ئىستىغفارنى قانداق ئېيتىش توغرىسىدا

ئىستىغفارنى قانداق ئېيتىش توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ تائالا « ئىستىغفار ئېيتىڭلار» دەپتۇ. قانداق ئېيتىمىز؟ ئىستىغفار ئېيتىپ قالساق مېڭىپ يۈرۈپ ئېيتساقمۇ، دىققىتىمىزنى يىغماي ئاغزىمىزدىلا ئېيتساقمۇ بۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىستىغفار ئېيتىشقا بۇيرۇغان ۋە ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر. ئىستىغفار ئېيتىشتىن قولغا كېلىدىغان پايدىلارنىڭمۇ چېكى يوقتۇر. مەسىلەن، نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى مەغفىرەت تىلەشكە مۇنداق بۇيرۇغان: ﴿پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغفىرەت تىلەڭلار، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن كۆپ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر. ( مەغفىرەت تىلىسەڭلار) سىلەرگە مول يامغۇرلۇق بۇلۇت ئەۋەتىدۇ. سىلەرگە ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ﴾(71/«نۇھ»: 10 – 12).

ھەسەن بەسرىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قۇرغاقچىلىقتىن دەرد ئېيتىپ كەلگەن بىر كىشىگە: «ئاللاھ تائالادىن مەغفىرەت تىلىگىن» دېگەن. يەنە بىر كىشى كېلىپ ئۇنىڭغا يوقسۇللۇقتىن دەرد ئېيتقاندا ئۇنىڭغىمۇ: «ئاللاھ تائالادىن مەغفىرەت تىلىگىن» دېگەن. يەنە بىر كىشى كېلىپ ئۇنىڭغا: ماڭا پەرزەنت ئاتا قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ قويسىلا، دېگەندە ئۇنىڭغىمۇ: «ئاللاھ تائالادىن مەغفىرەت تىلىگىن» دېگەن. ئۇنىڭدىن بۇ تۈرلۈك دەردمەنلەر ئۈچۈن ئوخشاش جاۋاب بېرىشىنىڭ سەۋەبى سورالغاندا، ئۇ: «مەن بۇنى يېنىمدىن دەۋالمىدىم. ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئاندا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە دېگەن سۆزىنى بايان قىلغانلىقىغا ئاساسلاندىم» دەپ جاۋاب بەرگەن.(1)

ئىستىغفار ئېيتىش ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەش دېگەنلىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى دېگەن بەندىنى ئازابتىن ساقلاپ قېلىشىدىن ئىبارەت. مەغفىرەت تىلەشتە نىيەت بىلەن تەۋبە ئەڭ مۇھىم ئاساس، مەغفىرەت تىلەش دېگەن سۆزى ۋە ئىش – ھەرىكىتى بىلەن بولىدۇ. ئەندەلۇسلۇق مۇفەسسىر ئىبنى ئەتىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەفسىرىدە: «ھەسەن بەسرىي كۆرسەتكەن ئاللاھ تائالادىن مەغفىرەت تىلەش، مېنىڭ قارىشىمدا ‹ئەستەغفىرۇللاھ› دېگەن مەغفىرەت تىلەش سۆزىلا ئەمەس. بەلكى گەپ – سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتتە راستچىل ۋە سەمىمىي بولۇشتۇر» دېگەن.(2)

ئىستىغفار ئېيتىشتا نىيەت بىلەن تەۋبىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى سۈپەتلىگەن يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق بايان قىلغان: ﴿ئۇلار يەنە بىرەر يامان ئىش قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن تىزدىن مەغفىرەت تىلەيدىغان، – گۇناھنى ئاللاھتىن باشقا كىم كەچۈرىۋېتەر؟ – گۇناھلىرىدا بىلىپ تۇرۇپ چىڭ تۇرىۋالمىغانلاردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 135).

يەنى تىلى بىلەن ئىستىغفار ئېيتىپ، دىلى بىلەن پۇشايمان قىلىپ، ئۇندىن كېيىن ئۇ گۇناھنى قىلمىغانلار دېمەكچى. «گۇناھىغا دىلىدا پۇشايمان قىلماستىن تىلىنىڭ ئۇچىدا ئىستىغفار ئېيتىش كاززابلارنىڭ تەۋبىسى» دەيدىغان گەپمۇ بار. ھەسەن بەسرىيدىن: «بىزنىڭ ئىستىغفارلىرىمىز نۇرغۇن ئىستىغفارغا موھتاج» دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنغان.(3)

ئىستىغفار ئېيتىشتا تىل بىلەن دىلنىڭ ماسلىشىشى، تەۋبىنىڭ مۇھىملىقى مۇنۇ ھەدىستىمۇ تەكىتلەنگەن: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن چوقۇم كۈنىگە يەتمىش قېتىمدىن ئارتۇق ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەيمەن ھەم ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(4)

تىل بىلەن ئىستىغفار ئېيتىشتا «ئەستەغفىرۇللاھ» دېسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىدا ياكى باشقا تىلدا « مەغفىرەت تىلەيمەن»، « مەغفىرەت قىلغىن»، «ئەپۇ قىلغىن» دېگەنگە ئوخشاش مەغفىرەت تىلەشنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بىلەن دېسىمۇ بولىدۇ. سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامىزىدىن سالام بەرگەندىن كېيىن ئۈچ قېتىم مەغفىرەت تىلەيتتى. بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن بىرى بۇ ھەدىسنى ئۆگەتكەن ئۇستازى ئىمام ئەۋزائىيدىن:

— مەغفىرەت تىلەش قانداق بولىدۇ؟ — دەپ سورىغىنىدا، ئۇ:

— ەستەغفىرۇللاھ، ئەستەغفىرۇللاھ دەيسەن— دېگەن(5).

ئىستىغفارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇنۇ ھەدىستە كۆرسىتىلگەن: شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇنداق دېيىشىڭ ئىستىغفارنىڭ غوجىسىدۇر: اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي، لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ، خَلَقْتَنِي وَأَنَا عَبْدُكَ، وَأَنَا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ، أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ، أَبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَىَّ وَأَبُوءُ لَكَ بِذَنْبِي، اغْفِرْ لِي، فَإِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ أَنْتَ‏‏ (ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىم سەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، مەن ساڭا بەرگەن ئەھدەم بىلەن ۋەدەمدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە چىڭ تۇرماقتىمەن، قىلمىشلىرىمنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، ماڭا بەرگەن نېئمەتلىرىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھلىرىمنى ئىقرار قىلىمەن. مېنى مەغفىرەت قىلغىن، چۈنكى گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغفىرەت قىلىسەن)». رەسۇلۇللاھ يەنە مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۇنى كۈندۈزى چىن دىلىدىن ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئوقۇپ، ئاندىن شۇ كۈنى كەچ كىرگىچە ئۆلسە، ئۇ جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ، كىمكى ئۇنى كېچىسى چىن دىلىدىن ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئوقۇپ، تاڭ ئاتقۇزغىچە ئۆلسە، ئۇ جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ».(6)

مەغفىرەت تىلىگەندە دىققىتىنى يىغىپ، ئاللاھتىن ئۈمىد قىلغان ھالەتتە تىلەش لازىم. بەزىدە دىققىتىنى يىغماي ئاغزىدىلا ئىسغپار ئېيتسا، ئېيتىۋاتقان ئىستىغفارغا زىت كېلىدىغان بىر گۇناھ ئۈستىدە بولمىسىلا ياكى پۇشايمان قىلىش – قىلماسلىقتىن كۆڭلى خالىي بولسا، تىلىكى ئىجابەت بولمىغان تەقدىردىمۇ، زىيىنى يوق. بەلكى زىكىر قىلىش بولغانلىق جەھەتتىن ساۋابلىق تائەت ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، بىرەر گۇناھ قىلغان ۋە دىلىدا بۇ گۇناھتىن پۇشايمان قىلماي تۇرۇپ، شۇ گۇناھ توغرىسىدا ئىستىغفار ئېيتسا، تىلى دىلىغا زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ يۇقىرىدا دېيىلگەندەك كاززابلار دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئىمام غەززالىي ئېيتىدۇ: «تىلىدىلا ئىستىغفار ئېيتىشمۇ ياخشى، چۈنكى تىلنىڭ غەپلەتتە بولسىمۇ ئىستىغفار ئېيتىپ مىدىرلىشى تىلنىڭ شۇ سائەتتە بىر مۇسۇلماننىڭ غەيۋىتى ياكى بىھۇدە گەپ – سۆز بىلەن مىدىرلىغىنىدىن ياخشىراق، بەلكى، ئۇ بۇ مەئسىيەتلەرگە ئارىلاشماي جىم تۇرغاندىنمۇ ياخشىراق. دېمەك، جىم تۇرۇشقا نىسبەتەن ئۇنىڭ پەزىلىتى بار، لېكىن دىلنىڭ ئەمەلى ئۇنىڭغا قېتىلمىغانلىق جەھەتتىن كەمتۈك بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بەزىلەر: ‹مېنىڭ تىلىم بەزى چاغلاردا زىكىر تىلاۋەت قىلىدۇ – يۇ، دىلىم غاپىل قالىدۇ› دەپ ئۇستازى ئەبۇ ئوسمان مەغرىبى ھەزرەتلىرىدىن بۇ توغرىدا كۆرسەتمە سورىغاندا ئۇ: ‹سېنىڭ ئەزالىرىڭدىن بىرەرسىنى ياخشى ئىشقا ۋە زىكىرگە ئادەتلىنىشكە، ئۇنى يامانلىققا ۋە بىھۇدە سۆزلەرگە ئىشلەتمەسلىككە نېسىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن› دېگەن. ئەلبەتتە، ئۇنىڭ دېگىنى ھەقتۇر، چۈنكى بەدەن ئەزالىرىنىڭ ياخشى ئىشقا ئادەتلىنىپ ياخشى ئىشنىڭ بۇ ئەزالارنىڭ تەبىئىتىدەك بولۇپ كېتىشى نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى توسۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، تىلى ئىستىغفار ئېيتىشقا ئادەتلەنگەن كىشى بىرەر كىشىدىن بىر يالغان گەپنى ئاڭلىسا، ئادەتلەنگىنى بويىچە ‹ئەستەغفىرۇللاھ› دەپ سالىدۇ. بۇ تىلنىڭ ياخشى سۆزگە ئادەتلەنگەنلىكىدىن بولغان».(7)

ئىستىغفار دۇئا بولۇپ، بۇ دۇئا ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىق جەھەتتىن زىكىرنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: كىشىلەر زىكىر قىلىشتا تۆت دەرىجىدە بولىدۇ: 1. دىل بىلەنمۇ، تىل بىلەنمۇ زىكىر قىلىش. بۇيرۇلغىنىمۇ مۇشۇ. 2. دىل بىلەنلا زىكىر قىلىش. ئەگەر تىلى ئاجىز بولسا بۇمۇ ياخشى. تىلى ئاجىز بولمىسا ئەۋزەلنى تەرك قىلغان بولىدۇ. 3. تىل بىلەنلا زىكىر قىلىش. بۇ تىلىنىڭ ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن نەملىنىپ تۇرۇشى بولۇپ، بۇ ھەقتە پەرىشتىلەر ‹ئاللاھنى تىلى بىلەن زىكىر قىلىشتىن باشقا ياخشىلىقىنى كۆرمىگەن بىر كىشىنىڭ ۋەقەلىكى› نى ھىكايە قىلىشغان. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ‹مەن بەندەم مېنى زىكىر قىلىپ، كالپۇكلىرى مېنى تىلغا ئېلىپ مىدىرلاپلا تۇرىدىكەن، مەن ئۇ بەندەم بىلەن بولىمەن›. 4. ھەر ئىككىسىدە زىكىر قىلماسلىق. بۇ زىيان تارتقۇچىلارنىڭ ھالىدۇر».(8)

ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «زىكىر گاھىدا تىل بىلەنلا بولىدۇ. بۇنىڭغا زىكىر قىلغۇچىغا ئەجىر بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى كۆڭلىگە ئەكىلىپ تۇرۇشى شەرت قىلىنمايدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن باشقا بىر مەزمۇننى مەقسەت قىلمىسىلا بولدى. تىل بىلەن قىلغان زىكىرگە دىلمۇ قېتىلسا، بۇ مۇكەممەل بولىدۇ. ئۇنىڭغا زىكىرنىڭ مەزمۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئۇنى بارلىق نۇقسانلاردىن پاكلاش قاتارلىقلارنى كۆڭلىگە ئەكىلىشمۇ قوشۇلسا، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ».(9)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1439، 28 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2018، 15 – يانۋار

—————-
1. ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 29/73.
2. «مەجمۇئۇل فەتاۋا» 10/566.
3. ئەبۇللەيس ئەسسەمەرقەندىي: «بەھرۇلئۇلۇم»، 1/283.
4. «بۇخارىي»، (6307).
5. «مۇسلىم»، (591).
6. «بۇخارىي»، (6306).
7. غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 4/48. قىسقارتىپ ئېلىندى.
8. ئىبنى ئەتىييە: «ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىز»، 5/374.
9. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 11/209.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ