شەيخ ئىبراھىم ئاخۇن داموللام تۇرپانىي

شەيخ ئىبراھىم ئاخۇن داموللام تۇرپانىي

(ھ. 1286– 1351/ م. 1869 – 1932)

شەيخنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىبراھىم سەيفۇللاھ ياكى زەيفۇللاھ بولۇپ، ھىجرىيە 1286 – يلى تۇرپاندا تۇغۇلغان ۋە باشلانغۇچ ئوقۇشىنى تۇرپان، كورلىدا ئوقۇغان، كېيىن ئوقۇشىنىڭ ئاخىرىنى 1321 – يلى قەشقەردە تاماملىغان.

ئىبراھىم ئاخۇن داموللام ئوقۇش پۈتتۈرۈش شاھادىتىنى قەشقەردىكى داڭلىق ئۆلىمالاردىن شەيخ باھائۇددىن مەخدۇم، ئابدۇقادىر داموللام، يەئقۇب داموللام ۋە باشقا نۇرغۇن ئۆلىمالاردىن ئالغان. ئۇ ئۇستازلىرىدىن فىقھ، ھەدىس، تەفسىر، ئەرەب ئەدەبىياتى، سىستىلىستىكا، مىراس ئىلمى قاتارلىق ئىلىملاردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان، كېيىنچە خوجام مەدرىسەىسىگە مۇدەررس بولۇپ تەيىنلىنىپ، 1351 – يىلى جاللات جىن شۇرىن تەرىپىدىن باشقىلارنى ئىنقىلابقا كۈشكۈرتكەن، دېگەن بۆھتان بىلەن ئۆلتۈرىۋەتكىچە شۇ مەدرىسەدە ئۇستاز بولۇپ دىنىي ئىلىم تارقاتقان.

ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىپ، جەننەتتىن ئورۇن بەرگەي. ئامىن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ