ھىندىستاننىڭ تۈرك سۇلتانى رازىيە

ھىندىستاننىڭ تۈرك سۇلتانى رازىيە

(ھ. 601 – 637 / م. 1205 – 1240)

 

ئەھمەد تەممام

 

ئىسلام تارىخى ئەرۋا بىنتى ئەھمەد سۇلەيھىييەنى، «ئىسلام دۇنياسىدا دۆلەت باشقۇرغان تۇنجى ئايال» دەپ سۈپەتلەيدۇ. ئۇ ھ. 477 / م. 1084 – يىلى ئېرى پادىشاھ مۇكەررەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يەمەن دۆلىتىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزگەن. ئۆزىگە «ھۆررە»، «مەلىكە»، «دانا خېنىم» دېگەندەك بىرقانچە ناملارنى قوللانغان. بۇ دۆلەتكە 55 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

ئاللاھنىڭ تەقدىرى باش قەھرىمانىمىز رازىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان ئىككىنچى ئۆرنەك بولۇپ قېلىشىنى خاھلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىندىستاندىكى مەملۇكىيلەر دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئىگە بولدى. رازىيەدىن قالسا مىسىردا تېگى خارەزملىك تۈرك شەجەرەتۇددۇر پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان ئۈچىنچى ئايال بولۇپ، ئۇ (ھ. 648 / م. 1250) مىسىردىكى مەملۇكىيلەر دۆلىتىنىڭ تۇنجى سۇلتانى بولغان ۋە 80 كۈن ھاكىمىيەتتە ئولتۇرغان.

گەرچە بۇ ئۈچ مەلىكەنىڭ ھاكىمىيەت تۇتقان ۋاقتى پەرقلىق بولسىمۇ، ئەقلىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، تەدبىرچانلىقى، تادانلىقى ۋە چېچەنلىكى قاتارلىقلاردا ئورتاقلىققا ئىگىدۇر.

ھىندىستاندىكى مەملۇكىيلەر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

غۇرىيلار دۆلىتى (ھ. 543 – 612 / م. 1148 – 1215) غۇر، ئافغانىستان ۋە شىمالىي ھىندىستان ئەللىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن غەزنەۋىيلەر دۆلىتىنىڭ ئىزىنى بېسىپ قۇرۇلغان. سۇلتان مۇئىززۇددىن مۇھەممەد غۇرى (ھ. 558 – 599 / م. 1162 – 1202 ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن) ئۆز ئېلىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تۇتۇپ تۇرۇشتا سېتىۋالغان مەملۇكلەر (قۇللار) دىن پايدىلانغان بولۇپ، ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە ئۇلارنى غازات ۋە جىھادقا تەييارلايتتى، ئۇلارنىڭ ياراملىق ۋە تالانتلىقلىرىنى سەركەردىلىككە ۋە خاھلىغان مەنسەپكە ئۆستۈرەتتى. مۇشۇ مەملۇكلەر ئارىسىدىن قۇتبىددىن ئايبەگ دېگەن بىر كىشى تونۇلغان بولۇپ، سۇلتان مۇھەممەد غۇرى ئۇنى دېھلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى قىلغان ئىدى.

تۈرك قۇتبىددىن ماھىر سەركەردە ۋە ئادىل ئەمەلدار بولۇپ، ئىسلامغا چىڭ ئېسىلاتتى، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنى يامان كۆرەتتى، ھىندىستاندا ھۆكۈم سۈرگەن تەبىقىلەر تۈزۈمىنى ئۆچ كۆرەتتى. دېھلىدىكى ئېگىز مۇنارلىق، كاتتا بىر مەسجىد ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىنىدۇ. بۇ مەسجىد ھېلىھەممۇ بار بولۇپ، ھازىرغىچە «قۇتبى مۇنار» دەپ تونۇلىدۇ. مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 250 قەدەم (80 مېتىر) كېلىدۇ.

سۇلتان مۇھەممەد غۇرى ئۇزۇن ياشىيالماي، ھ. 603 / م. 1206 – يىلى سۇيىقەستكە ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن دېھلى شەھرىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا شارائىت ھازىرلىنىپ، ھىندىستاندىكى مەملۇك سۇلتانلىرى دۆلىتىنىڭ پايتەختى دەپ جاكارلاندى. لېكىن، قۇتبىددىننىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي، ھ. 608 / م. 1210 – يىلى ئېتىنىڭ ئۈستىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈم بىلەن قۇچاقلاشتى. ئۇ ئورنىغا ئوغلى ئارامشاھنى قالدۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەلنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشقا لاياقىتى توشمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئارامشاھنىڭ دادىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مەملۇكلىرىدىن بىرى بولغان ئىلتۇتمۇش باشقا ئەمىرلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنى مەنسەپتىن قالدۇردى ۋە ھ. 608 / م. 1211 – يىلى تەختكە ئولتۇردى.

ئىلتۇتمۇشنىڭ ھۆكۈمرانلىقى

شەمسىددىن ئىلتۇتمۇش (ھ. 608 – 634 / م. 1211 – 1236 ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن) ھىندىستان مەملۇكىيلەر دۆلىتىنىڭ ھەقىقىي قۇرغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەسلىدە سۇلتان قۇتبىددىن ئايبەگ غەزنەدىن سېتىۋالغان بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭ تالانتى ئۇنى چوڭ مەنسەپلەرگە ئۆرلەشكە نېسىپ قىلغانىدى. ئۇ خوجىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەچكە، خوجىسى ئۇنى مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ باشلىقى قىلغان ئىدى، ئاندىن ئۇنىڭغا ھىندىستاننىڭ بەزى ۋىلايەتلىرىنى باشقۇرۇشنى تاپشۇرغان ئىدى.

ئىلتۇتمۇش دۆلەتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىپلا، دۆلەتنى باشقۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى نادىر تالانتىنى ئىشقا سېلىپ، ئادالەت بەرپا قىلدى ۋە مەزلۇملارنىڭ ھەقلىرىنى ئېلىپ بەردى. ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئەلنى ئىدارە قىلىشتا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن، «قىرىق» نامىدا مەملۇك ئەمىرلەرنىڭ چوڭلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر مەجلىس قۇرغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ھەربىر مەزلۇمنى بوياقلىق كىيىم كىيىشكە بۇيرۇغان بولۇپ، ھىندىستانلىقلار ھەممىسى ئاق كىيىم كىيەتتى. ئۇ كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ياكى بىرەر توپ كىشىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، بوياقلىق كىيىم كىيگەن بىرسىنى كۆرۈپ قالسا، ئۇنىڭ دەۋاسىغا قاراپ، زۇلۇم قىلغان كىشىدىن ئۇنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرەتتى.

ئىلتۇتمۇش ئەتراپىدىكى ئەللەرنى ۋەيران قىلغان چىڭگىزخان باشچىلىقىدىكى موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىغا زامانداش بولغان. لېكىن، موڭغۇللار ھىندىستاندىن تېزلا چېكىنگەن ۋە كۆزلىرىنى غەربكە قاراتقان. نەتىجىدە، ئىلتۇتمۇشنىڭ دۆلىتى خارابلىق ۋە ۋەيرانلىقتىن قۇتۇلۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ موڭغۇل ھۇجۇمى ئۇنىڭ شىمالدىكى دۈشمەنلىرىنى يوقىتىپ بەرگەن بولغاچقا، ئۇنى ئۆز دۆلىتىنىڭ چېگراسىنى كېڭەيتىش ۋە بۇرۇنقى خوجىسى قۇتبىددىن ئايبەگنىڭ شىمالىي ھىندىستاندىكى جىمى ئىگىلىكلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ ئۇتۇقى يۈكسەك پەللىگە يېتىپ، ئابباسىيلار خەلىفەسى ئۇنىڭ ھىندىستان ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئەلگە سۇلتان ئىكەنلىكىنى ماقۇللىغان. شۇنداقلا، ئابباسىيلار خەلىفەسى مۇستەنسىر بىللاھ ھ. 626 / م. 1229 – يىلى ئۇنىڭغا پۈتۈك، تون ۋە بايراقلارنى ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىندىستاندا بۇ مەنسەپنى تاپشۇرۇۋالغان تۇنجى سۇلتان بولغان ۋە ئابباسىيلار خەلىفەسىنىڭ ئىسمىنىڭ يېنىغا ئۆزىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان كۈمۈش پۇل ياساشقا باشلىغان. بۇ پۇل ھىندىستاندا ياسالغان تولۇق ئەرەبچە خەتلىك تۇنجى كۈمۈش پۇل ھېسابلىنىدۇ.

سۇلتان رازىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقى

ھ. 634 / م. 1236 – يىلى سۇلتان ئىلتۇتمۇش ۋاپات بولدى ۋە ئورنىغا ئوغلى رۇكنىددىن فەيرۇزنى قالدۇردى. لېكىن، ئۇ ئويۇن – تاماشىغا بېرىلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئۆزبېشىمچى ئانىسىغا تاشلاپ قويۇپ، ھاكىمىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى. ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلىشىپ، ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىقلار ئۇلغايدى. ئاخىرىدا، كۆپلىگەن ئەمىرلەر ئىلتۇتمۇشنىڭ قىزى رازىيەگە بەيئەت قىلدى ۋە ئۇنى سۇلتانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. رازىيە (رازىيەتۇددىن) ئەقلى ئۆتكۈر، شىجائەتلىك ۋە ناھايىتى زېرەك، «قۇرئان» يادلىغان ۋە ئىسلام فىقھىسىنى ئوبدان بىلىدىغان قىز ئىدى. ئاتىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا بەزى ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنى ئويۇن – تاماشىغا بېرىلىپ كەتكەن ئاكىلىرىنىڭ ئورنىغا ۋەلىئەھد قىلىشنىمۇ ئويلىغان ئىدى. لېكىن، باشقىلارنىڭ ئېتىرازىدىن ئەنسىرەپ قىلمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا دادىسىنىڭ راۋا كۆرگىنى ئەمەلگە ئاشتى. رازىيە سۇلتانلىقنى قولغا ئېلىپلا، ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى ۋە باتۇرلۇقىنى نامايان قىلغان بولۇپ، ھىندىستان تارىخچىلىرى ئۇنىڭغا «مەلىكەيى دەۋران، بىلقىسى جاھان» دېگەن نامنى قوللانغان.

ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلى

رازىيە دېھلى سۇلتانلىقى تەختىدە (ھ. 634 – 637 / م. 1236 – 1240) تۆت يىلچە ئولتۇرغان ۋە بار كۈچىنى ئاكىسىنىڭ بۇزۇپ – چېچىشى تۈپەيلى خەزىنىلىرى قۇرۇقدىلىنىپ كەتكەن دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە سەرپ قىلغان ھەمدە ئادىل ۋە ھېكمەتلىك سىياسەت تۇتۇشتا ئاتىسىنىڭ يولىدا ماڭغان. لېكىن، ئۇ قىرىق كىشىلىك مەجلىسنى تەشكىل قىلىدىغان، ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان چوڭ ئەمىرلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. مەلىكە تىرىشىپ، ئۇلارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشكە ۋە ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدۇ ۋە ئۆزىگە سەركەشلىك قىلغانلارنى تەقىب قىلىدۇ.

ئۇ ئەرەنچە قىياپەتتە كۆرۈنەتتى ۋە تەختتە ئۈستىگە يەكتەك، بېشىغا بۆك كىيىپ ئولتۇراتتى. جەڭلەردە پىلغا مىنىۋېلىپ، قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلاتتى.

ئۇ مەملىكەتنىڭ ئەھۋالىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى رەتلەشكە كىرىشتى، دۆلەتكە يېڭى ۋەزىر تەيىنلىدى ۋە قوشۇن ئىشىنى سەيفىددىن ئايبەگ ئىسىملىك ئەڭ قابىل سەركەردىلىرىنىڭ بىرىگە تاپشۇردى. رازىيەنىڭ قوشۇنلىرى رىنتىھبور قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، قەلئەدىكى قامال قىلىنغان مۇسۇلمانلارنى ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزدى. ھىندىلار رازىيەنىڭ دادىسى سۇلتان ئىلتۇتمۇشنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قەلئەنى قامال قىلىۋالغان ئىدى.

بىراق، بۇ سىياسەت ئۆزلىرىگە بىر ئايالنىڭ ھۆكۈمران بولۇشىنى ياقتۇرمىغان مەملۇكىيلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇلتاننىڭ جامالىددىن ياقۇت دەيدىغان بىر پارس ئەرنى ئۆزىگە يېقىن تۇتقانلىقى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئۆچىنى قوزغىدى. بۇ ئەر چەۋەندازلارنىڭ سەركەردىسى مەنسىپىگە ئېرىشكەن ئىدى. سۇلتان بۇ قېتىم ئۆزىگە قارشى قوزغالغان ئىسيان ھەرىكەتلىرىنى جىمىقتۇرالمىدى. نەتىجىدە، مەملۇكىيلەر ئۇنىڭغا قارشى بىرلىشىپ، توپىلاڭ قوزغىدى. رازىيە باتۇرلارچە توپىلاڭنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولدى. ئاخىرى، ئىش ھ. 637، 25 – رەبىئۇلئەۋۋەل / م. 1239، 25 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاياغلاشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن تەختكە قېرىندىشى سۇلتان مۇئىززۇددىن چىقتى.

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

أحمد بخش الهروي – المسلمون في الهند – ترجمة أحمد عبد القادر الشاذلي – الهيئة العامة للكتاب – القاهرة – 1995.

عبد المنعم النمر – تاريخ الإسلام في الهند – المؤسسة الجامعية للدراسات والنشر – بيروت – 1401هـ=1981م.

ابن بطوطة – تحفة النظار في غرائب الأمصار وعجائب الأسفار (رحلة ابن بطوطة) – المطبعة الخيرية – القاهرة – 1322هـ.

 

مەنبە: www.islamonline.com

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ