تەقۋادار، قەيسەر، خۇداگۇي ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەنۋەر جۇندىي

(ھىجرىيە 1335 – 1422 / مىلادىيە 1917 – 2002)

 

بىز تېرەن پىكىر ساھىبى بولغان مول – ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى، پۈتكۈل ھاياتىدا پەقەت ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ھاياتلىق، ئىقتىدار، كۈچ – قۇدرەت، ئۇزۇن ئۆمۈر، زېرەكلىك قاتارلىق نېمەتلەر ئاساسىدا ئېرىشكەن ئىدىيەسى ئۈچۈنلا ياشاش ۋە ئۇنى تەلقىن قىلىشتىن باشقا ئارمىنى بولمىغان مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ ئەنۋەر جۇندىينى تونۇشتۇرماقچىمىز.

ئەللامە، مەرھۇم ئەنۋەر جۇندىي مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدىغان دەۋادا بىر ئادۋوكاتمەن؛ 50 يىل ئىلگىرى مۇشۇ يولدا شېھىت بولغان ئىمام بۇ دەۋانى كىشىلەرگە ئېلان قىلغاندىن بۇيانقى 40 نەچچە يىل مابەينىدە ھېلىھەم بۇ دەۋاغا ۋەكىل بولۇپ كېلىۋاتىمەن. مەن بۇ دەۋانى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن تەييارلىقلارنى ھازىرلاپ، ئاللاھ ھەق تەبارەكە ۋە تائالاغا ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى﴾([1]) دېگەن پۈتۈم ۋە ‹جاننى ئاللاھ ئۈچۈن سېتىش›تىن ئىبارەت سودا كېلىشىمىگە رىئايە قىلغانلىق ئەسلەتمەمنى سۇنىمەن. ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ قىممەت ‹تاۋىرى› بولغان جەننەت بۇ كېلىشىمنىڭ تولىمۇ يۇقىرى بەدىلىدۇر».

تېگى بار ئائىلە

ئەنۋەر جۇندىي 1917 – يىلى مىسرنىڭ ئاسيۇت ئۆلكىسىگە قاراشلىق دەيرۇتتا تۇغۇلغان. بۇ جاي مىسرنىڭ ئەڭ مۇنبەت تۇپراقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ تۇپراقنى نىل دەرياسىنىڭ ئىبراھىمىيە، بەھر يۈسۈف ۋە دەلجاۋىي قاتارلىق ئۈچ تارماق ئېقىنى سۇغۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەزەلدىن ئىلىم – مەرىپەت بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن قەدىمىي جەمەتكە تەۋە بىر ئائىلە ئىدى. ئانا تەرەپ بوۋىسى شەرئى سوتچى بولۇپ، مىراس تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. دادىسى بىلىملىك، زىيالىي كىشى بولۇپ، ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە رايونلۇق، خەلقئارالىق ئېقىم مەسىلىلىرىدىن ئوبدانلا خەۋەردار كىشى ئىدى. جۇندىينىڭ ئۆيى گېزىت – ژۇرناللارغا، مەغرىب قىشلاقلىرىنىڭ داھىيسى ئابدۇلكەرىم خەتتابى ۋە پەلەستىن ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئۆز ۋاقتىدا نامى تىللاردا داستان بولغان، جۇندىينىڭ دادىسى ياخشى ئۈمىدتە ئىسمىنى ئوغلىغا ئىسىم قىلىپ قويغان تۈرك قوماندان ئەنۋەر پاشالارغا ئوخشىغان قەھرىمانلارنىڭ سۈرەتلىرىگە توشۇق ئىدى.

ئۇ، «قۇرئان كەرىم»نى مەھەللىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا يادقا ئىلىپ بولغانىدى. دادىسىنىڭ سودىگەر بولۇشىدىن ئىبارەت قولاي شارائىت ئۇنى كىچىك تۇرۇپلا ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى سودا ئىلمىنى ئۆگىنىپ تاماملىغاندىن كېيىن، «مىسىر بانكىسى»دا ئىشلەش پۇرسىتىگە نائىل قىلغانىدى. ئۇ ئىقتىساد، بانكا، خىزمەتچىلەرنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، ئىشلەپ تۇرۇپ كەچلىك ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئىسلام توغرىسىدا شەرق ۋە غەربتىكىلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان شەك – شۈبھىلەردىن خەۋەردار بولۇش ۋە ئۇنىڭغا لايىقىدا، توغرا ئۇسۇلدا رەددىيە بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئالايىتەن ئۆگەنگەن ئىنگلىز تىلىنى راۋۇرۇس پۇختىلىغان ھالدا، «ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى»نى پۈتتۈرگەن.

ئۇ تەپەككۇر قىلىش ۋە يېزىقچىلىق قىلىش سەپىرىنى بالدۇرلا باشلىغان. 1933 – يىلى دوكتور ئەھمەد زەكىي ئەبۇ شادىي تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژۇرنال «ئاپولو»نىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىغا ۋە «نىل دەرياسى شائىرى» ھافىز ئىبراھىمغا ئاتاپ مەخسۇس سان چىقىرىش ئۈچۈن، مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان چاغدا، ئەنۋەر جۇندىي قەلەمنى قولىغا ئېلىپ ھاپىز ئىبراھىم توغرىسىدا ماقالە يازىدۇ ۋە ماقالىسى تاللىنىپ ژۇرنالغا بېسىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن مۇشۇ يېشىمدا (17 ياش) تۇرۇپ ‹ئاپولو›دا ماقالە ئېلان قىلالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. بۇ ماڭا ‹بايانات›، ‹شەرق يۇلتۇزى›، ‹رىسالە› قاتارلىقلار كەبى شۇ چاغدىكى ئەڭ مەشھۇر گېزىت – ژۇرناللاردا ئەسەر ئېلان قىلىشىمنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى».

ئەنۋەر جۇندىي ئىدىيە ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە

ئىسلامنى قوغداش ئۈچۈن ھەر لەھزىدە كۆزىتىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ يېتۈك شەخس سەپىرىنى داۋام قىلىپ، دۈشمەنلەر مۇسۇلمان دىيارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىللىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىشتا ئۆتىدىغان ئەڭ خەتەرلىك نۇقتا بولغان «ئىدىيە ئۇرۇشى» قوۋۇقلىرىدا پوستتا تۇرغانىدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئاساس سېلىش ۋە بەرپا قىلىش، بەرداشلىق بېرىش ۋە تىرىشىش، ئىجاد قىلىش ۋە تارىتىش، پەرۋىش قىلىش ۋە كېلەچەك يارىتىشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچىنىڭ يېتەكچىسى ئىدى.

1940 – يىلى ئەللامە ئەنۋەر جۇندىينىڭ ھاياتىدىكى ئالاھىدە بىر يىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى ئۇ بىر بۆلۈك شەرقشۇناسلار ئاپتورلۇقىدىكى «ئىسلام نۇقتىئىنەزەرى» ناملىق كىتابنى ئوقۇيدۇ. بۇ كىتاب ئۇنىڭ ئىسلامغا جەڭ ئېلان قىلىش ۋە غەربلەشتۈرۈش سۇيىقەستلىرىنىڭ ھەجىمىگە نەزىرىنى ئاغدۇرۇشىغا، بۇ سۇيىقەستلەرگە قارشى ئىسلام جەڭ مەيدانلىرىدا مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «بۇ قەلىمىم ئەجنەبىيلەرنىڭ ئىدىيىۋى سىڭدۈرمىچىلىكلىرى ۋە مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى قورالىمدۇر».

ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ كەسكىن، ئەڭ تەخىرسىز، ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ كەڭ ئومۇملىشىۋاتقان «قەلەم كۈرىشى مەيدانى»دا قولىغا «قورال» ئېلىش بىلەن ئىش باشلىدى. ئۇ بۇ مەيداندا تاھا ھۈسەين، ئابباس ئەققاد، ئەھمەد لۇتفى، سالامە مۇسا، جورجى زەيدان، تەۋفىق ھەكىم قاتارلىقلارنى ئۇچراتتى ۋە بۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئىسلامىي مىزاندا دەڭسەش ئۈچۈن، ئادىل تارازا بەرپا قىلدى. ۋەزنى بار پىكرىي ئۆلچەم كىتابلىرىدىن «دەۋرداش ئەرەب ئەدىبلىرىگە ماياك»، «ھازىرقى زامان ئەرەب ئەدەبىياتى ئۇيۇشۇش، ئەركىنلىك، قارشىلىق كۆرسىتىش مەيدانلىرىدا»، «ئىمپورت قىلىنغان غەرب ئۇسلۇبىنىڭ خاتالىقلىرى»، «دەۋرىمىز يازمىلىرىغا ئىسلامىي روجەكتىن قايتا نەزەر» قاتارلىق ئونلىغان كىتابلارنى نەشردىن چىقاردى. ئۇ، تاھا ھۈسەيننىڭ ماقالىلىرىنى غەربلەشتۈرۈش تېزىسلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ۋە ئەڭ كۈچلۈك لاگېرى دەپ قارىغاچقا، مەخسۇس تاھا ھۈسەين توغرىسىدا «تاھا ھۈسەين ئىسلام مىزانىدا» ۋە «تاھا ھۈسەيننىڭ ئىدىيەسى ھەققىدە مۇھاكىمە» ناملىق ئىككى كىتابىنى نەشر قىلدۇردى. بۇ كۈچلۈك زەربە خاراكتېرلىك كۆرسەتمە ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ئىسلامىي تەپەككۇرنى بېقىندىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئورۇندىكى خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.

ئەدەبىيات بىلەن مەپكۇرە قوشكېزەك

ئەللامە ئەنۋەر جۇندىي ئەدەبىياتنى (ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېلېمېنتى بولغان) پىكىر يۈرگۈزۈشتىن ئايرىۋېتىش ھەقىقىي ئىسلام ئۇقۇمىنى پۇچەكلەشتۈرگەنلىك ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە دەخلى – تەرۇز قىلىش غەرىزىدە ئەدىبلەرنىڭ ئالدىدا ھەيۋە قىلىپ تۇرغان خىرىسلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى دەپ قارىغان. شۇڭا، ئۇ ۋەزىنلىك يازمىلىرىدا، غەرب مەپتۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى غەربلەشكەن ئەۋلادلىرى ئۇۋال قىلغان رافىئىي، سەئالىبىي، باكسىير، مۇھەممەد فەرىيد، ۋەجدىي، سەھھار، كەيلانىي، تىيمور… قاتارلىقلار كەبى توغرا ئىسلامىي چۈشەنچە ئىگىلىرىگە قارىتا ھەققانىي مەيداندا تۇرغان. شۇ سەۋەبلىك ئۇ، بۇ يولدا 1951 – يىلى بىر يىل قامالغاننىڭ سىرتىدا يەنە نۇرغۇن ئازار – كۈلپەتلەرگە، ئادالەتسىزلىكلەرگە، زورلۇقلارغا ئۇچرىغان.

شېھىت ھەسەنۇل بەننا ئۇنىڭ تەپەككۇر پىلتىسىگە ئوت ياقىدۇ

پىشقان تارىخشۇناس، بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئەنۋەر جۇندىي ھايات مۇساپىسىنىڭ دەسلىپىدىلا ئىمام، شېھىت ھەسەنۇل بەننا بىلەن ئۇچراشقان. بۇ مۇبارەك ئۇچرىشىش ھەقىقەتەن قۇتلۇق بىر ئۇچرىشىش بولغانىدى. ئۇ شۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىسلامىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغۇچىلارغا ئوزۇق، ھەر جايدىكى ئىلىم ھەۋەسكارلىرىغا چىراغ بولسۇن دەپ، تۈرلۈك پەنلەرنىڭ مۇقەددىمىسى ئۈچۈن، ئىسلامىي تۈستىكى پىروگرامما تۈزۈپ چىقىشقا ئۆز – ئۆزىگە ۋەدە بېرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن «قۇرئان كەرىم» ۋە سۈننەت بەرپا قىلغان ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئاساسىي يىلتىزلىرى تەتقىقاتى؛ پارسلاردىن، يۇنانلىقلاردىن، ھىندىلاردىن كىرگەن تەرجىمە ئىدىيەلەرنىڭ ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئالدىدىكى تىپىرلاشلىرى ۋە ئەھلى – سۈننە ۋەلجەمائە چۈشەنچىسى بىلەن قانداق تىركەشكەنلىكى؛ ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قانداقسىگە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، مۇستەملىكىچىلىك، ئېكسپلاتاتسىيە، غەربلەشتۈرۈش، ئىدىيىۋى جەھەتتىن خارابلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا قارشى تۇرغانلىقى… قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 توملۇق ئېنسىكلوپېدىك كىتابى نەشر قىلىنىپ ۋەدىسى ئىشقا ئاشىدۇ. بەزىلەر: «بۇ ئېنسىكلوپېدىك ئەسەر ھېلىھەم ئونلىغان ئىلمىي مەجمۇئەلەرگە، يۈزلىگەن ئىلمىي مۇئەسسەسە ۋە ھەيئەتلەرگە تېخىچە جەڭ ئېلان قىلغان ھالەتتىدۇر» دەيدۇ. بۇ ئېنسىكلوپېدىك ئەسەرنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىدا جۇندىينىڭ شەيخ ھەسەنۇل بەننا بىلەن ئۇچراشقانلىقىنىڭ تەسىرى بار، ئەلۋەتتە.

ئەسەرلىرى

ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق مەسىلە بولسا، ئىسلام قانۇنىنى (شەرىئىتىنى) ھۆكۈمران قىلىش مەسىلىسىدۇر. ئەللامە ئەنۋەر جۇندىي چوڭقۇر پىكىرلىك، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ئۇنىۋېرساللىق بىلەن خاراكتېرلەنگەن مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر تۈسى قويۇق 200 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب، 300 دىن ئارتۇق ماقالە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇبارەك قەلىمى بىلەن يېزىلغان ھەربىر كەلىمىدە بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئوچۇق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەرقايسى كىتابخانىلارنىڭ ئىككى مىليوندىن ئاشىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى كۆرۈپ چىققان. بەزى كىتاب ۋە ئەسەرلەرنىڭ ئىسمىنى خاتىرلىۋالغان. ‹ھىلال ئاي›، ‹ئۈزۈندىلەر›، ‹مەشرىق›، ‹قەندىل›، ‹رىسالە›، ‹مەدەنىيەت› قاتارلىق چوڭ ژۇرناللارنىڭ مۇندەرىجىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، بەزى تېمىدىكى ئەسەرلەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىنى سۈزۈپ چىققانىدىم. ‹ئەلئېھرام گېزىتى›نى 20 يىل ئۈزمەي كۆردۈم، ‹تۇغ›، ‹ئاخبارات›، ‹شەرق يۇلتۇزى›، ‹جىھاد›… قاتارلىق گېزىتلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم. بۇلاردىن سىرت يەنە، شۇ ۋاقىتلاردىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ نەشر ئەپكارلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن تېمىلارغا بولغان تونۇشنىڭ قانچىلىكلىكىنى تەخمىن قىلىش ئۈچۈن ئىدى».

كىچىك پېئىللىقى ۋە يۈكسەك ھىممەت ساھىبى ئىكەنلىكى

ئۇنىڭ جىيزەنىڭ تالەبىيە رايونىدىكى ئوسمان مۇھرىم كوچىسىغا جايلاشقان تۇرالغۇسىنى بىلىدىغان كىشى بۇ ئۆينىڭ ھەممە ھۇجرا ۋە قەۋەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ تۈرلۈك ساھەلەرگە ئائىت نۇرغۇنلىغان بىلىم – مەرىپەت «ئېنسىكلوپېدىيەسى» ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىلمىي كارتوچكىلىرىلا 180 كوروپكىغا قاچىلانغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان سەۋر – تاقەت بىلەن، دەۋرىمىزدە مىسلى كۆرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئىلمىي ئەمگەك ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىش ۋە مال – مۈلۈك، بالىچاقىلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالماسلىق بىلەن قولغا كەلتۈرگەن. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا فائىزە ئىسىملىك بىر قىز پەرزەنت ئاتا قىلغان بولۇپ، بويىغا يەتكەندە ياخشى بىر يىگىتكە ياتلىق قىلغان. بۇ يىگىت كېيىنچە، ئۇستاز ئەنۋەر جۇندىينىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى بولۇپ قالغان.

ئۇستاز ئەنۋەر جۇندىي ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىكرىي ئەندىزىسىگە ئاساس سالغۇچى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ زىيف فىرويىد، ماركس، دارۋىن، دوركايم قاتارلىقلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئېچىپ بەرگەن. غەزالىي، ئىبنى رۇشد، فارابى، ئىبنى سىنا، ئۆمەر ھەييام… قاتارلىق پەيلاسوپلارغا نىسبەتەن ئىجابىي مەيداندا تۇرغان. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن بارلىق ئىلىم سەمەرىلىرىنى پۈتكۈل ئوقۇرمەن ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئىسلام مۇئەسسەسەلىرىگە ۋەخپە قىلىۋېتىشنى ۋەسىيەت قىلغان.

ئۇ نائىل بولغان ھۆرمەتلەر

ئۇستاز جۇندىي 1960 – يىلى «دۆلەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئىسلام دۇنياسىنىڭ پايتەختلىرى بولغان رىياد، رەبات، ئالجىرىيە، مەككە مۇكەررەمە، خارتۇم، جاكارتا قاتارلىق جايلاردا ئېچىلغان كۆپلىگەن ئىسلامىي يىغىنلارغا قاتناشقان ۋە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا لېكسىيە سۆزلىگەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، ئۇ ئىسلام تەرەپدارلىرىغا مەنسۇپ بولغان ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇتەپەككۇرلار ئارىسىدا ھەممە كۆز تىكىدىغان ئورۇنغا ئىگە قىلىدىغان نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنىڭ ساھىبى ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، نام – شۆھرەت، كۆزگە چېلىقىش دېگەنلەرگە پەقەتلا قىزىقمايتتى. ئۇ يۈرۈش – تۇرۇشلىرىدا، كىيىم – كېچەكلىرىدە ۋە ھەممە ئىشلىرىدا تولىمۇ ئاددىي – ساددا ئىدى. لېكسىيە ۋە نۇتۇقلىرىدا ھېچنەرسە قوبۇل قىلمايتتى. ھەتتا مۇكاپاتلارنىمۇ رەت قىلىپ ئالغىلى ئۇنىمايتتى. باشقىلار ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «مەن پەقەت پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان ئاللاھ تائالانىڭلا مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇ مېدىيا ۋاسىتىلىرىنىڭ ئېكرانلىرىغا چىقىشنى خالاپ كەتمەيتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئېكرانلاردا كۆرۈنگەن قېتىم سانىمۇ ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئەبۇ زەبى ۋە رىيادتىكى بىر – ئىككى قېتىملىقى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئۇ پۈتۈن ھىممىتىنى يېزىشقىلا قاراتقان ئىدى. دائىم رەببىدىن، مەقسەت قىلغانلىرىنى يېزىشقا مۇمكىن بولغۇدەك ۋاقىت بېرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلاتتى.

ۋاپاتى

ھىجرىيە 1422 – يىلى زۇلقەئدە (11 – ئاي) نىڭ 13 – كۈنى (مىلادى 2002 – يىلى 1 – ئاينىڭ 28 – كۈنى) دۈشەنبە كەچتە 85 يىللىق ئۆمرىنىڭ تەخمىنەن 70 يىلىنى ساپ بولغان ئىسلامىي ئالاھىدىلىكنى قوغداش، توقۇلمىلارغا، شۈبھىلەرگە رەددىيە بېرىش، غەربلەشتۈرۈشنى مەزمۇن قىلغان پىكرىي ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇشقا سەرپ قىلغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر، ئۇستاز ئەنۋەر جۇندىي ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە، مەيلى ئەسەر يازغاندا بولسۇن ياكى يېگەن – ئىچكەن ۋاقىتلىرىدا بولسۇن، ھەرقانداق ۋاقىتتا تاھارەت بىلەن يۈرگەنىدى. ئۇ خۇددى ئۆز – ئۆزىگە تەزىيە بىلدۈرگەندەك مۇنداق دېگەن ئىدى: «پەزلى – مەرھەمەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، ھەقىقىي توغرا يول دېگەن ئاللاھنىڭ يولىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ توغرا يولغا يېتەكلەشتىكى پەزلى – مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە يولدىن ئېزىپ قالغان بولار ئىدۇق». جانابى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي!

ۋاپاتىدىن كېيىن

ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىمام يۈسۈف قەرەداۋى مۇنداق دەيدۇ: «تېخى ئاخشاملا نوپۇزلۇق يازغۇچى ئۇستاز ئەنۋەر جۇندىينىڭ 2002 – يىلى 1 – ئاينىڭ 28 – كۈنى رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلغانلىقىنى بىرەيلەننىڭ دەپ بېرىشى بىلەن بىلدىم. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ شۇنداق دېدىمكى، سۇبھاناللاھ! مول مەزمۇنلۇق توم – توم كىتابلىرى، چوڭقۇر پىكىرلىك ماقالىلىرى، كۈن بويى يېزىقچىلىق ۋە ئىلمىي ئەمگەك بىلەن مەشغۇل بولۇش، قەلىمى بىلەن ئىسلام ئۈچۈن، ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە كۈلتۈرى ئۈچۈن، ئىسلام دەۋىتى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قان – تەر ئاققۇزۇش بىلەن تونۇلغان بۈيۈك يازغۇچى ۋاپات بولىۋىدى، ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى بىر قانچە كۈنگىچە بىلىنمىدى، تېلېۋىزور، گېزىت – ژۇرنال، رادىئولار بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر تارقاتمىدى. ھالبۇكى، بۇ كىشى ئەرەب – ئىسلام مەدەنىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ساھەلەردە ئېنسىكلوپېدىك ئەسەرلەرنى، توم – توم كىتابلارنى مىراس قالدۇرغان ئىدى. قاھىرەدىكى ئىسلام ئىشلىرى ئالىي كېڭىشىنىڭ خىزمەتتىكى ئەزاسى ئىدى. ژۇرنالىستلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ئەزالىرىنىڭ بىرى ئىدى. 1960 – يىلى دۆلەتنىڭ تەقدىرلىشىگە نائىل بولغانىدى. ناۋادا ئەنۋەر جۇندىي بىر ناخشىچى، ياكى ئارتىس بولغىنىدا ئىدى، گېزىت – ژۇرناللارنىڭ ئىستونلىرى ئۇنىڭ شان – شەرەپلىرى، ئۇنىڭ كەسىپتىكى ئۇتۇقلىرىغا ئوقۇلغان مەدھىيەلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن بولار ئىدى».

داڭلىق يازغۇچى جامال سۇلتان مۇنداق دەيدۇ:

«بىر دوستۇم بىلەن بۈيۈك ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەنۋەر جۇندىيدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قاھىرەدىكى يوقسۇل خەلقلەر ياشايدىغان مەھەللىلەرنىڭ بىرى بولغان ‹تالەبىيە› رايونىدىكى ئۆيىگە پەتىلەپ ماڭغان چېغىمدا، ئەرەب ئەدەبىياتى ۋە ئىسلامىيەت ئىدىيەسى، غەربلەشتۈرۈش مەسىلىلىرى، ئەسلى روھنى قېزىش، ئۈممەتنىڭ ئۆزلۈكى ۋە تارىخىي سالاھىيىتىنى، مەدەنىيتىنى، ئېتىقادىنى قوغداش قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان 200 دىن ئارتۇق كىتابى بىلەن ئەرەب – ئىسلام كۇتۇپخانىسىنى بېيىتقان بۈيۈك مۇتەپەككۇرنىڭ غايەت زور سىماسى پۈتۈن ئوي – خىيالىمنى ئىگەللىۋالغانىدى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ مەھەللىسىدىكى كىشىلەرنىڭ كىچىك پېئىللىقى، كۆڭۈلچەكلىكى، ئۇنىڭ ھېچقانداق راھەت – پاراغەتنىڭ ئىزناسى كۆرۈنمەيدىغان ئۆيىگە كىرگەندىكى ھەيرانلىقىم مېنى چوڭقۇر ئويلارغا سالدى. ئۇنىڭ يالغۇز قىزىنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇستاز ئەنۋەر جۇندىينىڭ ھەتتا سۇ ئىسسىتقۇسىمۇ يوق ئىكەنتۇق. دېمەك، ياشقا چوڭ بولۇپ قالغان كىشى مىسىرنىڭ قىشتىكى سوغۇقىدا سۇ ئىسسىتقۇسىز كۈن ئۆتكۈزگەنىكەن. ھەيران قالارلىقى شۇكى، كىتاب ۋە گېزىت – ژۇرنال دېڭىزىغا شۇڭغىغان بۇ گىگانت غەۋۋاس ھەر كۈنى ئەتىگەن نەۋرە قىزىغا ئۆز قولى بىلەن ناشتىلىق تەييار قىلىپ بېرىپ، ئاندىن يېقىنلا يەردىكى مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويۇپ، قايتىشىدا بازاردىن ئۆينىڭ بىر كۈنلۈك سەي – كۆكتات قاتارلىق لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن كۇتۇپخانىسىدا خىزمىتىنى داۋام قىلىدىكەنتۇق. ئۇنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بامدات نامىزىغا ماڭغاچ بەزى چاغلاردا مەھەللىسىدىكى سۇ تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىپ سۇ توختاپ قالغانلىقىنى كۆرگەندە، لىق سۇ قاچىلانغان باكلارنى ئېلىپ چىقىپ، ئەتراپىدىكى ھەممە قوشنىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قويۇپ قويىدىكەنتۇق. قىزى ئۇنىڭ بەك جاپا تارتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچى سىيرىلىپ كايىغاندا، ‹ئاللاھ مەندىن بۇلار ھەققىدە سوئال – سوراق قىلىدۇ› دەپ جاۋاب بېرىدىكەنتۇق. بۇ ماڭا ئۇستاز ئەنۋەر جۇندىينىڭ كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇرىدىغان ‹مكتبة الاعتصام› دېگەن كىتابخانىنىڭ خوجايىنى، مەرھۇم ئۇستاز ھەسەن ئاشۇر بىلەن ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنۇ گەپلەرنى ئېسىمگە سالدى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: ‹بىر كۈنى مەن ئۇستاز ئەنۋەرگە كايىپ قالدىم، چۈنكى ئۇ قاھىرەنىڭ مەركىزىدىكى كىتابخانامدا كۆرۈشۈشكە دېيىشكەن ۋاقىتتىن كېچىكىپ قالدى. ئۇستاز ئەنۋەر ئۆزرە ئېيتىپ، ئەلئېھرام تەرەپتىن قاھىرە مەركىزىگە قاتنايدىغان ئاممىۋىي ئاپتوبۇس بەك قىستاڭچىلىق بولغاچقا، سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئولتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن قارشى يۆنىلىشنىڭ ئاپتوبۇسىغا چىقىپ ئاخىرقى بېكەتتە چۈشۈپ قېلىپ، ئاپتوبۇس كېلىپ بولغۇچە بىرئاز ساقلاپ قالغانلىقىنى ئېيتقانىدى›.

ئۇستاز ئەنۋەر جۇندىي ئىلىم، ئەمەل ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىشتىن باشقىغا قىزىقمايدىغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ قىزىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ دادىسى ھەققىدە توختالغان، ئىش – ئىزلىرىنى ماختىغان گېزىت – ژۇرناللارنى كۆرۈپ قېلىپ، خۇشاللىقىدا ئىتتىكلا قولىغا ئالغىلىۋاتقاندا، دادىسى دائىم دېگۈدەك: «بۇنداق ۋاقىتنى ئالىدىغان شاكال نەرسىلەرنى ئوقۇمايلا قويۇڭ» دەپ توسۇپ قويىدىكەنتۇق.

ئۇ ھۇرۇنلۇق ياكى ئاجىزلىقتىن ئەمەس، بەلكى قانائەتچانلىقىدىن يوقسۇل كۈن كەچۈرەتتى. ئۇ ئېھتىياجى بارلىقىغا قارىماي ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرىنى داۋاملىق مەھەللىسىدىكى قولى قىسقا قولۇم – قوشنىلىرىغا تارقىتىپ بېرەتتى. ئۇ 20 – ئەسىردىكى ئەرەب مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدىكى شەخس ئىدى. 65 يىلدىن بۇيان ژۇرنال رېداكسىيەلىرىنى ئۆزىنىڭ تېرەن پىكىرلىك ئەسەرلىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىن ئېتىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ كىتابلىرى ۋە يازغان ماقالىلىرى بىزنىڭ ئەقلىمىزنى، ئېڭىمىزنى بۇلغىنىشتىن ساقلىغان. ئۇ توختىماي يازاتتى. شۇڭا، پەقەت ئۇنىڭ يازمىلىرى بىلەنلا ھەپتىلىك ژۇرناللارنى چىقارغىلى تامامەن بولاتتى. ئۇنىڭ ھاياتىغا، ئىلمىي سەمەرىلىرىگە قايتىدىن نەزەر سالغىنىمىزدا، كەسكىن ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، 20 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، مىسىردا ئىسلامىي پىكىر قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئەنۋەر جۇندىيگە قەرزدار.

ئەمما، ئۇ كەتتى، تولىمۇ يىراققا كەتتى.

 

مەنبە: http://islamstory.com/ar

تەرجىمىدە: بىلىميار

—————————–
([1]) «تەۋبە» سۈرىسى، 111 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ