياكى «ھەسەن» دەپ باھالىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە ھاكىم، زەھەبىي ۋە ئەھمەد شاكىر قاتارلىقلار «سەھىھ» دەپ قارىغان.

ئىمام بەيھەقىي: «بۇ ھەدىس سەھىھ دەپ ئىسپاتلانسا، مۇسۇلمانلاردىن بۇ دۇنيادىن ئۆتكەنلەر ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ قويسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بولالايدۇ» دېگەن(12).

ئىمام تىرمىزىي ئېيتىدۇ: «بەزى ئەھلى ئىلىملەر ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ» دەپ رۇخسەت قىلغان، يەنە بەزىلەر بۇنى توغرا تاپمىغان. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: ›ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماي، سەدىقە قىلىپ قويسا ئەۋزەل دەپ قارايمەن. ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلسا، ئۇنىڭدىن ئازراقمۇ يېمەي، ھەممىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ‹ دېگەن»(13).

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزى ھەم ئۈممىتى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن بولۇپ، ئۈممىتى ئىچىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات چېغىدا ۋاپات بولغانلارمۇ بار ئىدى. دېمەك، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھەدىسى زەئىف بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ سەھىھ ھەدىس ئۇنىڭغا شاھىد بولالايدۇ. يەنە «مېيىت باشقىلارنىڭ ئىشلىرىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ» دېگەن ئومۇمىي قائىدە ئاستىغا كىرىدۇ(14).

مېيىت ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقنىڭ گۆشى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

سەلەفلىرىمىزدىن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «مېيىت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى يېمەيدۇ، ھەممىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ» دېگەن.(15) بۇ قاراشتا بەلكىم قۇربانلىقنى ھەممە جەھەتتىن سەدىقىگە ئوخشاتقان بولۇشى مۇمكىن.

ئىلگىرىكى شافىئىي ئالىملاردىن قاففال: «مېيىت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ قويغان ئەھۋالدا، قۇربانلىق قىلىپ قويغۇچىنىڭ ئۇنىڭدىن يېيىشى ھارام بولىدۇ. چۈنكى، بۇ مېيىت ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىق بولغاچقا، ھايات كىشى ئۇنىڭ ئىجازىتىسىز يېيەلمەيدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداق بولغان ئىكەن، ھەممىنى سەدىقە قىلىۋېتىش ۋاجىب بولىدۇ»(16) دەپ قارىغان. لېكىن، بۇ قاراشنىڭ كۆرسەتكەن سەۋەبىگە ئاساسلانغان ئەھۋالدا، مېيىتنىڭ ئىجازىتىسىز ھەممىنى سەدىقە قىلىۋېتىشىمۇ دۇرۇس بولماسلىقى كېرەك.

كېيىنكى ئالىملاردىن ئەللامە ئىبنى ئابىدىن ئېيتىدۇ: «ئەگەر مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، ۋارىسى مېيىت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا، ئۇنىڭدىن يېمەي ھەممىنى سەدىقە قىلىۋېتىشى لازىم. ئەگەر ۋەسىيەت قىلغان ئەھۋال بولماي ھايات كىشى مېيىت كىشى ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ قۇربانلىق ئاشۇ قۇربانلىق قىلىپ قويغان ھايات كىشىنىڭ مۈلكىدىن قىلىنغان بولىدۇ، ساۋابى مېيىتكە بولىدۇ»(17).

ئىمام بەھۇتىيمۇ: «مېيىتكە ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىق يېيىش، سەدىقە قىلىش ۋە ھەدىيە قىلىش جەھەتتە تىرىكنىڭ قۇربانلىقىغا ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىنىدۇ» دېگەن(18).

مېنىڭچە، كېيىنكى قاراش مۇۋاپىق. خۇددى ئۆزىنىڭ قۇربانلىقىدىن ئۆزى يېسە، باشقىلارغا ھەدىيە ياكى سەدىقە قىلسا بولغاندەك، مېيىت ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقتىن ئۆزى يېسە، باي – كەمبەغەللەرگە ھەدىيە قىلسا، كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ دېگەن قۇربانلىق. قۇربانلىق ئەنە شۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. قۇربانلىق قىلىپ قان ئېقىتىشنىڭ ساۋابى بولسا مېيىتكە بولىدۇ.

مېيىت ۋەسىيەت قىلغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنىڭ ھۆكمىمۇ ھايات كىشى مېيىت ئۈچۈن قىلىپ قويغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ئەگەر مېيىت بۇرۇن: «قۇربانلىق قىلىپ، گۆشىنى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىڭلار» دېگەن بولسا، ياكى: «قۇربانلىق قىلىپ، گۆشىنىڭ ھەممىنى نامراتلارغا سەدىقە قىلىڭلار» دەپ تاپىلىغان بولسا، دېگىنى بويىچە قىلىش لازىم. ئۇنداق تاپىلىمىغان ئەھۋالدا، ۋەسىيەتنى ئورۇندىغۇچى قۇربانلىقنى بىر تەرەپ قىلىشتا مېيىتنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. بەزى ئالىملار: «ۋەسىيەت قىلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن قۇربانلىق قىلىپ قويغۇچى يېسە بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ.

ئايرىم – ئايرىم ئىككى ئۆيدە تۇرىدىغان ئىككى ئايالى بار كىشى ئىككى قۇربانلىق قىلىشى كېرەكمۇ؟

ئىككى ئايالى بىر ئۆيدە بولسۇن ياكى ئارىلىقى يىراق، ئايرىم – ئايرىم ئىككى ئۆيدە بولسۇن، بىر ئائىلىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلىدۇ. بۇ كىشىنىڭ نەچچە خوتۇنى بولسا ھەممىسى بىر ئائىلە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ھەربىر ئۆيىگە ئايرىم – ئايرىم قۇربانلىق قىلسىمۇ ھەم دۇرۇس بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ۋە پۈتۈن ئائىلە – تاۋابىئاتى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلغان. يەنە بەزى چاغلاردا ئاياللىرى ئۈچۈن كالا قۇربانلىق قىلغان.

ئىمام شەۋكانىي: «توغرىسى، يۈز ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر ئائىلە بولسىمۇ، قۇربانلىققا بىر قوي يېتەرلىك. ھەدىسلەر شۇنداق بايان قىلغاندۇر» دېگەن(19).

 

مۇشۇنىڭ بىلەن «شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالە تۈگىدى. جانابىي ئاللاھ بۇنى خالىس ئەمەللىرىمىز قاتارىدا قوبۇل قىلغاي، سەھۋەنلىكلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىۋەتكەي، بارلىق مۇسۇلمانلارنى ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغاي! شۇنداقلا بارلىق پەيغەمبەرلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولغاي، ئامىن! ئاخىرىدا دەيدىغىنىمىز شۇكى، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

 

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

ھ. 1431، 22 – زۇلقەئدە / م. 2010، 29 – ئۆكتەبىر

———–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1716)؛ «مۇسلىم»، (1317).
2. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 42/250، 251.
3. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/316؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 4/282.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1815)؛ «مۇسلىم»، (1201).
5. «مالىك»، 1/388؛ تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان فى تەفسىرىلقۇرئان»، 2/240؛ جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 1/352؛ قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 2/385؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7/213؛ قازى ئابدۇلۋەھھاب: «ئەتتەلقىن»، 1/217؛ ھەجاۋىي: «زادۇل مۇستەقنى»، 1/88.
6. ئىبنۇلقەييىم: «تۇھفەتۇل ۋەدۇد»، 8/316؛ زەيلەئىي: «تەبيىينۇل ھەقائىق»، 6/9؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 5/221.
7. «بۇخارىي»، (2775).
8. «بۇخارىي»، (2775).
9. نەزر (النَّذْرُ): ئەرەبچىدە: «ئۈستىگە ئېلىۋېلىش ۋە ۋاجىب قىلىۋېلىش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «كىشىنىڭ شەرىئەت ئۇنىڭغا ۋاجىب قىلمىغان بىر ئىشنى ئۆز ئىختىيارى ۋە ئېغىزى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىب قىلىۋېلىشى»دىن ئىبارەت. مەسىلەن: «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن 3 كۈن روزا تۇتىمەن»، «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن مېڭىپ بېرىپ ھەج قىلىمەن» دېگەندەك. نەزر قىلىش بىر قىسىم ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە «مۇستەھەب»، يەنە بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە «مەكرۇھ»تۇر. ئەمما، نەزر قىلغان ئەمەلنى ئادا قىلىش مۇمكىن بولسا، ئۇنى ئادا قىلىشى ھەقتائالانىڭ: ﴿ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن﴾(22/«ھەج»: 29) دېگەن ئەمرى بويىچە ھەممە ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا «ۋاجىب». ئادا قىلىشى مۇمكىن بولمىسا ياكى گۇناھ – مەئسىيەت قىلىشنى نەزر قىلغان بولسا، ئۇنى ئادا قىلماي ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك قەسەم كەففارىتى بېرىشى كېرەك. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 40/136 – 152؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1388 – 1389 – بەتلەر، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
10. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 6/327؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/310؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9/362.
11. «ئەھمەد»، (843)؛ «تىرمىزىي»، (1495)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (2790).
12. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 9/288.
13. «تىرمىزىي»، 4/84.
14. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/225؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5/72؛ شەيخ ئەلى ئىبنى ھەۋۋاس: «الحجج القوية والأدلة القطعية في الردّ على من قال إن الأضحية عن الميت غير شرعية»، 16 – 48 – بەتلەر؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 4/282؛ دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 2/122؛ نەۋەۋىي: «مىنهاجۇتتالىبىن»، 1/142.
15. «تىرمىزىي»، 4/84.
16. رەملىي: «نىھايەتۇل مۇھتاج»، 8/144.
17. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6/335.
18. بەھۇتىي: «شەرھۇ مۇنتەھەل ئىرادات»، 1/612.
19. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 5/211.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ