ئەزھەرىيلەرگە بايانات (دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھنىڭ مىسىردا كىتاب كۆيدۈرگەن نائەھلى كاززاپ مۇھەممەدئەلى ئەمىن «ئوقۇغىن» ھەققىدىكى باياناتى)

ئەزھەرىيلەرگە بايانات

(دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھنىڭ مىسىردا كىتاب كۆيدۈرگەن نائەھلى كاززاپ مۇھەممەدئەلى ئەمىن «ئوقۇغىن» ھەققىدىكى باياناتى)

 

كىتاب – بىلىم – مەرىپەت بۇلىقى، دەپ ئېيتىدۇ ئەجدادلىرىمىز. كىتابنىڭ قەدىر – قىممىتى بىزدەك ئاش – نان قەھەتچىلىكىدىن باشلاپ ئىلىم – مەرىپەت قەھەتچىلىكىگىچە ھەرتۈرلۈك مەنىدىكى ئاچارچىلىقلارنىڭ تەمىنى تېتىپ، دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ باققان، «ئېرىشىش»تىن كۆرە، «تارتقۇزۇپ قويۇش» ۋە بارنى قولغا كەلتۈرەلمەسلىك تەلەيسىزلىكىگە گىرىپتار بىر مىللەتنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەقلىيە سۆزى بولۇشى كىتابنى سۆيۈشنى ئىلىم – مەرىپەتنى سۆيگەنلىككە باراۋەر ئورۇندا كۆرۈپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

ئاللاھتىن ئۇنىڭ ئالىم بەندىلىرى ئەڭ قورققىنىدەك، كىتاب ۋە مەرىپەتنىمۇ ئۇنىڭ بۇلىقىدىن سۇ ئىچكەن بىلىم ئىگىلىرى سۆيىدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ. ئەمما، كۈنىمىزدە ئىلىم – مەرىپەت ساھەسى بىلەن ھەپىلىشىپ كېلىۋاتقانلار ئارا شۇنداق ھادىسىلەر ئورتىغا چىقماقتىكى، بۇنىڭغا ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ھەقىقىي ۋارىسلىرىلا ئەمەس، بەلكى نورمال ئىنساندىكى ئىنسانلىق ۋە ئادەمىيلىكمۇ دەرتلەنمەي، ھازا ئاچماي، نەپرەتلەنمەي، ئازابلانماي قالمايدۇ. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ جاۋابكارلىقى كۆپىنچە ئىلىم – مەرىپەت بىلەن قىلچىلىك بادى – كەلدىسى يوق ئاڭقاۋلاردىن، مەرىپەت دۈشمەنلىرىدىن سادىر بولۇۋاتقىنى يەتمەيۋاتقاندەك يەنە شۇ ئىلىمنىڭ نېنىنى يەپ، سۈيىنى ئىچىۋاتقان، ئۆزىنى شۇ ئىلىمگە مەنسۇپ قىلىۋاتقانلار ئارىسىدىن چىقىۋاتقانلىقى كىشىنى ئېغىر دەرىجىدە ئېچىندۈرىدۇ ۋە سەسكەندۈرىدۇ.

يېقىنقى كۈنلەردە ئەزھەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە ئۇستازلارنى ياقا چىشلەتكىدەك دەرىجىدە ھەيران قالدۇرغان، چۆچۈتكەن ۋە سەسكەندۈرگەن كىتاب كۆيدۈرۈش ۋە تەھدىت سېلىش قىلمىشى يۈز بەردى. بۇ قىلمىش ئۆزىنى ئىلىم ئەھلىگە مەنسۇپ قىلىۋالغان، ئەمەلىيەتتە ئادەمىيلىك قېلىپىدىن چىققان بىر كاززاپنىڭ زەنجىرسىمان ئېغىر جىنايەتلىرىدىن بىرقىسمىدۇر.

مەزكۇر نائەھلىي كاززاپ مېنىڭ خەۋىرىم يوق «ساجىيە» نامىدىن، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان، مېنىڭ خەۋىرىممۇ بولمىغان «ساجىيە ئەرەبچە ۋە شەرئى بىلىملەر ئۆگىتىش مەركىزى» نامىدا كىتاب باستۇرۇپ تارقاتقان. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي مەندىن بىسوراق «ساجىيە» نامىدىن مۆھۈر ئويدۇرۇپ ئىشلەتكەن. كەمىنە بۇنىڭدىن تاسادىپىي خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن بۇندىن كېيىن «ساجىيە» ئىسمىنى قوللانماسلىقنى، مەندىن بىسوراق ئىشلەتكەن مۆھۈرنى دەرھال يوقۇتۇشنى ۋە «ساجىيە» نامىنى ھەرقانداق قالايمىقان نەرسىلەر ئۈچۈن سۈيئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتتىم.

بۇ تۈرلۈك قىلمىشلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ تەنبىھ بەرگەندىن كېيىن بىرقانچە كۈن ئۆتە – ئۆتمەي مەزكۇر كىتابلارنى كۆيدۈرۈش بىلەنلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇستازلارغا قارشى ئالاھىدە ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماڭا يەتكۈزۈلۈشى مەقسەت قىلىنىپ ئۇستازلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ئۇستازلار يوق ۋاقتىدا كىتاب كۈلىنى ئەخلەت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ شايكىلىرى ئارقىلىق خۇپىيانە يوللىغان ۋە ئۇلار ئارقىلىق ماڭا تەھدىت قىلىشقا ئۇرۇنغان. بۇ سەۋەبلىك ئائىلىلىرىمىزنىمۇ بىئارام قىلغان. مەزكۇر پەسكەش ئويۇن دەرھال ئاشكارىلىنىپ ئېنىق دەلىل – پاكىت ئالدىغا قويۇلغاندا، كۆز ئالدىمدا تېنىۋالدى ۋە بۇنى ئوقۇغۇچىلىرىغا دۆڭگىدى، تېخى يەنە شۇ مەيداندا ناھەق ئازار يېگەن ئۇستازلارغا يۈزتۇرانە تەھدىت سېلىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلىدى. نەتىجىدە يەنە تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەن تەرىقىدە ئارىدا ئىغۋا تارقىتىش قاتارلىق ئېغىر قىلمىشلارنى يۈزى چىمىلدىماي سادىر قىلدى.

گەرچە، قىلمىشى ئەلجاھانغا ئاشكارىلىنىپ بولغان، مەيلى ئارىدىكى سۈلھچىلەر بولسۇن ياكى باشقا ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، كۆپ ساندىكى بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلار بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ قىلغانلىقىغا جەزمى يەتكەن، ئۇنىڭغا نەپرەت ياغدۇرۇۋاتقان بىرپەيتتە ئۇنىڭدىن بۇ پەسكەشلىكنى ئۆزى تەرىپىدىن باشقىلار ئارقىلىق قىلدۇرغانلىقىنى تەن ئالغانلىق خەۋىرى ماڭا يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇستازلارغا تەھدىت سېلىش ئىشىدا غالچىلىق رولىنى ئوينىغان، شايكىلىق ۋە غالچىلىق تەبىئىتى بىلەن تۇغۇلغان قارا نىيەتلىك شايكىلارنىڭ تېخىچە يۈزى چىمىلدىغىنى يوق.

دەرۋەقە، كىتاب كۆيدۈرۈلدى. تەھدىت سېلىندى، ئائىلە مەھرەمىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىندى. ئوقۇغۇچىلار رەزىل قىلمىشقا سېلىندى. ئەمما، نەتىجىدە بۇ كاززاپلار مۇشۇ قىلمىشلىرى بىلەن مۇسۇلمانچە ئەخلاقىدىنلا ئەمەس، ئىنسانىي ئەخلاقىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى.

مەن قاتارلىق ئەزھەردىكى ئوقۇغۇچى ۋە ئۇستازلار بۇ قىلمىشلارغا قارىتا ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدۇ ۋە نەپرىتىنى بىلدۈرىدۇ.

مەن ۋە بۇ خىل يولسىز تەھدىتكە ناھەق ئۇچرىغان ئۇستازلار بۇ كاززاپقا قارىتا ئۈزۈل – كېسىل سالام – سائەت قىلماسلىق، مۇئامىلە قىلىپ سېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش تەدبىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق نەپرىتىمىزنى، سەسكىنىشىمىزنى ئىپادىلىگەن بولدۇق.

شۇنداق! مۇسۇلماندا مۇھەببەت – نەپرەت ئېنىق بولۇشى كېرەك، ھايات تۈرلۈك رەزىل قىلمىشلارغا قارىتا مەيدان ۋە پوزىتسىيەدىن ئىبارەت. ئاللىقانداقتۇر مەنپەئەت ياكى زىياننى ئويلاپ ئارىدا لىللا تۇرماي، مۇنكەرنى توسۇشقا ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلماي، بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغانلار ياكى جىنايەتنى سادىر قىلغانلارنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۇستازلارنى ياكى مېنى ئەيىبلىگەن بىرقىسىم كىشىلەر بولسا، ھاياتنىڭ مەيدان سىنىقىدىن ئۆتەلمىگەنلەردۇر.

دەرس مۇنبىرى ئىلىم تارىتىدىغان، ئىلىم – مەرىپەتنى تەمسىل ئېتىدىغانلارنىڭ ئۆزىنى ۋە قابىلىيىتىنى نامايىش ئېتىدىغان شەرەپ سەھنىسى بولسا، دىنىي ئىلىم مۇنبىرى دىننى ۋە ئۇنىڭ مەرىپەت خەزىنىلىرىنى تەمسىل ئېتىدىغان ئالاھىدە سەھنە. ئۇنىڭ ئەھلى چوقۇم بۇ سەھنىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالايدىغان، بۇ سەھنىگە خىيانەت قىلمايدىغان، پەزىلەت ئەھلى بولۇشى لازىمكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ شەنىنى تۆككۈچى بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى، دىننىڭ ئۆزى دىن ئەھلىنىڭ ئاللاھتىن ئالغان ئامانىتى. دىن ئىلمى بولسا، ئۇنىڭ رەسۇلىدىن ئالغان ئالتۇن مىراسىدۇر.

بۇ ئامانەتكە ۋە بۇ مىراسقا ئىگە چىقىش ئەلۋەتتە ھەربىر مۇسۇلماننىڭ، جۈملىدىن بۇ ئىلىمنى ئۈممەتكە ۋاكالىتەن ئېلىۋاتقان ھەربىر ئىلىم ئەھلىنىڭ بۇرچىدۇر. مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىر سەھنىنىڭ شەنىنى ئۆزىنىڭ نوپۇز تىكلەش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوخشاش مەرەز تەبىئەتلىك كىشىلەرنى يېتىلدۈرۈشكە خىزمەت قىلدۇرماقچى بولغانلارنىڭ چىقىۋاتقانلىقىغا، قۇلاقلىرىمىز ئاڭلاشتىن ھايا قىلىدىغان بىر كەيپىياتتا تۇرۇۋاتقان بولۇشىمىزغا قارىماي، ئەكسىچە ئۆز كۆزىمىز بىلەن شاھىد بولۇشىمىز ئادەمنى ھەم ئېچىندۇرسا، ھەم ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

ئەجەبا، ئۈممەتنىڭ كېلەچىكى ئۇنىڭ ئىلىم – مەرىپەت مەشئىلىنى تۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلگەن خەلقىمىز ئۆزى ۋە ئەۋلادلىرىنى بىزگە سالامەت تاپشۇرسا، بىزنىڭ بۇ ئەۋلادلار ئارىسىدىن ناچار قىلمىشلار، پەسكەش پىلان ۋە ئويۇنلار ئۈچۈن ماڭ دېسە ئويلانمايلا ماڭىدىغان، قىل دېسە ئىككىلەنمەي قىلىدىغان غالچامىجەز تىپلارنى تەربىيەلەپ چىقىشىمىز ئۇلارغا ۋە دىنىي ساھەگە قىلىنغان خىيانەت بولماي نېمە؟

مەن نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ قالىمەن؟ چۈنكى ھەقىقىي ئۇيغۇر كىتاب كۆيدۈرمەيدۇ. ھەقىقىي مۇسۇلمان دىنىي تەلىم ھەققىدە سۆزلەر يېزىلغان ئەسەرلەرنى كۆيدۈرمەيدۇ. كىتاب كۆيدۈرمەك ئۇيغۇرغا يات. مۇسۇلمانغا تېخىمۇ شۇنداق. بۇ قىلمىش ماڭا بۇرۇن تەجەللى ھەزرىتىم تالىپلىرىنىڭ ئۇستازىنىڭ كۇتۇپخانىسىنى كۆيدۈرگەن ۋەقەسىنى ئەسلەتسە، بىر تەرەپتىن ئەينى زامان نايمان شاھزادىسىنىڭ خوتەندە كىتاب كۆيدۈرگەن ۋە مەن تور نامى قىلغان «ساجىيە» ئىسمىنىڭ مەنبەسى بولغان، مەشھۇر ئىلىم – مەرىپەت بۆشۈكلىرىدىن «ساجىيە مەدرىسىسى»نى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلغان پەسكەش قىلمىشلىرىنى قايتىدىن ئەسلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا: ئەجەبا، تارىخ ئوخشىمىغان ۋارىيانتلىرى بىلەن قايتىدىن تەكرارلىنىۋاتامدۇ، قانداق؟! دېگەن خىياللار تەسەۋۋۇر دۇنيارىمغا كەچمەيمۇ قالمىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىلمىش پەقەت كىتاب كۆيدۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، بەلكى يامان نىيەتلەر ئارىلاشقان، پەسكەش پىلانلار، تەھدىتلەر، قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئېغىرلاشقان.

ئىلىمسۆيەر دوستلارغا مەلۇمكى، دەرس مۇنبىرى بىر ئىلىم ئۆگەنگۈچى ئۈچۈن گويا بىر مېھرابىدۇر. مېنىڭچە بولغاندا بۇنداق دىن ساھەسىدىن چىققان يېڭى دەۋر «مېھراب چايانلىرى»غا كېرەكلىك جاۋاب بېرىش، بۇ تۈرلۈك مۇنكەرلەرنى نەھيى قىلىش يەنە شۇنداق چايانلاردىن قەۋمداشلارنى ئاگاھ قىلىش، بىر زۆرۈرىيەت.

چۈنكى، بۇ دەۋرىمىزدە دىن شۇ قەدەر دەپسەندە قىلىنماقتىكى، دىن دۈشمەنلىرى ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇ دىننى ئۆز ئەھلىنىڭ قولى بىلەن خۇنۈكلەشتۈرۈش، نابۇت قىلىش ۋە دەپسەندە قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەمدە رەزىل يوللىرىنى چىرايلىق نىقابلار ئاستىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا روياپقا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا. بىراق بىزنىڭ بۇ ئىلىم – مەرىپەت بۆشۈكى بولغان ئەزھەرگە ئوقۇشقا ئەمدى مۇشەررەپ بولا – بولمايلا ئۆزىنى «ئەزھەر ئەركىسى» دەپ ئاتىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىپ قويغىنىنى دۆتلۈك، يول قويغىنىنى ئاجىزلىق چاغلاپ، ئۇستازلارغا نامەردلىك قىلىشى، رەزىل پىلانلارنى تۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنى يامان ئىشلارغا سېلىشى دىنسىزلارنىڭ دىننى يۇقىرىقىدەك خۇنۈكلەشتۈرۈش پىلانىغا ماسلاشقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بۇنداق دېيىشىمىز ئەسلىدە ئۇنىڭ بىر تەرەپتىن ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى ئالتە توك – توك تالىپنى بارلىق ئەزھەرىيلەرگە، ئەزھەردىكى بارلىق ئوقۇغۇچى ۋە ئۇستازلارغا ۋەكىل ساناپ ئاتالمىش «ئەزھەر ئەركىسى» نامىدا، دىننىڭ رۇسلىقى ۋە بەردەملىكىنى، شۇنداقلا، مۇستەھكەم ھەيۋەت – شەنىنى دەز كەتتۈرىدىغان ئاتالمىش «مۆتىدىل ئىسلام» كەبى خۇنۈك ئاتالغۇلارنى بۈيۈكلىرىمىزنىڭ ۋەسەتىيلىك ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمىسىگە ئىشلىتىپ، ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىق ۋە ئادىللىق كەبى ئىپادىلىرىگە ئالماشتۇرۇپ تەشۋىق قىلغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. ھەتتا ئەينى ۋاقىت ئاتالمىش «مۆتىدىل ئىسلام» نامىدىكى يازمىلار دەسلەپ ئۇنىڭ ئۇندىدار چەمبىرىكىدە پىرقىراپ يۈرگەن ۋاقىتتىلا ئۇنىڭغا ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنداق ئاتالغۇنى ئىشلەتمەسلىكى ھەققىدە تەۋسىيە بەرگەن ئىدىم. شۇنداق تۇرۇپ مېنىڭ تۈزىتىپ بېرىشىمگە پىسەنتمۇ قىلماي، مېنى ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدىغانغا چىقىرىپ ئەزۋەيلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ماۋزۇدا بىرقاتار يازمىلارنى ئۆزلىرى قۇرۇۋالغان «ئوقۇغىن» ھەمدە ھېچكىمگە ۋەكىل بولۇش سالاھىيىتى يوق ئاتالمىش «ئەزھەرىلەر ئوقۇ – ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى» نامىدا ئۈندىدار تەشۋىقات سۇپىسى لايىھىلەپ تارقىتىشنى توختاتمىدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە بۇنىڭ ۋە بۇ ئاتالمىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاغما تەرجىمىلىرىدىن راھەتسىزلەنگەن خەلقىمىز «ئەزھەرىيلەر» نامىدىكى بۇ تەشۋىقاتنىڭ ھېسابىنى مەندىن سۈرۈشتە قىلىپ، بۇخىل ئىشنىڭ تېگى – تەكتىنى سوراپ «ساجىيە»گە ئىنكاس بىلدۈرگەندە، بۇنىڭ بۇخىل تەشۋىقاتىنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدىكى ئويغاق كىشىلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە بۇنداق شالتاقنىڭ مەن ۋە باشقا كۆپچىلىك بولۇپ ھەقىقى «ئەزھەرىيلەر»نىڭ شەنىنى بۇلغىشىدىن چۆچۈگەن ھالدا مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى جىددىي شەكىلدە سوئال سورىغۇچى ئابونتقا قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ مەن ۋە باشقا ئەزھەرىيلەر بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، بۇنى قىلىۋاتقان قارىقاشلىق «مۇھەممەدئەلى ئەمىن (ئوقۇغىن)» دەپ ئاتىلىۋاتقان نائەھلىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدىم.

نۆۋەتتىكى باياناتمۇ «ساجىيە»دە بەرگەن جاۋابىمنىڭ تەپسىلاتى ۋە تولۇقلىمىسى بولۇپ، «ساجىيە» بىلەن قەلبداش، شۇنداقلا، ئەزھەرىيلەر بىلەن يولداش بولغان ھەرساھە دىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئىشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى بىلىپ قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

شۇنداقلا، ئەزھەرىيلەرنىڭ شەنىنى بۇلغاش يولىدا ھەپىلىشىۋاتقان، ئەزھەرىيلەر ۋەكىل قىلىپ سايلىمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن كۆپچىلىك ئەزھەرىيلەرگە ئومۇم بولغان «ئەزھەرىيلەر» ئۇنۋانىنى سۈيئىستېمال قىلىۋاتقان بۇ گۇرۇپپىنىڭ تېزدىن مەزكۇر ئۇنۋان ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ چامى يېتىدىغان مۇناسىپ بىر ئۇنۋاننى ئېسىۋېلىشىنى، «ئەزھەرىيلەر» نامىدىكى ئۆزلىرىگە مەنسۇپ ئۈندىدار، مۇنازىرە مۇنبىرى ۋە باشقا بارلىق تەشۋىقات سۇپىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆزلىرىگە ۋەكىل بولىدىغان، ھېچ بولمىسا كۆپچىلىك «ئەزھەرىيلەر»گە ۋەياكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شەرەپلىك نام – ئاتىقىغا دېغى چاچرىمايدىغان بىرەر نام بىلەن ئىش قىلىشلىرىنى يەنە بىرقېتىم كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنداقلا، ئەزھەردىكى ئۆزىنى ئەزھەرىي ھېسابلايدىغان ھەربىر ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزكۇر تەشۋىقات سۇپىسى ۋە ئەھلىنىڭ قىلمىشلىرىغا جىددىي قاراپ مەسىلىگە ئاڭلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى، ئۇشبۇ چاقىرىققا بىر ئەزھەرىي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋاز قوشۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

چۈنكى، مېنىڭچە بولغاندا، ئۆزىنى دىن ئۆگەنگۈچى دەۋاتقان ھەربىر ئوقۇغۇچى، شۇنداقلا، ئۆزىنى دىن ئەھلىگە تەلىم بەرگۈچى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان ھەربىر ئۇستاز شۇنى بىلىشى كېرەككى، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ تەپ تارتماستىن «مۆتىدىل ئىسلام» ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ساقنى كېسەل، كېسەلنى ساق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ، دىننى مەلۇم مەنپەئەت ساھىبلىرىغا ئېگىپ بېرىدىغان تەشۋىقات ئۇسۇلىنى دىنىي ساھەگە كۆتۈرۈپ كىرىشى ۋە ھەقنى بۇرمىلىشى ئەمەلىيەتتە، دىننى ھەقىقىي رەۋىشتە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىدىن باش تارتقانلىق، ئەھلى كىتاب كەبى دىننىڭ ئامانەتلىرىنى ئەينەن يەتكۈزۈش ھەققىدىكى ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە خىيانەت قىلغانلىق. شۇنداقلا، دىننى ئۆزىنىڭ دۇنيالىق مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەس غەرەز – مۇددىئالىرى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئانچىكى دۇنيالىق نوپۇزى ۋە مال – مۈلكى ئۈچۈن قۇربان قىلغانلىقتىن باشقا ئەمەس. مانا بۇلارنىڭ ھېچبىرى دىن مەنسۇپلىرىغا قەتئىي ياراشمايدىغان، قۇرئان ۋە سۈننەت بۇلاقلىرىدىن سۇغۇرۇلغان ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئەسلا قوبۇل قىلالمايدىغان ئىشلاردۇر.

شۇڭا مەن دىنىي ئىلىم ساھەسىدە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇۋاتقان ۋەيا قوشۇش ئىستىگىدە ئوقۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا مۇراجىئەت قىلىمەنكى، دىن ئىشىدا ئاللاھتىن قورقايلى، دىنىي ساھەنى بىراۋلارنىڭ ۋەياكى ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاسىتىلىك ياكى ۋاسىتىسىز، بىلگەن ۋەيا بىلمىگەن ھالدا خىزمەت قىلدۇرۇپ قېلىشتىن ھەرۋاقىت ئېھتىيات ۋە سەگەكلىكتە بولايلى! ئوقۇ – ئوقۇتۇش خەلقنىڭ بىلىم ساپاسىنى كۆتۈرۈش، دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ شەنىنى بۇلغاش، ئۇنى بۇرمىلاش، ئۇنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنىش ۋەيا بىراۋلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ھەمدە ئۇنىڭ خىزمەت ساھەسىنى دەپسەندە قىلىش بولماسلىقى لازىم.

دىن ئىشى ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت بىلەن بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا سۈيىقەست قىلىش، ئۇلارغا تۆھمەت قىلىش ۋە شەخسىي غەرەز بىلەن بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم نىيەت ۋە ئەمەللىرىمىز خالىس، سەمىمىي بولۇشى لازىم! چۈنكى ئاللاھ پەقەت خالىس بولغاننى ۋە ئۆزىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلىنغاننىلا قوبۇل قىلىدۇ.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

قاھىرە

ھ. 1436، 15 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2015، 6 – مارت

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ