شەيخ باھائۇددىن مەخدۇم خوتەنىي

شەيخ باھائۇددىن مەخدۇم خوتەنىي

(ھ. 1307– 1375/ م. 1889 – 1955)

ئەسكەرتىش: بۇ ئۆلىمالار سۇلتانى دەپ ئاتالغان، ھىجرىيە 1333 – يىلى ۋاپات بولغان باھائۇددىن مەخسۇم قەشقەرىي ئەمەس. ئىككىسى ئىككى كىشى.

شەيخ باھائۇددىن مەخسۇم ھىجرىيە 1307 – يىلى ئىلچىنىڭ خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغان. شەيخ سۇلايمان داموللام باھائۇددىن مەخسۇمنىڭ دادىسى كاتتا ئالىملارنىڭ بىرى ئىدى دەيتتى. باھائۇددىن مەخسۇم دادىسىدا ۋە خوتەن ئالىملىرىدا ئوقۇغان. ھىجرىيە 1341 – يىلى قەشقەر شەھىرىگە كەلگەن ۋە بۇ جايدا ئىككى – ئۈچ يىلدەك ئوقۇغان ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىجازەتنامىسى ئالغان. ئاندىن ئانا يۇرتىغا قايتقان. باھائۇددىن مەخسۇم فىقھ، ھەدىس، ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئاساسلىق كىتابلىرى، يەنە ئەدەبىيات، تىلشۇناسلىق، ئىستىلىستىكا قاتارلىق ساھەلەردە يېتىشكەن.

ئۇ ھىجرىيە 1375 – يىلى خوتەندە ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان. جانابى ئاللاھ تائالا مەزكۇر شەيخكە رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ